• گرۇزىيە ۋە روسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلامدۇ؟ - [Koltegin كولتىگىن]

    2008-08-13

     

     گرۇزىيە ۋە روسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلامدۇ؟
    (تەكلىپلىك تەھلىلچى كولـتىگىن مۇلاھىزىسى)


      گېريونىيە مەركىزى ھۆكىمىتى -8ئاينىڭ7-كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىزلا جەنۇبى ئوسىدىغا قوشۇن باشلاپ كىردى ۋە جەنۇبى ئوسىدىنى نىشانلىق قاتتىق بومباردىمان قىلدى.-8ئاينىڭ -9كۈنى روسىيە جەنۇبى ئوسىدىغا قوشۇن كىرگۈزۈپ گرۇزىيە قىسىملىرىغا زەربە بەردى ۋە گروزىيىنىڭ بىر قىسىم رايوننى بومباردىمان قىلدى.شۇنىڭ بىلەن روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرسىدىكى ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى.
      جەنۇبى ئوسىدى بولسا گروزىيىنىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستى بۇلۇپ،نوپۇسى 200مىڭغا بارمايدۇ،ئاساسلىقى ئوسىدى،گروزىن ۋە روس قاتارلىق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان.ئۇ سىۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن،جەنۇبى ئوسىدى رايۇنى ھۆكىمىتى گېروزىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،گرۇزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئېغىر توقۇنۇش پەيدا بولغان ئىدى.بۇ توقۇنۇشقا روسىيە قول تىققاشقا گروزىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇش ئاخىرىدا روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالغان .-1992يىلى روسىيە،گرۇزىيە ۋە جەنۇبى ئوسىدى ئۈچ تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،جەنۇبى ئوسىدى رايونىدا بىرلەشمە تىنچلىق ساقلاش قىسىمى تۇرغۇزۇپ شۇ ۋاقىتتىكى توقۇنۇشنى ۋاقىتلىق ھەل قىلغان ئىدى.بىراق گېروزىيەدىكى رەڭلىك ئىنقىلاپ غەلىبە قىلغاندىن كىيىن،يېڭىدىن تەخىتكە چىققان پېرىزدىنىت ساكاشىۋېلىچ جەنۇبى ئوسىدىغا بولغان كونتورۇلىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچەپ كەلگەن بولغاچقا،بۇ يەردىكى سۈركىلىش كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن...
      گروزىيىنىڭ يەنە بىر باش ئاغرىقى بولغان ئابغازى رايونى بۇلۇپ،ئابغازى خەلق جۇمھۇرىيىتى تا ھازىرغىچە نىسپى مۇستەقىل ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن.ئابغازى خەلق جەمھۇرىيىتىنىڭمۇ روسىيە بىلەن ئالاھىدە يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى بۇلۇپ،ئىزچىل تۈردە گرۇزىيە مەركىزى ھۆكىمىتى بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن.
      گروزىيىنىڭ ئابغازى ۋە جەنۇبى ئوسىدى رايوننى قايتۇرۇپ كېلەلمەسلىككە،شۇنداقلا گرۇزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنى گرۇزىيە زېمىنىغا بولغان ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەسلىكتىكى تۈپكى سەۋەپ رۇسىيىنىڭ قارا قۇلى بار.
      نېممە ئۈچۈن روسىيە گروزىيىنىڭ زىمىن پۈتۈنلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ؟
    گرۇزىيە ھۆكىمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ،شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بۇلاشقا كۈچەپ كەلگەن.گرۇزىيە ناۋادا بۇ ئىككى رايوننى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولسا،دۈشمەن رۇسىيىنىڭ ئىشىك ئالدىغىلا كېلىدىغان بۇلۇپ،رۇسىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.بۇ رۇسىيىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشتىكى سەۋەبنىڭ بىرى.
      روسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان قوللانغان ئۇسۇلىدا مەنتىقلىق خاتالىق بارمۇ؟
      بۇ يەردە ئازراق مەنتىقلىق خاتالىق باردەك تۇرىدۇ.مەسىلەن:كېسوۋو سېربىيەنىڭ بىر ئاپتۇنۇم رايونى بۇلۇپ، مۇستەقىل بۇلۇشقا قانۇنى ئاساسى يوق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمىغان روسىيە،گروزىيىنىڭ جەنۇبى ئوسىدى ۋە ئابغاز رايوننىڭ مۇستەقىل بۇلىشىغا قانۇنى ئاساس يارىتىپ بېرىدىغاندەك تۇرىدۇ.
      ئامېرىكا كېسوۋونىڭ مۇستەقىل بۇلىشىنى قوللاپ،جەنۇبى ئوسىدى ۋە ئابغازنىڭ مۇستەقىل بۇلىشىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىشىدىنمۇ مەنتىقلىق خاتالىق بار.بىراق شۇنى بىلىپ يېتىشىمىز كېرەككى كۈچلۈكلەر مەنتىققە بېكىتكۈچى .
      زىددىيەتنىڭ ئەسلى مەنبەسى زادى نېممە؟
    بىزلەر دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر رايون توقۇنۇشى ۋە دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئامېرىكا دەپ توقۇناق بالانى ئارتىشقا ئۆگىنىپ قالغاچقا،زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەشتە يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ھەربى ئىستىراتىگىيىسىنى چىقىش قىلماي بولمايدۇ.
      ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغاپ،ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرىنى كۈندىن- كۈنگە كۈچەيتىپ ھەربى ئىستىراگىيەدە مۇھىم رايونى ئىگىلىگەن بولسا،ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاپ،ئوتتۇرا شەرقتىكى مول بايلىقنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.شۇنداقلا روسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇ رايونغا بولغان تەسىرىنى سىقىپ چىقاردى. بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي،چېخ ۋە پولشاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە رادار سىستېمىسى ئورنىتىپ،رۇسىيەدىن كېلىدىغان ھەرقانداق تەھدىدنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇندى.ھەتتاكى ۋېيتنامدىكى "ئالتۇن ئەگمە توساق"قا ھەربى بازا قۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ.موڭغۇلىيە بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ،موڭغۇلىيەگە قانداق پىلان تۈزۈۋاتىدۇ بۇنى بىلىپ بولمايدۇ.ھىچ بولمىغاندا،موڭغۇلىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرمەسلىككە دەۋەت قىلىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن.ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل چوڭ قورشاش خارەكتىرلىك ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى،روسىيەنى چوڭ ئەندىشىگە چۈشۈرۈپ قويدى.بۇنىڭغا قارىتا روسىيە تەدبىر قوللىنىپ،ئېران بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋېنسۇئىلاغا SU-30 بەلگلىك كۈرەشچى ئايرۇپىلان سېتىپ بەردى.شۇنداقلا كۇبادىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قايتىدىن بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۇبا ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەت ئوتكۈزدى.كۇبا ۋە ۋېنسۇئىلا ئامرىكىنىڭ رەقىپلىرى شۇنداقلا،ئامرېكىنىڭ ئارقا ھويلىسى.بۇ رايۇندىكى ئكزەۈرۈش بىۋاستە ئامرىكىنىڭ ئىستىراتىگىلىك مەنپەتىگە بىۋاستە زىيانلىق.
      رۇسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا،ئامېرىكا گېروزىيىدىن ئىبارەت ئارقا ھويلىسىغا ئوت قۇيۇۋېتىش ئارقىلىق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.
      گەرچە ئامېرىكا پېرىزدىنتى بوش بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەركىتىنى خاتىرجەم كۆرگەندەك قىلغان بىلەن،رۇسىيىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن گرۇزىيە ئارقىلىق ئۆچ ئالدى.ناۋادا روسىيە نىيىتىدىن يانماي داۋاملىق ھەركەت قوللانسا،گرۇزىيە بىلەن روسىيە بىر قەپەز ئېلىشى تۇرغانلا گەپ.بۇنداق بولغاندا،خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە روسىيەنى گېروزىيەدە تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ.ئامېرىكا بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ،ئىراقتىكى مەسىلىسىنى،ۋە ئىران يادرو مەسىلىنى ھەل قىلىۋېلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىدۇ.
      روسىيەنىڭ جەنۇبى ئوسىدى ۋە ئابغاز رايونىغا قوشۇن توپلىشى.شۇنداقلا گروزىيىنىڭ بىر قىسىم رايونى بومباردىمان قىلىشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى،رەسمى ئۇرۇشامدۇ بۇنى يەنە داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
      بىز روسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن قىسمەن نەقىل ئېلىپ باقايلى.روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنداق دەيدۇ"بىز جەنۇبى ئوسىدىنى ئازات قىلدۇق""گرۇزىيە ئۈچ سائەت ئىچىدە،ئابخاز رايونىدىكى قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك""گرۇزىيە جەنۇبى ئوسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىپ،باسمىچىلىق ھەرىكىتىنى .ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك"دېگەن بولسا،زۇڭلى پۇتتىن"بىزنىڭ جەنۇبى ئوسىدىغا قوشۇن كىرگۈزۈشىمىز تامامەن قانۇنلۇق"دېگەن.يۇقىرىقى سوزدىن بىز رۇسىيىنىڭ مەيدانى ۋە كۆزقارىشىنى كۆرۈپ ئالىمىزكى،گروزىيىنىڭ جەنۇبى ئوسىدىغا قىلغان ھەربى ھەرىكىتى،تاجاۋۇزچىلىق ھەركەت.رۇسىيىنىڭ جەنۇبى ئوسىدىغا قىلغان ھەربى ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھەركەت،يەنى ئازات قىلىش ھەرىكىتى.جەنۇبى ئوسىدىنىڭ ھازىرقى ئورنى مۇستەقىل دۆلەت بىللەن باراۋەر...
      ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رېس مۇنداق دەيدۇ:"ھەرقايسى تەرەپ دەرھال ئۇرۇشنى توختىشى،ئۈزىنى قاتتىق بېسىۋېلىشى كېرەك.شۇنداقلا گروزىيىنىڭ زىمىن پۇتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىش كېرەك"ئامېرىكا پېرىزدىنتى بوش"گروزىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ،ناۋا بۇ ھەربى ھەركەت توختىمىسا ئامېرىكا روسىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ".دېمەك،ئامېرىكا گروزىيىنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك دەپ،جەنۇبى ئوسدى گروزىيىنىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسا،گىروزىيەگە قىلغان ھەربى ھەرىكەتكە ئامېرىكىنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادە بىلدۈردى.ياپۇنىيە،ئەنگلىيە،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رۇسىيىنىڭ ھەرىكىتىگە "قاتتىق دىققەت" قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.بۇلارمۇ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.ب د ت ئۈچ قېتىم جىددى يىغىن ئېچىپ،ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى....گرۇزىيە پېرىزدىنتى ساكاشېۋېلىچ ئامېرىكا دۆۋلەت ئىشلىرى باش كاتىپى رېسنى كېلىشتۈرۈپ قۇيۇشنى ئۈمىد قىلدى.ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.
       
    (تورداشلار بەلكىم دىققەت قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن، يىقىندا ئوڭ تەرەپتىكى تۈرلەر تىزىملىگىدە كولتىگىن نامىدا بىر يىڭى تۈر قېتىلدى، كولتىگىن ئەپەندىم ئىزدىنىش مۇنبىرىدە  ئۇزۇندىن بۇيان خەلقارا سىياسى ۋە ئىجتىمائى ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ تورداشلارغا تۇنۇلغان بۇلۇپ يىقىندا  تەكلىپ بىلەن تەكلىپلىك مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى بولۇپ جېك تور خاتىرىسى يازغۇچىسى قاتارىغا قېتىلدى. تورداشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن. يۇقىرىدىكىىسى  كولتىگىن ئەپەندىمنىڭ تۇنجى تىمىسى.  جېك تور خاتىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۈچۈرۈپ چاپلىغاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ)

     

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۆبەكى ياىشى تېمەكەن @@@
  • 8-ئاينىڭ 26-كۇنى روسىيە پىرىزىنتى ﻣﯧﺪﯞﯦﺪﯦﯟ جەنۇبى ئوسىدى بىلەن ئابغازىيەنىڭ مۇستەقىلىقىنى ئىتىراپ قىلدى، بۇنىڭغا ئامىركا ،ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە ،گىرمانىيە قاتارلىق دۇلەتلەر قارشى چىقىپ روسىيەنى ئەيىپلىدى،
    8-ئاينىڭ 27-كۇنى گىرۇزىيە روسىيە بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋىتىنى تۇۋەنلەتكەنلىكىنى ئىلان قىلدى ،ھەمدە گىرۇزىيەنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى.
    مىنىڭچە روسىيەنىڭ گىرىزىيەگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ئەمىليەتتە روسىيەنىڭ ئامىركا قاتارلىق غەرىپ ئەللىرىگە قىلغان قاتتىق ئۆچ ئىلىش سىياسىتى بۇلۇپ ،تۇپ مەخسىتى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوكرائىننا ،گىرۇزىيە قاتارلىق دۇلەتلەرنى ئەزا قىلىشىنى تۇسۇش،ھەمدە غەرىپ پەرەس گرۇزىيە ئەمەلدارلىرىنى تەخىتتىن چۇشۇرۇپ روسپەرەسلەرنى يۇلەپ تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت
  • ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ

    2008-08-18
    ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺳﺎﺭﻛﻮﺯﯨﻴﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻛﺎﻧﺪﺍ ﻟﯩﺰﺍ ﺭﺍﻳﯩﺴﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

    ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﺩﻯ
    ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﻮﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﯞﻩ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﻰ ﻟﯩﺮﻯ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺭﻭﻳﺘﯧﺮﯨﺴﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎﺭﻛﻮﺯﯨﻲ ﻣﯧﺪﯞﯦﺪﯦﯟﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯧﺪﯞﯦﺪﯦﯟ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    ﺏ ﺏ ﺱ ﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ، ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺯﯨﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، 4 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻣﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺳﺎﻛﺎﺷﯩﯟﯦﻠﻰ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻏﯧﺮﯨﭻ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺟﻮﺭﺝ ﺑﯘﺷﻤﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﺴﯧﺘﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺨﺎﺯﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ.

    ﻛﻮﻧﺎ ﻗﻪﺭﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺸﻰ
    ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺨﺎﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﺴﯧﺘﯩﻴﻪ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻼ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻱ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ. ﻟﯧﻨﯩﻦ ﯞﻩ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 20 - 30 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺳﺴﯧﺘﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺳﺴﯧﺘﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺑﺨﺎﺯﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻱ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

    ﺗﻪﻫﻠﯩﻠﭽﯩﻠﻪﺭ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻧﺪﻩ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﺟﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺗﯩﺒﻠﯩﺴﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪﯗ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﺳﺴﯧﺘﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﻰ ﺑﺎﺭ. ﺳﺎﻛﺎﺷﯩﯟﯦﻠﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﻪﺭﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻧﺎﺗﻮ ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

    ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ؟
    ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻚ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﯨﭽﻰ ﺋﺎﺭﯨﻞ ﻛﻮﺋﯧﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﺴﯧﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻛﺎﺷﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﯞﻩ ﮔﺎﺯ ﺗﯘﺭﯗﺑﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﺭﺗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

    ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﯩﮕﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﺗﻮ ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﯩﻴﯩﮕﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻏﻪﺭﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.

    ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻛﺎﺷﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﭘﻪﺭﻩﺱ ﮔﺮﯗﺯﯨﻦ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﻛﺎﺷﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺋﺎﺭﯨﻞ ﻛﻮﺋﯧﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻏﻪﺭﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺴﻪ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﻮﺳﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ 2012 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻨﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ.

    ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ - ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﺗﻪﻫﻠﯩﻠﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻦ - ﻣﯧﺪﯞﯦﺪﯦﯟ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﻳﻪﻛﯜﻥ. ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﯞﺭﻭ - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﭺ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    www.yahoo.com.au/news
  • ياخشمىمۇ سىز مۇردا ئەپەندى.
    سىزمۇ ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتكىلى.بولسا بۇندىن كىيىن ئالاقە قىپ تۇرايلى...
    سەمىمى تەكلىپىڭىزنى قۇبۇل ئەتىم.
  • گرۇزىيە ۋە روسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنىڭ پەردە ئارقىسى

    كىرزىسنىڭ پىلتىسى ؛ گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى ساكاشۋىلىنىڭ ئەسكىرى كۈچ بىلەن جەنۇبى ئوستى رايۇنىنى تەكرار تىزگىللىشى ئىدى.
    بۇ ھەركەت ئىككى سەۋەبىدىن رەقىبى روسىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى؛
    بىرىنچىسى؛ جەنۇبى ئوستى رايۇنىدا روس تىنىچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مەۋجۈتلىقى.
    ئىككىنجىسى؛ بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ كۈپىدە روس ۋەتەنداشلىقى ، يەنى روسيە پاسپۇرتىنىڭ بولۇشى.

    گىرۇزىيە نوختىسىدىن ئېلىپ ئېتقاندا بۇ قىتىمقى ھەركەت ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي ئىلىپ بىرىلغان بىر خاتا ھەركەت ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى ھېچكىم ھەتتا ساكاشۋىللىمۇ روسيەنىڭ بۇ ھەركەت سەۋەبىدىن ھەربى ھەركەت قوللىنىشىنى ۋە ھەربى توقۇنۇشنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىرلىشىنى ئويلاشمىغان ئىدى....
  • شەخسىي قارىشىم شۇكى، بۇ قېتىمقى جېدەلدە روسىيەنىڭ مەسئۇلىيتى ئېغىر
  • كۆلتېگىنڭ تەھلىلىنى ئىزدىنىش يوق ھالەتتىمۇ كۆرگىلى بولىدىكە ھە؟
    جېك بىلوگىغا رەھمەت.
  • كۇلتىگىن ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز.
    ماقالىڭىز ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ، شۇنداقلا سەل بىر تەرەپلىمە بولۇپ قاپتۇ ، يەنى ئامرىكىنى مەسىلىنىڭ پىلتىسى قىلىپ بۇ ئاساسنى يەنى
    << رۇسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا،ئامېرىكا گېروزىيىدىن ئىبارەت ئارقا ھويلىسىغا ئوت قۇيۇۋېتىش ئارقىلىق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.>> دىيىشىڭىزنىڭ ئاساسى يىتەرلىك ئەمەس، تەھلىلىڭىزدە يەنە باشقا خام جايلار كۈپ ، ........
    يەنە بىر گەپ: جەنۇبى ئوستى نىڭ 90 % ئورۇسلار يەنە كىلىپ بۇلارنىڭ مۇتلەق كۈپ قىسىمىدا روسسىيە دۆلەت تەۋەلىگى پاسپورتى بار...
    جېك تور خاتىرىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگانلىكى ياخشى بوپتۇ، سالام جېك!