• سېئاتىلدىكى جېك: Sleepless in Seattle - [Photo رەسىم]

    2008-04-17

     

    مەن سىئاتىلدىن ماشىنىدا 5 سائەتلىك يىراقتىكى بىر كىچىك ئۇنۋېرسىتىت شەھەرچىسىدە تۇرىمەن. لېكىن بۇ شەھەرنى ھېچكىم تۇنۇمايدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان شىتاتنى ولسا ۋاشىنگتون شىتاتى دەيدۇ. لېكىن بۇ ۋاشنگتون ئادەتتە بىز جۇڭگۇدا دەپ كۈنگەن ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەمەس. ئامرىكىدا چوڭ كىچىك بولۇپ نۇرغۇنلىغان ۋاشنگتون بار، چوڭ جەھەتتە بىرسى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدە بېيجىڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنە بىرى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىگتون شىتاتى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدا شىنجاڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىڭگتون شىتاتى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىگتون شەھىرىدىن 5000 كىلومىتىر يىراقلىقتا. شۇڭا ئامرىكىدا بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى يالغۇز ۋاشىگتون دەپلا ئاتىماي كەينىدىكى ئاتالغۇسىنى بىللە ئاتايدۇ. يەنە ئامرىكا پايتەختىنى ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونى دەپ Washington DC ، مەن تۇرۇۋاتقان شىتاتنى ۋاشىگتون شىتاتى دەپ Washington State دەپ ئاتايدۇ.  دەسلەپ كەلگەندە مەندىن ۋەتەندىكىلەر  سىز ئامرىكىنىڭ قەيەرىدە تۇرىسىز دەپ سورىسا "ۋاشىگتون شىتاتىدا"  دەپ جاۋاپ بىرەتتىم. لېكىن ھەممە ئادەم مىنى ئاقساراينىڭ يېنىدا دەپ ئويلاپ قالاتتى. شۇڭا ھازىر  "سىئاتىلدا" دەپ جاۋاپ بىرىمەن.  لېكىن شۇنداقتىمۇ سىئاتىلنىڭ ئۈزىدە ئەمەس. 5 سائەتلىك يىراقلىقتا. ئامرىكىغا دەسلەپ كەلگەندە ھەرخىل مەكتەپنىڭ ئىشلىرى بىلەن سىئاتىلغا باراتتىم ھەم بارىدىغان ئىش بولسىلا مەن باراي دەپ ئالدىغا چىقىۋالاتتىم. لېكىن ھەر قېتىم ئۇدۇل بېرىپ ئۇدۇل قايتىپ كەلگەن. ئۈتكەن يىلى كۈزدە مەكتەپتىكى بىر نەچچە يىقىن ئۈتىدىغان بالىلار مەخسۇس ئوينىغىلى بارايلى دەپ ئويناپ كەلگەن. شۇ چاغدا بىر مۇنچە رەسىمگە تارتىپ قويۇپتىكەنمىز، شۇنى چىقىرىپ قويدۇم.ھەممىسى ئاساسەن ئىختىيارى ھالدا بىر بىرىمىزنىڭكىنى ئوغۇرلۇقچە تارتقان. 

    مىنىڭ ئۈچ كۈنلۇك ماشىنام. ھەممەيلەن تەڭ پۇل چىقىرىپ ئىجارە ئالغان.  ئامرىكىدا ماشىنىسى يوقلار لازىم بولسا بارغانلا يىرىدا ئىجارە ئېلىپلا ئىشلىتىدۇ. بۇ قۇلايلىق ھەم ئەرزان

     

    سىئاتىلغا ئاز قالغاندىكى مەنزىرە

    سىئاتىلغا كىرگەندىكى چوڭ دېڭىز كۈۋرۈكى، بەزى كىنولاردا چىقىدۇ. قاتناش بىر قەدەر قىستاڭچىلىق

     

    سىئاتىل شەھەر ئىچىگە كىرگەندە

     

     سىئاتىلدىكى داڭلىق ئالەم يىڭنىسى  Space needle

     

    دىخانلار بازىرى


     

    ئاشپەز نىمە پىشۇرۋاتىدىكىن ئۇخمىدىم، بەك جىق ئادەملەر ئۈچرەتتە تۇرۇپ يەيدىكەن

     

    كوچا سەنئەتچىلىرى

     

    ئۇخلاۋاتقاننى كۈرۈپ خوتەندىكى ئۈچ بۈرجەك باغچىنى ئەسلەپ قالدىم

    ئۈگدەپ قالدىممۇ نىمە




     

    ئامرىكىدا تاماكا چىكىدىغانلار ئاز، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزلارمۇ خېلى بار

    I am not cool

    ياتاقدىشىم سىھرىگەر

     

    رەسىمنى مۇندا تارتىسىمۇ بۇلىدىكەن

     

    خىزمەتكە چىقىپ بىر سەمىرىپ، ئامرىكىغا كىلىپ يەنە سەمىرىپ قوساق سېلىپ ئاسان ھارىدىغان بولۇپ قالدى بۇ ئەدەم، بىر دەم ماڭسىلا ئولتۇرىدىغان يەر ئىزدەيدۇ

     

    بىلىق بولكىسى، چۈشلۈك تاماق

     

    ھىندىستانچە نان، كەچلىك تاماق

     

    ياپۇنچە تاماق، يەنە چۈشلۈك. دەسلەپ يىسە تېتىمايدىكەن،كىينن كۈنۈپ قېلىپ ئادەم ئىزدەپ بارىدىغان بۇلۇپ قالىدىكەن

     

    يارىسا ئوڭ تەرەپتىكى ئىلاننىمۇ چىكىپ قويۇڭلار دەيمەن باللا

    .


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • )我是你学生(成教04--3班   
          ؟ چچ 你                     
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم تۇسۇنجفن ئەپەندى ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن . مەن ئۇزۇمنى تۇنۇشتۇراي ئسمىم ئەخمەتچان مۇختەر سىز دىن سوراپ باخسام بۇرۇن بىلۋال تۇربىتىچىكىتى ھازىر چىخمايدىغان بۇلۇپ قالدى نىم سەۋەپتىن چىخمايدۇ
  • ياخشىمۇ سىز ؟ مەن سىزنىىڭ تۇرمۇشىڭىزنى كۆرۇپ سىزگە بەك ھەۋەس قىلىپ قالدىم ،چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىزدەك يۇقۇرى ئۇرۇنلارغا بېرىپ يۇقۇرى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ، شۇنداققۇ ؟؟؟؟


    سىز خوتەنلىكمۇ ياكى خوتەنگە كەلگەنمۇ ؟ سىزنىڭ ئۈچ بۈرجەك باغچىا دىگىنىڭىزىدن مەن سىزنى خوتەنلىك ئۇخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ...


    سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ مىللەت ئۈچۈن كۆپلەپ شەرەپ قۇچىشىڭىزغا تىلەكداشمەن !!!!!!!




    خوتەن نىيا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىلىلىق 3- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
  • Hi! Hello . Mr Jeck . What a wonderful the life of yours in the USA.I hope that let me have the fantastic and fun of your life just a few minute . I am really happy to see the website of yours and I am envying you for seeing the informations about the life of yours in the USA . I would like to study abroad but I have no way right now .How could you gone to the USA for study ?
  • Men sizning her –bir makalingizni kaldurmay korup qiktim .siz bek oquk –yuruk kirindiximkensiz.sizdin pehirlinimen .kelguside balilirimni qetellerde okusiken dep umut kilimen .birak tordiki hetlerni bek kiqikmikin dep kaldim .qunki bizdek korux kuwwiti towenlermu bar emesmu .rehmet .
  • Men sizning her –bir makalingizni kaldurmay korup qiktim .siz bek oquk –yuruk kirindiximkensiz.sizdin pehirlinimen .kelguside balilirimni qetellerde okusiken dep umut kilimen .birak tordiki hetlerni bek kiqikmikin dep kaldim .qunki bizdek korux kuwwiti towenlermu bar emesmu .rehmet .
  • Jeck,گىگ خاربېرغا بارغانمۇ؟
    سۇشىغا نىسبەتەن مەنمۇ سىزدەك كۆز قاراشتا،بولۇپمۇ شاردونېي ئىچىپ يىسە كارامەت پەيزى بولىدىكەن.
  • مەن ئىنتىل سەيناسىدا بىر تورداش يوللىغان < jeck تور خاتىرىسى ئەسلىگە كەپتۇ> دىگەن تىمىنى كۈرۈپ كۆرۈپ باقاي دەپ كىرگەنتىم.
    تور خاتىرىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن .مەن ئامراق بوپ قالدىم. بۇندىن كىيىن داۋاملىق كىرىپ تۇرىمەن
    تور خاتىرىڭىزنى كۆرۈۋېتىپ ئويلاپ قالدىم . سىز قانداق بولۇپ ئامېرىكىغا بېرىپ قالغان؟
    تۈغۈلما ئامىرىكىلىقمۇ يا؟
    سىز ۋاشىنگىتون شىتاتىدا نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىسىز ؟
    Jeck回复مەخمۇتجان说:
    ھە، بۇلار بەك كونا سۇئاللاركەن، سۇئالنىڭ ھەممىسىگە بلوگنىڭ دەسلەپكى ئېچىلغان ۋاقىتلىرىدا يېزىلغان تىمىلاردا جاۋاپ چىقىدۇ، بىكار بولغاندا كۈرۈپ باقارسىز.
    2008-08-07 13:43:20