• تۈركىيەدىكى داڭلىق مةكتةپ:بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى - [America ئامرىكا]

    2007-05-12

    (بۇ تصما ھازصر تۈركصيةدة ئوقۇۋاتقان يةلكةن نامصدصكص دوستصمصز تةرصپصدصن يېزصلغان. تۈركصيةگة بېرصشنص ئويلاۋاتقانلارنصڭ پايدصلصنصشص ئۈچۈن مةخسۇس يېزصلدص. بۇ دوستصمصز ئصزدصنصشنصڭ بۇرۇنقص ئاكتصپ ئةزالصرصدصن بصرص)

    تۈركىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر -
    بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى
    بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما دەپتىكەن، مەنمۇ بىلگىلەنلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنسام، باشقىلار بۇنىڭدىن ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
        بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر. بۇ ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەملىكىتىمىزدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تەڭ دىسەك، بوغازئىچىنى بېيجىڭ ئۇنىېۋېرسىتېتى دىسەك بولىدۇ.
        مېنىڭ تۈركىيەدىكى بۇ مەكتەپلەرنى ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغا تونۇتۇشۇمنىڭ سەۋەبى بىزدە بۇلار ھەققىدە يېتەرلىك تونۇشنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىندۇر. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك مەملىكىتىمىزدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. گەرچە ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق بولسىمۇ، ھەريىلى چەتئەلگە چىقىۋاتقانلارنىڭ سانى يەنىلا خېلى كۆپ. يەنە نۇرغۇن غايىلىك ئىجتىھاتلىق ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش، ۋە ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن، تىنىم تاپماي تىرىشىۋاتماقتا. ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئاز تولا بىلگەنلىرىمىزنى يەتكۈزۈپ قويالىساق، بۇ بىزنىڭ بىر كىشىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرغىنىمىز بولۇپ قالار.
         ئەمدى نېمىشقا تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەۋسىيە قىلىپ قالدىم؟ چەتئەلگە چىققۇچىلارنىڭ نەزىرىدە، ئامېرىكا بەلكىم ئەڭ يۈكسەك نىشان بولۇشى مۇمكىن، ئۇندىن قالسا ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر، ياپونىيە، دىگەندەك. ئۇچۇر دائېرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەتتا بۇرۇن بىز تۈزۈك بىلمەيدىغان جەنۇبىي ئافرىقا، ئۇكرائىنالارمۇ قىززىق نۇقتىلاردىن بولۇپ قالماقتا. بىز بۇ يەردە چىققان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى كۈچى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ۋە مائارىپىغا قاراپ باھا بېرەلمەيمىز. ھەتتا سېپرۇس، ۋە مالتا دىگەندەك دۆلەتلەرمۇ مەملىكىتىمىزدىكى چەتئەلگە چىققۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتىمۇ بارغانسېرى بازار تېپىپ، بىر كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىۋاتىدۇ. دىمەك چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش بىر مەنىدىن ئېيىتقاندا يالغۇز ئوقۇشلام بولۇپ قالماي، باشقا نۇرغۇن سەۋەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. مەسىلەن نەزەر دائېرىسى كېڭىيىدۇ، پەرقلىق بىر مائارىپ سېستىمىسىدا تۇرۇپ، پەرقلىق تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى ئىگەللەيدۇ دېگەندەك. مەيلى قانداق بولمىسۇن ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس مەقسەتلىرى بولىدۇ. بىر قېتىم مەن جۇڭگودىن كەلگەن بىر چوڭ شىركەتنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇلار مەندىن مېنىڭ نېمىشقا تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولۇپ قالغانلىقىمنى سورىدى. مەن بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەپلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئوقۇش پۇلىنىڭ ئەرزانلىقىنى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنرەك ئىكەنلىكىنى ئېيىتتىم. ئۇلار سۆشۈمنى تەستىقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بارغانلىكى ياۋروپا ئەللىرىدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتقانلىقلىرىنى، ھەتتا گىرىتسىيەدىمۇ بىر تۈركۈم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتىشتى. گىرىتسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇ يەردە ئوقۇش پۇلىنىڭ ئەرزان بولۇشى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبىبى بىلەن ئۇ يەرنى تاللىغان ئىكەن. مەيلى نېمىلا دەيلى، جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىنى قوبۇل قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئىستانبۇلنىڭ ئىستىمالى بىزگە بەك ئېغىر كېلىدۇ، ھالبۇكى، ئىستانبۇلنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىقلار ئىستىمال سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بىر شەھەر دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ بۇ سەۋەپلىك بۇ يەرمۇ داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
         گەرچە باشقا جەھەتتىكى چىقىملار بىزگە جىق كۆرۈنسىمۇ، ئوقۇماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى قىممەت ھېسابلانمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەتتا مەملىكەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ. مەسىلەن نورمال ئالىي مەكتەپلەرگە بىر مەۋسۈم ئۈچۈن ئىككى ئۈچ يۈز ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرىسىز. ئەمدى بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى.
    بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى
         تۈركىيەدە دۆلەت تىلى تۈرك تىلىدۇر، ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى مائارىپ تىلىمۇ تەبئىيلا تۈرك تىلىدۇر. ھالبۇكى، بەزى داڭلىق، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ تىلىنى ئىنگىلىز تىلى قىلغان. بۇ بەلكىم ئۇ مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى توشمىغان تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە بىر يىللىق ئىنگىلىز تىلى ھازىرلىق دەرسى ئالىدۇ. بۇ خۇددى بىزنىڭ خەنزۇچە تەييارلىقتا ئوقۇغىنىمىزغا ئوخشايدۇ.
         بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپتىكى مائارىپ تىلىمۇ ئىنگىلىز تىلىدۇر. شۇڭا مەملىكىتىمىزدە ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەن، ئەمما ئامېرىكىغا ۋە ئەنگىلىيەگە چىقىش نىسىپ بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى بىر ياخشى تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپ ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن ئوسمان ئېمپىرىيىسى تەرىپىدىن سېلىنغان بىر ئالىي مەكتەپتۇر، قۇرۇلۇش يىلى -1863يىلى. بۇ مەكتەپ يەنە ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدە قۇرغان تۇنجى ئالىي مەكتىۋى ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىك بەلكىم بىلسە كېرەك، چىڭىخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەمگىكىدۇر.
    بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا دەرس ئۆتۈشى بۇ مەكتەپنىڭ خەلقئارادىمۇ بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ تېخىمۇ جەلپ قىلماقتا. بۇ مەكتەپ ئىجتىمائىي پەن ئاساسىي كۈچلۈك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، ماگىستېرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى تولۇق. مەن مەملىكىتىمىزدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش غايىسى كۈچلۈك بولغانلارغا بۇ مەكتەپنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن كۆپتۈر. چۈنكى تۈركىيەگە كەلمەك بىر قەدەر ئوڭاي، ۋە تۈرك تىلىنى ئىگەللىمەك، باشقا بىر تىلنى ئۆگەنگە قارىغاندا ئاسانراق بولغانلىقىدىندۇر. ۋەھالەنكى بۇ يەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇماق ئۇنچە ئوڭاي ئەمەستۇر. مەسىلەن، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان بىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يوقتۇر. ئەسلىدە، مەملىكىتىمىزدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ مەكتەپكە لاياقىتى توشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى خالاس. نۇرغۇنلىرى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋە ياكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك. ئەگەر تۈكىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى ماڭا نىسىپ بولمىغان بولسا، مەنمۇ تۈركىيە توغرىلىق خەۋەرسىز قالغان بولاتتىم، ۋە بۇ يەردە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ بىر داڭلىق بىر ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ بارلىقىنى، بۇ بىلىم يۇرتىنىڭ ئامېرىكىدىمۇ شۆھرىتىنىڭ بارلىقىنى، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىتىدەك بىر گۈزەل ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بارلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز قالغان بولاتتىم.
        بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستانبۇل بوغۇزى (بوسفور بوغۇزى)غا جايلاشقان بولۇپ تەبئى مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل. مەكتەپنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، بۇ ئىككى قىتئەنىڭ ئارىسىدىكى دېڭىز بوغۇزىنى تاماشا قىلغىلى ۋە بوغۇزنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. مەكتەپنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي ئامېرىكا ئۇسلۇبىدا بولۇپ، بىنالىرىنىڭ ھەممىسى كونىچە ئۇسلۇپتا سېلىنغان، كىشىگە ھەقىقى بىر بىلىم يۇرتىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداق چىرايلىق. بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى مەن موشۇ چاغقىچە كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق ئالىي مەكتەپتۇر. تولىمۇ ئەپسۇس، تۈركىيەدە شۇنچە جىق ئۇيغۇر ئوقۇسىمۇ، بۇ مەكتەپكە تېخى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قەدىمى بېسىلىپ باقماپتۇ.
           بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى شەرتلىرىمۇ خېلىلا سالماقلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرتلىرىمۇ يۇقىرى. تۈركىيەدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشى ئامېرىكىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشىدىن تەسرەكتۇر. ئەلۋەتتە مەن MIT, Harvard, ياكى Stampfordنىڭ گېپىنى قىلمىدىم. بۇ مەكتەپ ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دېسىڭىز، بۇ توربەتنى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
    www.boun.edu.tr <http://www.boun.edu.tr>
    http://www.boun.edu.tr/index_eng.html
       بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ توربېتىنىڭ ئىنگىلىزچە تۈزۈلىشىمۇ مۇكەممەل بولۇپ، تۈركچە بىلمىگەنلەرمۇ يېتەرلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ تور بەت ئارقىلىق، مەكتەپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، فاكۇلتىتلار، كەسىپلەر، قوبۇل قىلش شەرتلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئادەتتە كۈز مەۋسۈمىدكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى ئەتىيازدا باشلىنىپ، ئىيۇلدا ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتلىرى سىزدە تولۇق ھازىرلانغان بولسا، سىز ھازىر ئىلتىماس قىلىشنى باشلىسىڭىز ئۈلگۈرەلەيسىز. سىزگە دەيدىغان يەنە بىر نۇقتا، بۇ مەكتەپتىكى پروفېسسورلار سىزنىڭ ئېلىخېتىڭىزگە جاۋاپ قايتۇرۇشتىن ئېرىنمەيدۇ. چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىدۇ، ئەگەر ئۆزى سىز سورىماقچى بولغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىسلىتى بىزنىڭ چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئالىملىرىمىزدىمۇ يوق. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئۇيغۇر ئالىملىرى دەيدىغان بىر تور بەت بار ئىدى، بۇ تور بەتنى ئالىمىمىز دوكتۇر ئەركىن سىدىق قۇرغان ئىدى، ھازىر مەرىپەت تور بېتىگە ئۆزگەردى. ئەشۇ تور بەتتى، نۇرغۇن ئوقۇۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ ئېلخەت ئادرىسلىرى قالدۇرۇلغان ئىدى. مەن نۇرغۇنلىرىغا خەت يېزىپ، بىرسىدىنمۇ جاۋاپ ئالالمىغان ئىدىم. ئاخىردا جاۋابىغا ئېرىشەلىگەن كىشىم Jeck بولدى.
         يەنى سىز بۇ توربەت ئارقىلىق، ئۆزىڭىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپنىڭ تەسىس قىلىنغان قىلىنمىغانلقىنى، بۇ كەسپنىڭ قايسى فاكۇلتىت تەرىپىدىن بېرىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. ۋە شۇ فاكۇلتىتنىڭ تور بېتىگە كىرسىڭىز، فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچى پروففىسورلارنىڭ ئالاقىلىشىش يوللىرى قالدۇرۇپ قويۇلغان. شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا ئېلخەت قىلسىڭىز بولىدۇ. پروفېسسورلار ئاساسى جەھەتتىن ئامېرىكىدىكى ۋە ياۋروپادىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ماگىسترلىقنى ۋە دوكتۇرلۇقنى تۈگەتكەنلەر بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەقىقەتەن تولىمۇ يۇقىرىدۇر.
    بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنىڭ شەرتلىرى قانداق؟
    1. سىز چوقۇم ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. خالىغان بىر خەلقئارالىق ئىنگىلىزچە ئىمتىھان نەتىجىڭىز يېتەرلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ئىنگىلىزچىگە قويغان تەلىپى تۆۋەندىكىدەك:
    USA: TOEFL (Test of English as a Foreign Language)
    Minimum Score: 550, TWE: 4.5
    Computer-based TOEFL: 213, TWE: 4.5
    TOEFL IBT Test: 79, TWE: 24
    UK: IELTS (International English Language Testing System)
    Minimum Score: 7
    2. ئەلۋەتتە يالغۇز ئىنگىلىز تىلىدىكى نەتىجىڭىز بىلەن ئىلتىماس قىلالمايسىز. سىز يەنە ماگىستىرلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھازىرلىشىڭىز كېرەك. بۇلار LES, GRE, GMAT  قاتارلىق ئىمتىھانلاردا ئالغان نەتىجىلىرىڭىزدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە يالغۇز LES ئىمتىھانىلا تۈركىيەگە ئائىتتۇر. شۇڭا سىز يا GRE ياكى GMATدىكى نەتىجىڭىزنى ھازىرلىشىڭىز كېرەك. بۇ ئىمتىھانلاردىكى كونكېرت شەرتلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر. بۇلارنى مەن ئۇلارنىڭ تور بېتىدىن تاپقان، بەلكىم ئۆزگىرىش ئىھتىمالى بار، شۇڭا چوقۇم موشۇنداق دەپ كاپالەت بېرەلمەيمەن.
    Examinations
    In order to apply for M.A./M.S. programs of B.U., candidates need to take the Selection Examination for Graduate Studies (LES), administered by the Student Selection and Placement Center (OSYM), and receive a minimum standard score of 45. In order for undergraduate degree holders to be able to apply for the Ph.D. programs, they need to obtain a minimum standard score of 55 or above in their respective disciplines. OSYM administers the LES exam twice a year, in May and in December. The scores obtained are valid for two years.
    B.U. also accepts scores obtained from the internationally renowned Graduate Record Examination (GRE) and Graduate Management Aptitude Test (GMAT).
    1.For application to master programs minimum of 450 in GMAT
    2. For application to PhD programs minimum of 500 in GMAT
    3.Quantitative section of GRE should have minimum score of 610 for master applications
    4.Quantitative section of GRE should have minimum score of 685 for PhD applications
    Also, note that certain disciplines of study may require that both GRE and GMAT are taken.
    GREدىكى تەلىپى سىز ئىلتىماس قىلغان كەسىپنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. يۇقارقى تەلەپتە پەقەتلا ماتېماتىكىدىكى نەتىجىسى تەلەپ قىلىنغان. بۇ بەلكىم تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرىگە كقارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىجتىمائىي پەنگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، سۆزلۈك قىسىمىغا قويغان تەلىپى يۇقىرىلىشى مۇمكىن.
       بۇلاردىن باشقا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى پەنلىرىنىڭ ئورتاق نومۇرى 2.0دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. كونكېرىت قانداق ھېسابلىنىدۇ، بۇنى باشقا يەردىن سۈرۈشتۈرىشىڭىز مۇمكىن. ئىلتىماس قىلىشتىكى باشقا شەرتلەرنى سىز مەن قالدۇرۇپ قويغان ئادرىستىن كۆرەلەيسىز. مېنىڭ تەمىنلىيەلەيدىغان ئۇچۇرۇم پەقەت موشۇنچىلىك، قالغان تەپسىلاتىنى مەكتەپنىڭ تور بېتىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز. ئەگەر ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىسڭىز، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.  كونكېرت شەرتلەرنى بۇ ئۇلىنىش ئارقىلىق بىلىۋالالايسىز:
    http://www.boun.edu.tr/graduate/organization/admission_grad.html

    ئوقۇش پۇلى:
         مەن ئاساسلىقى ماگېستىرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلەيمەن. ئوقۇش پۇلى يۇقىرىدا مەن دېگەندەك قىممەت ئەمەس، تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى ئۈچۈن بىر مەۋسۈمدە 250 لىرا( تەخمىنەن 185دوللار). چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 1000 دوللار. ئەگەر ئۇيغۇرلار چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ھېسابىدا پۇل تۆلىسىمۇ، بۇ پۇل قىممەت ھېسابلانمايدۇ. تۈركىيەدە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە ئېتىبار سىياسىتى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ سىياسەتتىن تەبئىيلا بەھرىمان بولالايدۇ، ۋە تۈرك ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلەيدۇ. ئۇ چاغدا ئوقۇش پۇلى تېخىمۇ ئەرزانلايدۇ. ياتاق پۇلى ياتاقلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئايلىقى 100 دوللارلىق ياتاقلارمۇ بار، 250 دوللارلىق ياتاقلارمۇ بار. بۇ خىراجەتلەر ئىستانبۇلنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسگە قاراپ بولىدۇ.
    http://registration.boun.edu.tr/login/tuition_and_fees.htm

    ئوقۇش مۇكاپات پۇلى:
        تۈركىيەدىكى كۆپىنچە ئالىي مەكتەپلەر ئامېرىكىدىكى ۋە ياكى جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردەك ئۆزلىرى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلمىغان. بىۋاستە ئوقۇش پۇلىغا ئېرىشىش ئىھتىمالى يوق. ھالبۇكى كېرەك يوق. تۈركىيەدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بىر بولسا مائارىپ مېنىستىرلىكىدىن بېرىلىدۇ، ياكى بولمىسا شەھەر مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئورگانلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ. بۇ خىل مۇكاپات پۇلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق خىراجىتىگە نىسبەتەن بولۇپ، ئايلىق خىراجەتتىن ئاشقۇدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدەك مۇنداق داڭدار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئاز دېگەندە ئايلىقى ئۈچۈن 300 دوللارغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ خىزمەت تېپىپ، ئىشلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتمۇ بولمايدۇ، ۋە خاتىرىجەم ئوقۇشىڭىزنى تۈگىتەلەيسىز. شۇڭا بۇ يەردە ئوقۇماق بەزىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئوقۇغانغا قارىغاندا قولايدۇر، جىق جاپا تارتىشنىڭ ئورنى يوق. بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا مەلۇم دەرىجىدە ئىناۋىتى بولغىنى ئۈچۈن، كىيىن دوكتورلۇق ئوقۇشنى ئامېرىكىدا ۋە ياكى ياۋروپادا تاماملاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ئۈچۈن، بۇ مەكتەپ كۆڭۈلدىكىدەك تاللاشتۇر.
         بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ تىلى ئىنگىلىز تىلى بولغىنى ئۈچۈن، ئىنگىلىز تىلىدىكى كەمتۈكلىكلەرنى تولۇقلاپ، كىيىنكى ئوقۇشلار ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئارتۇقچىلىقلىرى نۇرغۇندۇر. ئۇندىن باشقا، بۇ مەكتەپنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل. مەكتەپنىڭ تور بېتىدە، رەسىملەرنى تاللاپ كۆرەلەيسىز. مەن پۇرسەت بولسا رەسىملەرنى تارتىپ كېلىپ، ئۆزۈم تارتقان رەسىملەرنى سىلەرگە كۆرسىتەرمەن. ھازىرچە بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە توختالماقچى بولغانلىرىم موشۇنچىلىكتۇر. ئەگەر قىزىققۇچىلارنىڭ سوئاللىرى بولسا، مەن بىلگىنىمگە قەدەر جاۋاپ بېرىشكە تەييارمەن. كىيىن يەنە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى توغرۇلۇق ماتېرىياللرنى توپلاپ، ئۇ مەكتەپنىمۇ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ سۈرەتلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ ئۇنىۋېرسىتېت  !super
    http://www.boun.edu.tr/resimler/hisar_kampus.html

    (جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەنمۇ مەخسۇس دۇنيادىكى ئالى مەكتەپلەر توغرۇسىدا سەھىپە ئاچقان ،توغرا كۆرسىڭىز كۈچۈرۈۋالاي !!
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن
  • يوللىغان تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
    ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي!
    مەن پات يېقىندا تۇركىيىگە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا چىقماقچى ئىدىم،ئېمەيىل ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز تەپسىلى ئىشلار توغرىلىق سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەنىدىم.
    سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەپ:
    نىلۇپەر
  • ماڭا لازىملىق ئۇچۇرلار ئىكەن،سىزگە كۆپ رەخمەت!