تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئالامەتلىرى
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 1841 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەرلەردە جەريان، ئېھتىلام، سۈرئىتى ئىنزال، جىنسىي ئاجىزلىق، بەل ئاغرىقى قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سوراپ ئېنىقلاش لازىم. شۇنى قايتا سوراپ بىلىش لازىمكى، بىماردا كۆپ جىنسىي ئالاقە بىلەن شۇغۇللىنىش، ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، نەشىكەشلىك، ئەپيۈنكەشلىك ۋە باشقا غەيرىي ئادەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى، ئۇرۇق خالتىسى ۋە خاس ئەزالارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سوراپ بىلىۋېلىش لازىم. يەنە جىنسىي ئەزا كىچىكمۇ ياكى قىڭغىرمۇ، ئۇرۇق بېزىنىڭ دانىچاقلىرى كىچىكمۇ ياكى كۆپكەنمۇ، تاش بۆرەك (تاشاق) نىڭ ئەھۋالى قانداق، كىچىكلەپ كېتىش ياكى چوڭىيىپ قېلىش، تەرلەش، سوۋۇپ كېتىش ئالامەتلىرى بارمۇ-يوق؟ دېگەنلەرنى ئېنىقلاش لازىم.
ئاياللاردا ھەيزگە تەئەللۇق ئەھۋاللار، مەسىلەن، ھەيز ئاز-كۆپمۇ، ۋاقتى ئىلگىرى-كېيىنمۇ ياكى نورمالمۇ، ھەيزنىڭ رەڭگى، پۇرىقى قانداق، كەلگەندە ئاغرىش، ئېچىشىش ئەھۋاللىرى بارمۇ، بەلدە ئاغرىق سېزىلەمدۇ، ھەيز بىلەن باشقا ھۆللۈكلەر ۋە باشقا نەرسىلەر بىللە كېلەمدۇ، گۆش پارچىلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەر بىللە كېلەمدۇ، يوق؟ دېگەنلەرنى سوراپ بىلىش بىلەن بىللە يەنە ئاياللارنىڭ ئىلگىرى ھامىلىدار بولغان-بولمىغانلىقى، بۇرۇن بالا ئالدۇرغان، بالا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋاللارنىڭ بارمۇ-يوقلۇقى، تۇغماسلىققا ئائىت ئەھۋاللار ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە دائىر ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقى سورىلىدۇ.
تۇغماسلىق (ئەقر) نىڭ بايانى
تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى:
جىنسى ئەزادىكى ئىللەتلەر، بەدەندىكى ماددىلىق ئۆزگىرىشلەر، تۇغما كەمتۈكلۈك قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئەر-ئاياللاردىكى تۇغماسلىق پەيدا بولىدۇ.