باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1718 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىمانغا ھۆكۈم قىلىشنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2194 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 14:02

ئىمانغا ھۆكۈم قىلىشنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن

دىيانەت خەۋەر تورىنىڭ 21-سىنتەبىر خەۋىرى:
 



دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەخبارىييە خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى خالىغانچە يەنە بىر مۇسۇلماننى تەكفىر قىلىشى (يەنى كاپىر دېيىشى)، ئازغۇن دەپ ئەيىپلىشى، ئۇنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم كېسىشى ئىدىئولۇگىيەلىك تېرورچىلىقتۇر" دېدى.
"نەبەۋى سۈننەت ۋە چاغداش ئىسلامىي تەتقىقاتلار" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا "تەكفىر (كاپىر قىلىش) ھادىسىسى" ناملىق بىر ماقالىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەدىنىگە بارغان تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
"بۇ تېرورچىلىق، زوراۋانلىقنى قوللايدىغان باشقا تېرورچىلىقنىڭ باشلامچىسى ۋە خەۋەرچىسىدۇر. يۈزگە يېقىن پىكىر چۈشەنچە ئېقىمىنى ھاسىل قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلاتلىرى سۈننى، شىئە، ۋاھابىي، سەلەفى قاتارلىق پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنى تەكفىر قىلىشسا (كاپىرغا چىقارسا) بولمايدۇ. دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان بارلىق پاكولتېت ۋە ئۈنىۋېرسىتلار بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا دەرس پروگراممىلىرىنى، دەرسلىك كىتابلىرىنى يېڭىۋاشتىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشى كېرەك."
دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ باھالاشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەھمەت گۆرمەز: "ئىمانغا ھۆكۈم قىلىش ئىشىنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن. ئىمانغا ھۆكۈم كېسىش بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر" دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى زامانلاردا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل ھۆكۈم كېسىشنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلىغانلىقىنى خاتىرلاتقان مەھمەت گۆرمەز، ھازىرقى زاماندىمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەكرار قوزغىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيادا نۇرغۇن يەرلەردە، ئىسلام دۇنياسىدا ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، كاۋكازدىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن سۇمالىدىكى ئاچارچىلىققا قەدەر نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ ئاساسىدا جاھالەتتىن بارلىققا كەلگەن بۇ ئىدىئولوگىيەلىك تېرورچىلىقىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىدى.
تۈركچە خەۋەر سۆزمۇ-سۆز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
مەنبە:
http://diyanethaber.com/Muftuluk-allah-imani-yargilamayi-insanlara-birakmamistir--3824.html#Scene_1
ئۇيغۇرچە ipad كىتاب بار، تېلېفونىڭىزغا چۈشۈرۈڭ.
2-1-قىسىم: http://www.filecluster.com/iPad/-1-2--134953.html  
4-3-قىسىم: http://www.appannie.com/421822253/ http://www.filecluster.com/iPad/-3-4--134952.html
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 520
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە520دانە
ئۆسۈش: 1463 %
مۇنبەر پۇلى: 6057 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-10-20
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 09:58

نوتۇق مەزمۇنىنى  تولۇق ئوقۇمىدىڭلارمۇ قانداق؟
بۇ نوتۇقتا بۇتقا چوقۇنغانلارنىڭ ياكى ئاللاھقا ئاشكارا شىرىك كەلتۈرگەنلەرنىڭ گېپى يوقكەن.

"بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى خالىغانچە يەنە بىر مۇسۇلماننى تەكفىر قىلىشى (يەنى كاپىر دېيىشى)، ئازغۇن دەپ ئەيىپلىشى، ئۇنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم كېسىشى ئىدىئولۇگىيەلىك تېرورچىلىقتۇر" دېدى.

يۈزگە يېقىن پىكىر چۈشەنچە ئېقىمىنى ھاسىل قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلاتلىرى سۈننى، شىئە، ۋاھابىي، سەلەفى قاتارلىق پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنى تەكفىر قىلىشسا (كاپىرغا چىقارسا) بولمايدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ باھالاشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەھمەت گۆرمەز....

كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ........

يۇقارقى بايانلارنىڭ  ھەممىسىدە  مۇسۇلماننىڭ گېپى بولىۋاتىدۇ.  مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبلىك، باشقىچە پىكىردىكى مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك، دەپتۇغۇ!
تەپەككۇر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئېسىل نېئمىتىدۇر!