• ئولىمپىك لوزۇنكىلىرى توغرا يېزىلسۇن - [English ئىنگلىس تىلى]

    2008-08-07

     
    ئولىمپىكنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بېيجىڭغا ئاغدۇرۇلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 10مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگۇغا  بارىدىكەن ( بەلكىم بېرىپ بولدى).چەتئەلنىڭ مۇخبىرلىرى  ئەزەلدىن ھەممە نەرسىدىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇخبىرلار بېجىڭدىكى ۋىسىكا، تاختا، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلگەن ئىنگلىسچە سۈزلەرنىڭ خاتا، جايىغا بارمىغان يىرىگىمۇ دىققەت قىپتۇ. سەل خاتا، بەك جايىغا بارمىسىمۇ مەيلى. بولۇپمۇ خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغاندا شۇ پېتى تەرجىمە قىلسا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرىلگەن رەسىمگە قاراڭ. ئۇ رەسىم بېيجىڭدىكى بىرەر رىستۇراننىڭ ئولىمپىكنى قوللاش ئۈچۈن چىقارغان لوزۇنكىسى ئوخشايدۇ. لېكىن ئىنگىلىسىچىسى تەرجىمىسى بەكلا خاتا بولۇپ ئادەمنىڭ يۈرىگىنى پۇلۇڭشىتىدۇ. مەن قارىسامغۇ خەنزۇچىسىمۇ جايىغا بارغاندەك ئەمەس.
    世界最大的体育盛宴即将爆发了
    بۇ يەردىكى 爆发 دىگەن گەپنى ئولىمپىككە ئىشلىتىش تازا توغرىمۇ ئەمەس مەنمۇ ئىنىق ئۇقالمىدىم، ئىشقىلىپ 爆 دىگەن گەپنى كۈرۈشنى بۇ جاي بۇ ۋاقىتلاردا كۈرۈشنى ھىچكىم خالىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ خەنزۇچىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسلۇبى بويىچە توغرا چۈشىنىپ تۇرساقمۇ ئىنگلىسچىدا شۇ پېتىلا تەرجىمە قىلنىپ يېزىلغان بۇ جۈملىنى  ئوقۇغان مۇخبىرلارنىڭمۇ يۈرىكى سېلىپ كەتكەن. ئىنگىلىسچىسى مۇنداق:
    The biggest world sports meeting will be blown up .
    بۇ يەردىكى   blown up دىگەن سۈز  ئىنگلىسچە ئۇدۇللا پارتلاش دىگەن سۈز بۇلىدۇ، باشلاش دىگەن مەنىگە يىقىنمۇ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇملىدە پاسسىپ شەكىل قۇللىنىلغان. شۇڭا ئۇنى ئىنگلىسچە چۈشەنسەكمۇ، ئۇيغۇرچە چۈشەنسەكمۇ مۇنداق مەنا چىقىدۇ:
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەنھەرىكەت يىغىنى پارتلىتىۋېتىلىدۇ.
      يۈرىكىڭلار سالدىمۇ. !!!  نىمە دىگەن دىۋەڭلىك.  خۇدايىم ساقلىسۇن، ئولىمپىك يىغىنى ئوڭۇشلۇق ساق سالامەت ئۆتكۈزۈلسۇن. ئولىمپىك باشلانسۇن، پارتلىمىسۇن.بۇلار ئەسلى The world's biggest sports meeting is about to begin! دەپلا يازسىلا بۇلاتتى.  بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ شىنجاڭدا لوزۇنكا يازغاندا بەكمۇ دىققەت قىلارسىلەر ماقما.

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • سىزدىن بىر نەرسىنى سوراپ باقسام ،بلوگنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلاشتۇردىڭىز؟
  • بۇ ئۇيغۇرچىدىكى «پەچچەت» دىگەندەك ئاقسا سۆزلەر دۆۋىسى ئوخشايدۇ.
  • ھا...ھا...ھا....ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن.
  • سۈرەت كۆرۈنمەپتۇ
    Jeck回复بىرزات说:
    رەھمەت، تۈزۈتۈپ قويدۇم.
    2008-08-10 10:46:21
  • بىزنىڭ ئېلان ،لوزۇنكىلىرىمىزدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس جۇمۇ !