باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1716 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىمانغا ھۆكۈم قىلىشنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2194 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 14:02

ئىمانغا ھۆكۈم قىلىشنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن

دىيانەت خەۋەر تورىنىڭ 21-سىنتەبىر خەۋىرى:
 



دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەخبارىييە خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى خالىغانچە يەنە بىر مۇسۇلماننى تەكفىر قىلىشى (يەنى كاپىر دېيىشى)، ئازغۇن دەپ ئەيىپلىشى، ئۇنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم كېسىشى ئىدىئولۇگىيەلىك تېرورچىلىقتۇر" دېدى.
"نەبەۋى سۈننەت ۋە چاغداش ئىسلامىي تەتقىقاتلار" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا "تەكفىر (كاپىر قىلىش) ھادىسىسى" ناملىق بىر ماقالىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەدىنىگە بارغان تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
"بۇ تېرورچىلىق، زوراۋانلىقنى قوللايدىغان باشقا تېرورچىلىقنىڭ باشلامچىسى ۋە خەۋەرچىسىدۇر. يۈزگە يېقىن پىكىر چۈشەنچە ئېقىمىنى ھاسىل قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلاتلىرى سۈننى، شىئە، ۋاھابىي، سەلەفى قاتارلىق پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنى تەكفىر قىلىشسا (كاپىرغا چىقارسا) بولمايدۇ. دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان بارلىق پاكولتېت ۋە ئۈنىۋېرسىتلار بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا دەرس پروگراممىلىرىنى، دەرسلىك كىتابلىرىنى يېڭىۋاشتىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشى كېرەك."
دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ باھالاشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەھمەت گۆرمەز: "ئىمانغا ھۆكۈم قىلىش ئىشىنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن. ئىمانغا ھۆكۈم كېسىش بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر" دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى زامانلاردا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل ھۆكۈم كېسىشنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلىغانلىقىنى خاتىرلاتقان مەھمەت گۆرمەز، ھازىرقى زاماندىمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەكرار قوزغىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيادا نۇرغۇن يەرلەردە، ئىسلام دۇنياسىدا ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، كاۋكازدىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن سۇمالىدىكى ئاچارچىلىققا قەدەر نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ ئاساسىدا جاھالەتتىن بارلىققا كەلگەن بۇ ئىدىئولوگىيەلىك تېرورچىلىقىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىدى.
تۈركچە خەۋەر سۆزمۇ-سۆز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
مەنبە:
http://diyanethaber.com/Muftuluk-allah-imani-yargilamayi-insanlara-birakmamistir--3824.html#Scene_1
ئۇيغۇرچە ipad كىتاب بار، تېلېفونىڭىزغا چۈشۈرۈڭ.
2-1-قىسىم: http://www.filecluster.com/iPad/-1-2--134953.html  
4-3-قىسىم: http://www.appannie.com/421822253/ http://www.filecluster.com/iPad/-3-4--134952.html
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9014
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 817 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-20
ئاخىرقى: 2011-10-20
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 21:41

ھەجەپ توغرا گەپ قىپتا ما ئادەم.  بىز بەكرەك ئاڭلساق بولدغان گەپكەن!!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9014
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 817 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-20
ئاخىرقى: 2011-10-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 13:08

Re:3-قەۋەت (albax) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-09-30 08:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 3-قەۋەت (albax) نىڭ يازمىسىغا :
مەسلەن قۇرئاندا بۇتقا ئىبادەت قىلغانلارنى كاپىر دەيدۇ. ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن ئادەملەرنى كاپىر دەيدۇ. مۇشۇنداق ئۇچۇق بايانلار تۇرسا بىز شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەكمۇ يۇقارقى تۇرك مىللىتىلىك كىشىنىڭ گىپى بۇيىچە <بىزنىڭ كاپىر دەپ ھۈكۈم چىقىرىدىغان سالاھىيتىمىز يوق> دەپ ئولتىرىۋىرەمدۇق. ئۇنداق قىلمايمىز. قېرىنداش. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدىن بۇ تۇرۇكنىڭ گىپىنى يۇقرى ئۇرۇندا قويغان بولمامدۇق؟
قۇرئاندا ۋە ھەدىستە ئۇچۇق كاپىرلىقىغا دەلىل كەلگەن كىشىلەرنى كاپىر دەۋىرىمىز.
ئىسىڭىزدە بولسۇن كاپىرنى كاپىر دەپ ئىتقاد قىلماسلىقمۇ كاپىرلىق........

ھوي كۆز كاللنىڭ ژۇتغى بولمىغانىدىنكىن بەكرەك قارايلى ئۇ ئادەم مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتورسدىكى گەپنى قىلۋېتپتغۇ .بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمانى خالغانچە كاپىر دەيدغانغا ئىمانسسىز دەيدغانغا ھوقۇقى يوق بۇنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللا بىلدۇ. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسدىكى تۇرلۈك ئختلاپلارنى تۈگۈتۈش رەۋشتە تۇرۇپ گەپقلۋېتپتغۇ  دېمسمۇ توغرا بۇ گەپقۇ بۇ.  بۇ يەردە ھچكىم ھەم ھېلقى تۈرۈكمۇ   ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدىن ئۈستۈن سۆز قلالمايدۇ  جۈرەتمۇ قلالمايدۇ ھەم ئۇنداق بىلمۇ يوق بۇ نۇقتنى بۇ تۈرۈك يولداشمۇ بىزدىن بەك بىلدۇ. ئالامەت خەق باكەنغۇ ما مۇنبەردە!!!