查看完整版本: [-- ئىمانغا ھۆكۈم قىلىشنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئىمانغا ھۆكۈم قىلىشنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

dilara 2011-09-29 14:02
دىيانەت خەۋەر تورىنىڭ 21-سىنتەبىر خەۋىرى:
 [attachment=12677]
[attachment=12678]
دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەخبارىييە خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى خالىغانچە يەنە بىر مۇسۇلماننى تەكفىر قىلىشى (يەنى كاپىر دېيىشى)، ئازغۇن دەپ ئەيىپلىشى، ئۇنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم كېسىشى ئىدىئولۇگىيەلىك تېرورچىلىقتۇر" دېدى.
"نەبەۋى سۈننەت ۋە چاغداش ئىسلامىي تەتقىقاتلار" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا "تەكفىر (كاپىر قىلىش) ھادىسىسى" ناملىق بىر ماقالىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەدىنىگە بارغان تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
"بۇ تېرورچىلىق، زوراۋانلىقنى قوللايدىغان باشقا تېرورچىلىقنىڭ باشلامچىسى ۋە خەۋەرچىسىدۇر. يۈزگە يېقىن پىكىر چۈشەنچە ئېقىمىنى ھاسىل قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلاتلىرى سۈننى، شىئە، ۋاھابىي، سەلەفى قاتارلىق پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنى تەكفىر قىلىشسا (كاپىرغا چىقارسا) بولمايدۇ. دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان بارلىق پاكولتېت ۋە ئۈنىۋېرسىتلار بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا دەرس پروگراممىلىرىنى، دەرسلىك كىتابلىرىنى يېڭىۋاشتىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشى كېرەك."
دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ باھالاشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەھمەت گۆرمەز: "ئىمانغا ھۆكۈم قىلىش ئىشىنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن. ئىمانغا ھۆكۈم كېسىش بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر" دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى زامانلاردا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل ھۆكۈم كېسىشنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلىغانلىقىنى خاتىرلاتقان مەھمەت گۆرمەز، ھازىرقى زاماندىمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەكرار قوزغىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيادا نۇرغۇن يەرلەردە، ئىسلام دۇنياسىدا ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، كاۋكازدىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن سۇمالىدىكى ئاچارچىلىققا قەدەر نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ ئاساسىدا جاھالەتتىن بارلىققا كەلگەن بۇ ئىدىئولوگىيەلىك تېرورچىلىقىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىدى.
تۈركچە خەۋەر سۆزمۇ-سۆز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
مەنبە:
http://diyanethaber.com/Muftuluk-allah-imani-yargilamayi-insanlara-birakmamistir--3824.html#Scene_1

ئىزباسار 2011-09-29 20:01
قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق قانداق ئادەمنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ ئاشكارلىساق بۇلىدۇ

axik4587 2011-09-29 21:41
ھەجەپ توغرا گەپ قىپتا ما ئادەم.  بىز بەكرەك ئاڭلساق بولدغان گەپكەن!!!!

albax 2011-09-29 23:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-09-29 20:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق قانداق ئادەمنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ ئاشكارلىساق بۇلىدۇ

  ئېھتىمال سىز گۈرمەز ئەپەندىدىنمۇ بىلىملىك بۇلۇشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن بۇ كىشى سىزنىڭ قارىشىڭىزنىمۇ ئىنكار قىلغاندەك قىلىدۇ . بايانات ئېلان قىلىپ باقامسىز يا ؟

ھۆكۈمران 2011-09-30 01:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى albax نىڭ 2011-09-29 23:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

  ئېھتىمال سىز گۈرمەز ئەپەندىدىنمۇ بىلىملىك بۇلۇشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن بۇ كىشى سىزنىڭ قارىشىڭىزنىمۇ ئىنكار قىلغاندەك قىلىدۇ . بايانات ئېلان قىلىپ باقامسىز يا ؟

ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئايەت-ھەدىستىن دەلىل ئېلىپ كېلىش ھەق- ھوقوقى بار،ھەرقانداق ئادەمدىنىڭ سۆزى قۇرئان-ھەدىستىن چەتنىسە بىردەك رەت قىلىندۇ.

qutluq 2011-09-30 02:40
بۇ ناكۇسا تۈركنىڭ سۆزى خاتا. ھۆكۈمران تورداشنىڭ سۆزى توغرا.

ئىزباسار 2011-09-30 08:41
مەسلەن قۇرئاندا بۇتقا ئىبادەت قىلغانلارنى كاپىر دەيدۇ. ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن ئادەملەرنى كاپىر دەيدۇ. مۇشۇنداق ئۇچۇق بايانلار تۇرسا بىز شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەكمۇ يۇقارقى تۇرك مىللىتىلىك كىشىنىڭ گىپى بۇيىچە <بىزنىڭ كاپىر دەپ ھۈكۈم چىقىرىدىغان سالاھىيتىمىز يوق> دەپ ئولتىرىۋىرەمدۇق. ئۇنداق قىلمايمىز. قېرىنداش. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدىن بۇ تۇرۇكنىڭ گىپىنى يۇقرى ئۇرۇندا قويغان بولمامدۇق؟
قۇرئاندا ۋە ھەدىستە ئۇچۇق كاپىرلىقىغا دەلىل كەلگەن كىشىلەرنى كاپىر دەۋىرىمىز.
ئىسىڭىزدە بولسۇن كاپىرنى كاپىر دەپ ئىتقاد قىلماسلىقمۇ كاپىرلىق........

oylinish 2011-09-30 09:58
نوتۇق مەزمۇنىنى  تولۇق ئوقۇمىدىڭلارمۇ قانداق؟
بۇ نوتۇقتا بۇتقا چوقۇنغانلارنىڭ ياكى ئاللاھقا ئاشكارا شىرىك كەلتۈرگەنلەرنىڭ گېپى يوقكەن.

"بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى خالىغانچە يەنە بىر مۇسۇلماننى تەكفىر قىلىشى (يەنى كاپىر دېيىشى)، ئازغۇن دەپ ئەيىپلىشى، ئۇنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم كېسىشى ئىدىئولۇگىيەلىك تېرورچىلىقتۇر" دېدى.

يۈزگە يېقىن پىكىر چۈشەنچە ئېقىمىنى ھاسىل قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلاتلىرى سۈننى، شىئە، ۋاھابىي، سەلەفى قاتارلىق پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنى تەكفىر قىلىشسا (كاپىرغا چىقارسا) بولمايدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ باھالاشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەھمەت گۆرمەز....

كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ........

يۇقارقى بايانلارنىڭ  ھەممىسىدە  مۇسۇلماننىڭ گېپى بولىۋاتىدۇ.  مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبلىك، باشقىچە پىكىردىكى مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك، دەپتۇغۇ!

rida 2011-09-30 10:18
ما بۇرادەرلەرنى،،، بولسا ئاشۇنداق تەييار ئوڭ گەپنىمۇ قەرىپ چۈشۈنۈپ ئۇششاق پاراڭ بىلەن يۈرىۋىرىڭلار مۇشۇنداق.  بۇنى ئاددىيلا قىلىپ:« بىراۋنىڭ ئىمانىنى قالايمىقان باھالاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى» گە قىلىنغان تەشۋىقاتكەن دەپلا چۈشەنسە كۇپايىغۇ، گەپ بولسىلا زىغىرلاپ ئوتتۇراپ ئىچىڭلارمۇ سىقىلمايدىكەن ھېلىمۇ......

rida 2011-09-30 10:24
يۇقۇردا ئىنكاسلار ئىچىدە  7- قەۋەتتە ئويلىنىش بۇرادەر  خىلى ئويلۇنۇپ گەپ قىلىپتۇ.

axik4587 2011-09-30 13:08
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-09-30 08:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 3-قەۋەت (albax) نىڭ يازمىسىغا :
مەسلەن قۇرئاندا بۇتقا ئىبادەت قىلغانلارنى كاپىر دەيدۇ. ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن ئادەملەرنى كاپىر دەيدۇ. مۇشۇنداق ئۇچۇق بايانلار تۇرسا بىز شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەكمۇ يۇقارقى تۇرك مىللىتىلىك كىشىنىڭ گىپى بۇيىچە <بىزنىڭ كاپىر دەپ ھۈكۈم چىقىرىدىغان سالاھىيتىمىز يوق> دەپ ئولتىرىۋىرەمدۇق. ئۇنداق قىلمايمىز. قېرىنداش. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدىن بۇ تۇرۇكنىڭ گىپىنى يۇقرى ئۇرۇندا قويغان بولمامدۇق؟
قۇرئاندا ۋە ھەدىستە ئۇچۇق كاپىرلىقىغا دەلىل كەلگەن كىشىلەرنى كاپىر دەۋىرىمىز.
ئىسىڭىزدە بولسۇن كاپىرنى كاپىر دەپ ئىتقاد قىلماسلىقمۇ كاپىرلىق........

ھوي كۆز كاللنىڭ ژۇتغى بولمىغانىدىنكىن بەكرەك قارايلى ئۇ ئادەم مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتورسدىكى گەپنى قىلۋېتپتغۇ .بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمانى خالغانچە كاپىر دەيدغانغا ئىمانسسىز دەيدغانغا ھوقۇقى يوق بۇنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللا بىلدۇ. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسدىكى تۇرلۈك ئختلاپلارنى تۈگۈتۈش رەۋشتە تۇرۇپ گەپقلۋېتپتغۇ  دېمسمۇ توغرا بۇ گەپقۇ بۇ.  بۇ يەردە ھچكىم ھەم ھېلقى تۈرۈكمۇ   ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدىن ئۈستۈن سۆز قلالمايدۇ  جۈرەتمۇ قلالمايدۇ ھەم ئۇنداق بىلمۇ يوق بۇ نۇقتنى بۇ تۈرۈك يولداشمۇ بىزدىن بەك بىلدۇ. ئالامەت خەق باكەنغۇ ما مۇنبەردە!!!

تاھىربەگ 2011-09-30 15:04
ئى مەن يوللىغان ئۇستاز ۋە شاگىرت دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ قويۇڭلا . مۇشنىڭغا دائىر مەزمۇن بار

كۆكئاي 2011-09-30 15:17
ئۇ تۈركنىڭمۇ تۇغرا ئەپەندى.ئەخلاقنى ئۈگۈنۋىلىڭ.سىز دىمسىڭىزمۇ ئۇ ئادەمنىڭ كۇسا ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز كۆردۇق.

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتە بىزنىڭ قىبلىمىزگە قاراپ ناماز ئۇقۇغۇچىلارنى كاپىر دىمەيمىز.ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلېرى مەقبۇل،ئەمما شەرىئەتنى تەۋىل قىلىشى ئۇخشىمايدۇ.
پەقەت ئۆزىڭىزنى سورىمايدىكەنسىز تەقسىر

0999kokbora 2011-09-30 15:35
شۇنچە ئىنىق تۇرسىمۇ  بەزىلەرنڭ چۇشەنمەي يۈرگىنىنى ،كاللا دىسە پاقالچاق دىگەن  شۇدە ،چۈشىىنىپ ئوقۇڭلارەي قارقوساقلار

paris 2011-09-30 15:53
تېمىنى يوللىغان دىللاراغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن!
بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ مەقسىتى بىردۇر.

لۇتفى 2011-09-30 22:29
ئۇنداق  بولسا  ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغان ئەھمەدىيلەرنى نېمە دېگۈلۈك ، ئۇلارنىمۇ كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمايمىزمۇ؟

muslima32 2011-10-01 01:50
مەنمۇ ئويلىنىش قېرىندىشىمنىڭ ئىنكاسىنى قوللايمەن بۇ تېمىنى ئويلىنىش قېرىندىشىمىز تۇللۇق چۈشۈنۈپتۇ شۇنداقلا مەنمۇ شۇ قېرىندىشىمىزغا ئو خشاش چۈشەنچىدە، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرەم بىزنى ياخشى بىر خەۋەردىن خەۋەردار قىلىپسىز،

wolqan 2011-10-01 11:30
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى كۆكئاي نىڭ 2011-09-30 15:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 5-قەۋەت (qutluq) نىڭ يازمىسىغا :
ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتە بىزنىڭ قىبلىمىزگە قاراپ ناماز ئۇقۇغۇچىلارنى كاپىر دىمەيمىز.ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلېرى مەقبۇل،ئەمما شەرىئەتنى تەۋىل قىلىشى ئۇخشىمايدۇ.
ياكى سىزگە ئەلبانى پىر -ئىشانىڭىز  بىزنىڭ دىگىنىمىزدەك قىلمىغانلارغا تەكفىر ھۈكمى كەسسەڭ بۇلدۇ دەپ پەتۋا چىقىرىپ بەردىمۇيا؟
پەقەت ئۆزىڭىزنى سورىمايدىكەنسىز تەقسىر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم، ئېيتقانلىرىڭىز دۇرۇس، ئەھلى سۈننە ۋەلجامئەنىڭ ئىتقادىدا بىزنىڭ قىبلىمىزگە قاراپ ناماز ئوقۇغۇچىنى كاپىر دىمەيمىز. (بەش نامازنى تەرىك قىلماي تولۇق ئوقىغانلا بولسا) ئېيقىنىڭىزدەك ئىنسانلارنىڭ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى ئوخشىمىغان يەردە، يۇقۇردىكى ئۆلمانىڭ گىپىنى چۈشۈنۈشتىمۇ بىرئاز ئوخشىماسلىقنىڭ چىقىشى تەبئىي. ئەمدى گەپكە كەلسەك سىز شەيىخ ئەلبانىنى ئۆزىڭىزنىڭ مەسخىرە ئوبىكتىڭىز قىلۋالغىنىڭىز قىززىق. بەلكىم سىز چوڭ كۆرگەن شۇ ئۆلمالارمۇ ئۇنىڭ  رەتلىگەن، باھالىغان، ھەدىس كىتابلىرىغا مۇراجەت قىلىدۇ. شۇڭا ئەزىز تىلىڭىزنى ئىلىم ئەھلىلىرىنى مەسخىرە، چۈشۈرۈش ئوبىكتى قىلىشتىن تارتىڭ. بەلكىم ئۇنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئورنى سىزدىن يۇقىرى بولۇشى ھەم مومكىن.
<<70گۇناھى كەبىر>> دىگەن كىتابتا ھەسەتنىڭ بابىدا شۇنداق بايان قىلىنىدۇ.
ئىبلىسىنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلماي، چوڭ چىلىق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ھەسەت، ئۇنىڭ ھەسىتى قوزغىغان نەرسىنىڭ بىرى ئاللاھ ئادەمنى لايدىن يارىتىپ نۇردىن يارتىلغان پەرىشتىلەرنى، ئوتتىن يارتىلغان ئىبلىسنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. دەل بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەسلىنىڭ ناھايىتى ئىسىىل ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، قارالايدىن يارىتىلغان ئادەمنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە ھەسەت قىلىدۇ. يەنە بىرى ئىبلىس بولسا پەرىشتىلەرگە دەرىس بىرىپ كىلىۋاتقان پىشقەدەم ئۆلىما، ئەمما ئادەم ئەلەيھسسالام بولسا ئەمدىلا يارىتىلغان، ئىلىم يولىنى ئەمدە باشلىغان تالىبچاق، ئەمما ئاللاھ ئۆز قۇدرەت كاملى بىلەن ئادەمگە پەرىشتىلەر بىلمىگەن ئىلىمنى ئاتا قىلدى، دىمەك ئىبلىسنىڭ بۈيەردە ھەسەت قىلغىنىنىڭ يەنە بىرى ئادەمگە بىرىلگەن ئىلىم.
بەزىدە دەۋرىمىزمدىكى ئاللاھنىڭ ھەق يولىنى تىپىش، تۇتۇپ مىڭىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىزغا ۋاھابى، خاۋارىچ، بەدمەزھەب دەپ نام بىرىۋاتقانلارنى ئىبلىسىنىڭ شۇۋاقىتتىكى ھالىتىگە ئوخشىتىپ قالىمەن.
ئاخىردا ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىغاي، ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىغان، سەلەف سالىھىنلارغا ئەگەشكەن، مۆئمىنلەردىن قىلسۇن.

كۆكئاي 2011-10-01 11:37
كەچۈرۈڭ ئەگەر سىزگە ئىنكاسىم شۇنداق تۇيغۇ بەرگەن بولسا مەن تەھرىرلىۋىتەي ،مەن بۇيەردە ئۇزاتنى تىلغا ئىلىشىم قۇتلۇق ئەپەندىم بىلەن باغلىنىشلىق.

ayguzal 2011-10-01 12:41
ھەجەپ پەخىرلەندىم ئۇيغۇرۇمنىڭ دىنى بىلىمىدىن.
ناۋادا جەننەتكە كىرىپ قالسا شۇ يەردىمۇ سۆرەپ چىقىرىپ ئاللانىڭ ئالدىغا ئاپىرىدىغۇ ھەقاچان.ماۋۇ كاپىر ئۇقۇشماي جەننەتكە بۇيرۇلۇپ خاتا كىرىپ قاپتۇ دەپ.

albax 2011-10-01 16:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-09-30 08:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  3-قەۋەت (albax) نىڭ يازمىسىغا :
مەسلەن قۇرئاندا بۇتقا ئىبادەت قىلغانلارنى كاپىر دەيدۇ. ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن ئادەملەرنى كاپىر دەيدۇ. مۇشۇنداق ئۇچۇق بايانلار تۇرسا بىز شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەكمۇ يۇقارقى تۇرك مىللىتىلىك كىشىنىڭ گىپى بۇيىچە <بىزنىڭ كاپىر دەپ ھۈكۈم چىقىرىدىغان سالاھىيتىمىز يوق> دەپ ئولتىرىۋىرەمدۇق. ئۇنداق قىلمايمىز. قېرىنداش. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدىن بۇ تۇرۇكنىڭ گىپىنى يۇقرى ئۇرۇندا قويغان بولمامدۇق؟
قۇرئاندا ۋە ھەدىستە ئۇچۇق كاپىرلىقىغا دەلىل كەلگەن كىشىلەرنى كاپىر دەۋىرىمىز.
ئىسىڭىزدە بولسۇن كاپىرنى كاپىر دەپ ئىتقاد قىلماسلىقمۇ كاپىرلىق........

  مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى ئاستىدىكى قېرىنداشلار دەپ بۇلۇپتۇ . يەنە پىكرىڭىز بارمۇ  قېرىنداش ؟

ئىزھار1 2011-10-01 20:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار  بۇ شەيىخنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ  دۈشمەنلىرى ھېچقانداق ئورتاق نوقتىسى يوق تۇرۇپ بىرلىشىپ تەرەپ-تەرەپ تەرەپتىن مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ ماددى ۋە روھى پۇتۇن بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىۋاتقان  مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن ئورتاق تەرەپلىرى تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۆز-ئارا ئىختىلاپ ، تالاش - تارتىش قىلىپ دۈشمەننىڭ ئويلىغىنىدەك ئىش قىلىپ ئۈممەتنىڭ ھالاكەتكە قاراپ مىڭىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئۇلارنىڭ بىرلىششىگە قىلغان چاقىرىقى ، ئاللاھقا شۇكرى . مانا بۇ پىلاننى (ئىسلام بىرلىكىنى)ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئىسلام ئەھلىنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىش بۇ تۈركىيەنىڭ پىلان كۈن تەرتىپىگە كىرگۈھۇلگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان .
مانا بۇ بىزلەرنىڭ ھەم پىلان ئارزۇيىمىز بۇلىشى ، بۇنىڭ ئۈچۈن قۇلىمىزدىن كىلىشچە ھەركەت قىلىشىمىز باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەجبۇرىيتىمىز .
بىز لەر چۇقۇم ئۈممەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى سەل چاغلىماسلىقىمىز كىرەك .
خاتا يەرلىرىم بولسا تەنقىدى - پىكىر بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن !

general 2011-10-01 21:21
بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىسا ئادەمنىڭ ئىچى بەكمۇ پۇشۇپ كېتىدۇ-دە! تېمىنى ئوقۇماي ئىنكاس يېزىشقا ئالدىرايدۇ،نەتىجىدە ھاماقەتلەرچە سۆزلەپ قويىدۇ.

xerinbulak 2011-10-02 13:40
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ بىلىمىنى زىيادە قىلسۇن!مۇسۇلمانلار ھەممىمىز قېرىنداش!


查看完整版本: [-- ئىمانغا ھۆكۈم قىلىشنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056197 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us