• (R)شصنجاڭ داشۇ, ياشلصق، مةڭگۇلۇك دوستلار - [Random پارچە-پۇرات]

    2007-11-30

    ھازىر ئويلاپ باقسام مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل، جۇشقۇن ۋاقىتلىرىمنى يەنى 22-يېشىمدىن 26 ياشقىچە بۇلغان ئالتۇن ۋاقىتلىرىمنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەپ تۇرغان ۋاقتىمدە ئۈتكۈزۈپتىمەن. كۈنلەرنى مەنىلىك ئۈتتى، رازى بۇلدۇم دىگىلى بۇلمايدۇ. تېڭىرقاش، قانداق يولدا مېڭىش، كەلگۇسىدىكى يۈكسەك غايىمىزغا بۇلغان ئىنتىلىش ۋە شۇنىڭغا قانداق بېرىش يولىدىكى ئويلىنىش، بېسىم دىگەندەك ئىشلار ئۇخلىساقمۇ، ئوينىساقمۇ، باشقا ئىش قىلساقمۇ كاللىمىزدا بار ئىدى. لېكىن ئوبدان يىرىمىز بىزنىڭ ياخشى ئارلىشىدىغان، بىر بىنادا يېتىپ قوپۇپ كۈندە نەچچە قېتىم ئۇچرىشىدىغان، جەميەتتىكى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ساپ بۇلغان كىشىلىك بىر تۈركۈم دوستلىرىمىز بار ئىدى.ھەممەيلەن تولۇق ئىسمى "شىنجاڭ داشۇ ياش كادىرلار بىناسى"  يەنە بىر ئىسمى "بويتاقلار بىناسى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر بىنادا ياتاتتۇق. مەن دەسلەپ كەلگەندە بۇ بىنادا 30 دەك بالىلار بار ئىدى. كىيىن ئاستا ئاستا چوڭلار توي قىلىپ چىقىپ كىتىپ كىيىنگە كەلگەندە 10 نەچچە ئادەم قالدۇق. گەرچە خىزمەتداشلىق، بىللە ئوقۇغان سەۋەپتىن تۇنۇشۇپ، بىر بىنادە يېتىپ قالغان سەۋەپتىن دوست بولغان بولساقمۇ لېكىن ھەممىمىزنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىمىز ئاساسەن ئوخشاش، تىرىشىش ئۇسۇلىمىز، ئىنتىلىش نىشانىمىز ئوخشاش بۇلغاچقا دىيىشىدىغان گەپلىرىمىزمۇ ئوخشاش بولۇپ تەبىئىلا دوستلىقىمىزمۇ چىڭ ئىدى. مىنىڭ ھازىرقى كۈنلەرگە كىلەلىشىمنى  مۇشۇ دوستلىرىمنىڭ ياردەم بىرىشى، مەدەت بىرىشى ۋە قوللىشىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بۇلمايدۇ. ئەنە شۇ يىقىن دوستلىرىمىز بۇلغانلىغىمىز ئۈچۈنمۇ ئۈزىمىزنى يالغۇز ھىس قىلمايتتۇق. ئوينىساق بىللە ئوينايتتۇق، كۈلسەك بىللە كۈلەتتۇق، پۇلىمىزنى گەرچە بىر يەرگە ئەكىلىپ بۈلۈشۈپ خەجلىمىسەكمۇ لېكىن  ئاساسەن بىللە خەجلەيتتۇق.  شۇڭا ئارىمىزدا ياكى بەك جىق پۇلى بار ياكى پۇلى يۇقلارمۇ بولۇپ قالغان ئەمەس.  ھەر قانداق يەردە ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق كىچە كۈندۇز دىمەي ئىزدىيەلەيدىغىمىز مۇشۇ بالىلار ئىدى. مەن تا ھازىرغىچە تېخى مۇشۇ دوسلىرىمغىلا يېرىم كىچىدە كىلىپ ياتىقىنى دۇمبىرلىتىپ ئۇرۇپ ھىكايەمنى سۈزلەپ بىرەلەيمەن. 80 كويلۇق تاكسى ئولتۇرۇپ ياتاقنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ چۈشۈپ پۇلىنى تۇلىۋىتپ چىقە دەپ ئېيتالايمەن. ئىشقىلىپ ئويلاپ تاپالىغان دوستنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىشلارغا مۇشۇ بالىلارنى ئاۋارە قىلالايمەن. ھەممەيلەننىڭ ياشلىق دەۋرىمىز بىرگە ئۈتتى، نۇرغۇنلىغان چىرايلىق ئەسلىمىلەر قالدى. بۈگۈن شۇ ئەسلىمىلەرنى ياد ئىتىپ، كونا دوستلارنى سېغىنىپ بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتقاندا شۇ دوستلار بىلەن بىللە چۈشكەن بىر قىسىم سۈرەتلەرنى يوللىدىم. ئۇ كۈنى يەنە جىق دوستلىرىمىزغا خەۋەر قىلىپ ئۈلگۇرمىگەچكە ئۇلارنىڭ رەسىمى چىقىرىلماي قالدى.

    بۇ رەسىملەر مۇشۇ مەھەللىگىلا خاس شەخسى رەسىملەر بۇلۇپ تورنىڭ ھەرقانداق باشقا يىرىگە كۈچۈرۈپ چاپلاشقا بۇلمايدۇ. كۈچۈرۈپ چاپلانسا سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

    1. كىلىڭلار بىر رەسىمگە چۈشەيلى

    2. رەسىمگە شاباندەك كۈلۈپ چۈشىمىز

    3.مىنىڭ تارتماڭلار ، بېيدا دىن رەسىمگە چۈشمەڭلار دىگەن

    4. چېڭدۇدىكىدەك بىر رەسىمگە چۈشىلى

    5.ئاغىنىمىزنىڭ ياڭزىسى بار

    6. بىزمۇ با جۇما ما يەدە

    7. سەن ئولتۇرساڭ ئاندىن تەڭ بۇلىدىكەنمىز بىز

    8. تۇرغان تۇرقىمۇ چىڭخۇا نىڭ بوشى سى دەپ تۇرىدۇ-دە

    9. رەسىمگە چۈشمەي نەگە قارايدىغاندۇ،( ئاغىنىمىز باكاغا رەسىمگە چۈشمەيدۇ جۇما ، مەن چۈشكىنىم بىلەن)

    10. بويتاقلار بىناسىنىڭ بالىلىرىمۇ خېلى قاملاشقان

    11. يەنە بىرنى

    تۈگىدى

     

    (جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • رەسىملەر چىقماپتۇلەر!ھى ھى
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم جىك ئەپەندى ياخشى تۇرۋاتامسىز .ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. سىزنىڭ "تور تۇرا"(blog) نى كۆرسەم "تور تۇرا" كۆرگەندەك بولىمەن
    سىز "تور تۇرا"(blog) بىلەن قاچاندىن باشلاپ تۇنۇشقان ؟
  • ئەپسۇس رەسىملەر چىقماي قاپتۇ، بىر كۆرەي دەپتىم.