-
ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ - [Inspire ئىلھام]
2007-02-05
ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ
lئامرىكىدا ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز، لېكىن شۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تەپسىلى پاراڭلىشىپ باقسىڭىز ھەر بىرسىنىڭ بىر كەچتە سۈزلەپ تۈگىتەلمىگۇدەك، سىزنى زوق سېلىپ ئاڭلاتقۇزغۇدەك ھىكايىلىرى، كەچۇرمىشلىرى، تىرىشىش يوللىرى بار.
ئادەم ئۈزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ ھىكايىلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ، ۋە ياكى بەك قىززىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن دەل ئۈزى قىلىۋاتقان بىر ئىشنى باشقا بىرسىنىڭ ئۈزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلغانلىغىنى، قىلغاندىمۇ بەك چىرايلىق قىلغانلىغىنى كۈرسە، ئاڭلىسا قىززىقىپ سۈرۈشتۇرىدۇ. كەمتەر ئادەم بۇلسا ئۇ ئادەمگە زوقلىنىدۇ، ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئۇنداق بولمىسا يەنە سۈرۈشتۈرۈپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم ئامرىكىدا بۇلسا يەنە "ئۇ ئامرىكىدا بۇلغاچقا شۇنداق قىلالاپتۇ، مەن بۇلغان بۇلساممۇ قىلالايىتتىم" دەپ ئۈزىنى ئالدايدۇ. لېكىن ئۇ سىزنى ھەيران قالدۇرغان ئادەم سىز بىلەن بىر دەريادىن سۇ ئىچىپ بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقان بۇلسىچۇ؟
مەن (Jeck) ئوتتۇرا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ئارزۇيۇم بەك چوڭ ئىدى. ئالى مەكتەپنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتدا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى ئامرىكىنىڭ ئەڭ نۇپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇسام دەپ ئويلايتتىم ، لېكىن ئامرىكىنىڭ ئەڭ نۇپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتىم. كىيىن بىلدىمكى، مەن قىزىقىدىغان ساھەدە ئامرىكىدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتىت خارۋارد بىلەن MIT |ئىكەن. ئۈزەمچە ياخشى تىرىشتىم دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئالى مەكتەپتە ئالغان نۇمۇرۇم چىڭخۇا نىڭ قۇبۇل قىلىش سىزىقىغا يىقىنمۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈزەمنىڭ نۇمۇرىغا ماس كەلگەن مەكتەپكە باردىم. شۇنداقلا يەنە مىنىڭ بۇنداق يۇقىرى نۇمۇر ئالالماسلىقىم يالغۇز مەندىكى مەسىلە ئەمەس، خوتەن نامرات، خوتەننىڭ مائارىپى مۇشۇنداق قالاق بۇلغاچقا، مەندىمۇ ئامال يوق دەپ ئويلىدىم. لېكىن يىڭى سىنىپقا كىرگەندىن كىيىن بىلدىمكى ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن. خوتەنگە ئوخشاش نامرات جايلاردىن كەلگەن، مەندىن بىرەر يۈز نۇمۇرنى يۇقىرى ئېلىپ ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بالىلاردىنمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنى بەلكىم ئىمتاھاندا بوش قويىۋەتكەن بۇلسا كۈچۈرۈپ ئالغاندۇ دەپ يەنە تەن ئالمىدىم. لېكىن بىللە ئوقۇش جەريانىدا مەلۇم بۇلدىكى ئۇلار ھەقىقەتەن مەندىن قابىلىيەتلىككەن. دىمەك، شۇ ئۈز بېشىمدىن ئۈتكەن ئىشلار ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتا يەكۈنلىدىمكى، ئادەم بىر نىشانغا يىتىمەن دىسە، شۇنداقلا ئۇ نىشانغا تىرىشىش ئارقىلىق يەتكىلى بۇلسا، نامراتلىق، رايۇنلار پەرقى ھەل قىلغۇچ سەۋەپ بۇلالمايدىكەن. بىز پەقەت ئۈزىمىزگە ھەر خىل سەۋەپ ئىزدەپ ، تەن ئالماي، بانانى باشقىلارغا دۈڭگەپ ئۈزىمىزگە تەسەللى تاپىدىكەنمىز. كىيىن ئىچكىرگە كىرگەندىن چىڭخۇ ئۇنۋېرسىتىتى، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىلاردىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسام، نامرات جايلاردىن كەلگەن بالىلارمۇ خېلى باركەن. ماڭا ئوخشاش باشقىلار مەن قىلالمىغاننى قىلىپتۇ. ئىچىمدە قايىل بۇلدۇم.
ئۈتكەن يىلنىڭ 8-ئايلارنىڭ ئاخىرلىرى بۇلسا كىرەك. ھازىرقى مەكتىۋىمدىكى بىر نەچچە خەنزۇلار بىلەن كەچتە بىللە بۇلۇپ قالدىم. گەپ ئارىلىقىدا بىرسى مىنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىگىمنى بىلىپ پاراڭلاشقىلى كىلىپتۇ. جىق سۈزلەپ كەتتى، بەزى گەپلەردىن كىيىن "ئۇيغۇرلارنى مەن كاۋاپچى بىلەن ئوغرى بۇلىدۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن بۇ كۆز قارىشىم يىقىندا ئۈزگەردى" دىدى. "قانداق بۇلۇپ شۇنداق بۇلدى" دەپ قىززىقىپ سورىدىم. ئۇ دىدىكى، ئۇ ھازىرقى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىنىڭ مىكرو دولقۇن، رادىىئو تېخنىكىسى بويىچە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى بىر يىللار بۇرۇن كولورادو دا ئۈتكۈزۈلگەن خەلقارا رادىئو تېخنىكىسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر ماقالە يوللىغان بۇلۇپ ئۇ ماقالىگە كۈپ كۈچ سىڭدۈرۈپتۇ. ئۇ يىغىندا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇنغان ئىلمى ماقالىلىرى ئىچىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ بۇلار چوقۇم مۇشۇ مۇسابىقىدە نەتىجە ئالىمىز دەپ چوڭ ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرۇپتىكەن. لېكىن كۈتمىگەندە ئۇلار نەتىجىگە ئىرىشەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىگە كىم ئىرىشكەندۇ دەپ ئاختۇرۇپ قارىسا Reyhan ئىسىملىك بىرسىنى ۋە ماقالىسىنىىڭ تىمىسىنى كۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىمدۇ دەپ ئىزدەپ بېقىش نىيىتىگە كىلىپ Google دىن ئىزدەپ ئۇنىڭ ماقالىسىنى كۈرۈپتۇ ۋە بۇ ماقالىنىڭ راسىتىنلا ئۈزىنىڭ ماقالىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىغىنى ھىس قىلىپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۈتكەندىن كىيىن ئۇ ماقالىنى تەپسىلى ئۇقۇپ باققۇسى كىلىپ يەنە ئىزدەش جەريانىدا كۈتمىگەن يەردىن يەنە باشقا بىر ئۇلىنىش ئۇنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىنىڭ تور بېتىنىڭ "چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005-يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى" دىگەن يىرىگە ئاپىرىپتۇ. قارىسا ئۇ ئوقۇغۇچى ئەسلى قىز بالا ئىكەن، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇغانىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇرۇندىن "كاۋاپچى ۋە ئوغرى " دەپ قاراپ كەلگەن مىللەتتىن ئىكەن...
مۇشۇ گەپلەر بىلەن ئۇ بالا جىق سۈزلىدى، جىق پاراڭلاشتۇق. بۇ بالىمۇ ئەسلى چىڭخۇا دا ئوقۇيمەن دەپ تىرىشىپ ئۈتەلمىگەن بالا ئىكەن، مەندىمۇ بۇرۇن ئوخشاش ھىس تۇيغۇلار بۇلۇپ باققان بۇلغاچقا ئۇنىڭ ھەيران قالغىنىنى چۈشەندىم. شۇنداقلا يەنە گەرچە ئۇقىزنى تۇنۇمىساممۇ، بۇ بالىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇ قىزغا قايىللىقىم ئاشتى. ئۈيگە قايتىپ كىلىپلا Google بىلەن baidu قىلىپ بىردەمدە ئۇ ئۇچۇرنى تاپتىم، ئۇ خەنزۇنىڭ دىگىنى پۈتۈنلەي راسكەن. ئادەم ئوخشاشراق بىر نەرسە بايقىسا سېلىشتۇرغۇسى كىلىدۇ. قارىسام ئۇ قىزمۇ جەنۇپتىنكەن، 90-يىللارنىڭ رىئاللىقىدا جەنۇپتىكى ئىككى شەھەرنىڭ مائارىپ سەۋىيسى بەك چوڭ پەرىق قىلىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن كىرەلمىگەن چىڭخۇاغا ئۇ كىرىپتۇ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن، بۇ دەرىسلەرنىڭ قانداقلىغىنى مەن ئۇبدان بىلىمەن. مەن ئېشىپ كەتسە 80-90، بۇلمىسا 60-70 نى ئاران ئېلىپ ئوقۇغان، ئۇقىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداقلىغىنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن قاراپ باقسام ئۇقىزنى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىققا قۇبۇل قىلىپتۇ. قانداق ئادەمنى ئاندىن ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىققا ھەمەيلەنگە مەلۇم. ئۇ قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەسلەپتە Motorola شىركىتىدە ئىشلەپتۇ، ئۈتكەن يىلى يازدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى ) Utah State University تەرىپىدىن ياردەمچى پىروفىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئامرىكىدا تۇرۇپ باققانلار بىلىدۇكى، ئامرىكىدا باشقا خىزمەت تېپىش ئاسان بۇلغان بىلەن رەسمى ئىتراپ قىىنغان ئالى مەكتەپتە پىروفىسسورلۇق خىزمىتى تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭغا مەن بىر ئىشنى مىسال ئالىمەن. ئۈتكەن يىلى يازدا مەن ئوقۇۋاتقان فاكولتىتمۇ بىر ياردەمچى پىروفىسسورلۇق ئورنىغا ئادەم ئالىمىز دەپ ئىلتىماس قۇبۇل قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى يىتەكچى ئۇقۇتقۇچى تاللىمىغان بولغاچقا بۇ ئىشقا ھەر ۋاقىت نەزەر سېلىپ تۇردۇم. چۇنكى ئەگەر مەن قىزىقىدىغان يۈنۈلۇشتىكى ياخشى ئادەم كىلىپ قالسا شۇنى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللاش نىيىتىممۇ بار ئىدى. 2 ئاي ئىچىدە جەمئى 40 تەك ئىلتىماس قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە پىروفىسسورلارمۇ بار. لېكىن مۇتلەق كۈپچىلىكى شۇ يىل ئەتراپىدا پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن MIT, Harvard, , caltech, Berkely ، colombia دىگەندەك ئامرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىدى. ئاخىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىن MIT نى پۈتتۈرگەن، ھابىل تېلسكوپىدا ئىشلەپ ياخشى نەتىجە قازانغان بىرسىنى ئالدى. ھازىرقى بار پىروفىسسورلارنىڭ ئارخىۋىغا قارىساممۇ ھەممىسى ئاساسەن ئامرىكىدىكى ئالدىنقى 10 داڭلىق ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر. دىمەك، ئامرىكىدا ئالى مەكتەپتە پىروفىسسورلۇق خىزمىتىگە ئىرىشىش ئاسان ئەمەس.بەزىدە مەنمۇشۇلارنى ئويلاپ قورقۇپ قالىمەن، بۇ داڭلىق مەكتەپنىڭ بالىلىرى ھەممە يەرنى ئىگەللىۋالسا كىيىن بىزلەر پۈتتۈرسەك نەگە بېرىپ خىزمەت تاپارمىز دەپ. رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك. مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن رەيھانگۇل ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئامرىكىدىكى دەرىجىسى ئاساسەن پەرىقلەنمەيدۇ، ئۈز ۋاختىدا ئۇ شۇ ئۇرۇنغا ئىلتىماس قىلغاندا ئۇ يەرگىمۇ نۇرغۇنلىغان شۇنداق قابىليەتلىك ئادەملەر ئىلتىماس قىلغان بۇلۇشى چۇقۇم. لېكىن ئاخىرى رەيھانگۇل تاللىنىپتۇ. بۇلارنى ئويلاش ئارقىلىق ئۇ قىزغا بۇلغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئالاقىلىشىپ باققۇم كەلدى. ئۇ قىزنىڭ فاكۇلتىتىدىكى Faculty دىگەن يەردىن ئاسانلا ئادىرسىنى تېپىپ ئاددى قىلىپ خەت يازسام ئەتىسى ئەتىگەندىلا قايتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىنكى ئالاقىلەردە ئۇ قىز توغرۇلۇق تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلدۇم. ئۇيغۇرچىنى مەندىنمۇ ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى كەمتەر، چىقىشقاق قىزكەن. ئۇ قىزنىڭ تەرجىمھالىغا قاراپ بۇنداق ئوقۇغان قىزلار كىتاپتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم. كىيىنكى ئالاقىلەردىن ھىس قىلدىمكى ئۇ قىز ئەدەپ قائىدە،يۇسۇنلارنىمۇ شۇنداق ياخشى بىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ بۇ قىزنى كەڭ قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرغۇم، تەشۋىق قىلغۇم كىلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىمۇ ئېىتزلىققا ئوت ئالغىلى، ئۈيدە تاماق ئىتىپ كىر قات يۇغىلىلا سالماي، تەلپەك بىلەن بىرنى سالسا يىقىلىپ كەتمىسە ئەرگە بىرىۋەتمەي ئالاھىدە بۇلمىسىمۇ نورمال ئوقۇش، ئۈگىنىش پۈرسىتى يارىتىپ بەرسەك ئۇلارنىڭ بىز ئەركەكلەردىنمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغىنىنى ئىسپاتلاپ بەرگۇم كىلىپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى ئەمدى ئۇ قىزنىڭ ئۈزى بىلەن تۇنۇشايلى.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر.(Rayhan Baktur), ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ 18 يېشىدا ئالى مەكتەپكە ئۈتكىچە شۇ يەردە ئۈسۈپ چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۈلەتلىك ئىمتاھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بەرگەن مىللىلار ئارىسدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى نۇمۇر ئېلىپ چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدا تەييارلىق ئوقۇپ 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدا رەسمى ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسىگە ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشقا كۈرسىتىلىپ ئاسپىرانىتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسىرتاتسىيسىنى مۇۋەققىيەتلىك تاماملاپ، ئامرىكنىڭ Clemson University نىڭ ئلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە دوكتۇر ئاسپىرانتى بۇلۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قۇبۇل قىلىنىپ 8-ئايدا ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپى تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يتىلدۈرگەن بۇلۇپ ، 2005 يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمى ماقالىسى ئامرىكنىڭ كولورودا شىتاتى بۇۋىلدىر (Coloroda Boulder) شەھىرىدە ئۈتكۈزۇلگەن خەلقارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمى بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. Google دىن ئىزدىگەن ماتىرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۇلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىق خەۋىرى ئامرىكا پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تور بېتىدە بىرىلگەن.
ئادىرسى http://www7.nationalacademies.org/bisonews/Winter_2005_News.html
يەنە چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بېتىدە، مەكتەپنى تۇنۇشتۇرغان يىرىنىڭ " چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005- يىلى قۇلغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى" دىگەن يىرىدە رەيھانگۇلنىڭ بۇ نەتىجىسىنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ پەخىرلىك نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئادىرسى تۈۋەندىكىچە:
http://join-tsinghua.edu.cn/bkzsw/detail.jsp?seq=2419&boardid=1301
ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بۇلۇپمۇ نۇپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنمقى تەس. چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتى تىلغا ئېلىپ پەخىرلەنگۇدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخىرلىنىشىمىز كىرەك. يەنە بىر يىرى، رەيھانگۇلنىڭ ئۇتاخ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى تور بېتىگە قۇيۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكلاۋۇر ئوقۇشنى چىڭخۇادا ئۇقۇپ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقنى جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسىدە ئوقۇغان. لېكىن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى باكلاۋۇر ۋە ماگىستىرلىقنى بىزدە ئوقۇغان دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
رەيھانگۇل ئامرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى تۇنۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىۋىدە ئۈتكۈزۈلگەن خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (International Festiva) دا جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار جەميىتىنىڭ(Chinese Student Association) ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرى كۈرۈشلۇكى ( Uyghur fashion show) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئىرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كىيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتىرىيالنىڭ باش بېتىگە قۇيۇلۇپ تارقىتىلغان.
رەيھانگۇل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەندىن كىيىن Motorola شىركىتىگە RF ئىنژىنىرى بۇلۇپ تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن . 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن ياردەمچى پىروفىسسور (Assistant Professor) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا Logan گە كۈچۈپ كىلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتۇر رەيھانگۇلنىڭ تەتقىقات يۈنۈلۇشى ئاساسلىقى ئىلىكتېر ماگىنىت ئىلمى (Electromagnetics)، ئانتىنا (Antennas) ،مىكرودولقۇنلۇق توك يۇلى لاھىيلەش
(Microwave Circuit Design) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكولتىتتا ئىلىكتېر ماگىنىت دولقۇنى ( Electromagnetics) ، مىكرو دۇلقۇن ( Microwave) قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۈتۈۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ قۇبۇل قىلغان بىر دوكتۇر ئاسپىرانىتى، بىر ماگىستېر ئاسپىرانتى ئۇنىڭ تەربىيىسدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتۇر ئاسپرانىت ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۈتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى ئۇدۇل كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۈنۈلۈشىگە قىززىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇلسا ، رەيھانگۇلنىڭ بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېىيتقان.
رەيھانگۇل يەنە ئىشتىن سرتقى پائالىيەتلەرنى، بۇلۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۈرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كىچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۈزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۇرگەن كۈچلۇك كۈز قاراشلىرى تۈۋەندىكىچە:
1. مىڭە ئاكتىپ بۇلۇشى ئۈچۈن ئاۋال تەن ئاكتىپ بۇلۇشى كىرەك (person needs to be physically active to keep his or her mind active).
2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بۇلغىنى ئۈمىت. ئەگەر سىز ئاكتىپ پۇزىتسىيەدە بۇلسىڭىز ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىتلىك بۇلۇپ قانداق تىرىشچانلىق كۈرسىتىشنى بىلسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئۈمىتلىك بۇلۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار.
يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۇلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دىگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دىگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بۇل دىگەن مەنىلەردە. رەيھانگۇلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۈز ئىتىقادى، ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىپ بۇ فامىلىنى قۇللانغان ئىكەن.
تۈگىدى.
ماتىرىيالنى تەييارلىغۇچىلار Jeck ، دوكتۇر تاشپۇلات روزى،
تەھرىر: مۇخبىر
بۇ يازمىنىڭ نەشىر ھوقۇقى بىلىۋال تورىغا مەنسۇپ.
بىلىۋال تورىدىن ئېلىندى. مەنبە: http://biliwal.com/GoogleTap_SG_article_1224.html(جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)
收藏到:Del.icio.us