• مەن ئامرىكىغا يالاڭئاياق كىردىم - [America ئامرىكا]

    2006-10-14

     

                                                                      

      شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئامرىكىغا ماڭىدىغان بۇلدۇم. شۇ كۈنلەردە بىر تۇرۇپ ئۈزەمگىمۇ ئشەنگۈم كەلمەيتتى. ئالى مەكتەپتە رەسمى كەسىپ ئۈگىنىشكە چۈشۈپ ئەتراپىمدىكى پۈتتۇرۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانچە مۇنچە ئامرىكىغا ماڭغانلىغىنى كۈرۈپ كۈڭلۈم بىر قىسما بوپ قالاتتى.ئو چاغلاردا تېخى ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنى ئەمدى ئۈگىنىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. بىر يەرلەردىن شۇندا تەسلىكتە ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تور ئادىرسىنى تېپىپ ئەمدىلا ئېغىزىم چىقىشقا باشلىغان ئىنگىلىس تىلى بىلەن ھېجىلاپ ئوقۇپ قارىسام ئامرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى بەك قىممەتكەن. تۇت يىل ئوقۇش پۇلى  خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا بىر مىليۇندىن ئېشىپ كىتىدىكەن. لېكىن ئەتراپىمدىكى تونۇش كونا بالىلار يەنىلا "ئامرىكىغا كىلەر ئايدا ماڭىمەن" دەپ بىز بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى.   بۇ مەكتەپتە شۇندا جىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسى مىليونېر ئىكەنلىگىگە .ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى تېخى بىرىگە مەن بىر قېتىم نەچچە يۈز كوي قەرىز بىرىپ تۇرغان ئىدىم. . ئاخىرى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بىلدىمكى ئەسلى ئامرىكىغا كىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن مىليۇنىر بۇلۇش كەتمەيدىكەن. پەقەت شۇلار تەلەپ قىلغان مەلۇم شەرتلەرنى قاندۇرسىلا 10مىڭ كوي پۇلى بولمىسىمۇ ئامرىكىغا كىلىپ ئوقۇغىلى بۇلىدىكەن. دىمەك پۇلۇم بۇلمىسىمۇ مەن ئامرىكىغا چىقالايدىكەنمەن. !! بۇ بەلكىم مىنىڭ ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەن ھەم مىنىڭ ھاياتىمدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشقا سەۋەپ بۇلغان بىر چوڭ دەرىس. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسى نىشانىمنى قايتىدىن پىلانلاشقا باشلىدىم. قانداقلا قىپ بۇلمىسۇن تىرىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. باشقىلار مۇشۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن قاندا قىلسا مەنمۇ شۇندا قىلىشقا تىرىشىتىم. گەرچە ئۇلاردەك نەتىجىلىك قىلالمىساممۇ، ئۇلار بىر يىلدا تۈگەتكەن ئىشنى مەن بىر قانچە يىلدا ئاران تۈگەتكەن بۇلساممۇ ئىشقىلىپ ئاخىرى تۈگەتتىىم. ئاخىرى مەنمۇ باشقىلارغا "مەن كىلەر ئايدا ئامرىكىغا ماڭىمەن" دىيەلىدىم.  شۇنىڭدىن قارىغاندا ئادەمگە نىشان بەك مۇھىم ئىكەن. ئۈزىگە ماس كەلگەن نىشاننى تۇرغۇزۇپ شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا يول تېپىپ تىرىشسا نىشانغا يەتكىلى بۇلىدىكەن.

    قاچانلاردا مىنىڭدە چەتكە چىقىپ ئوقۇپ بېقىش، ئۇ يەرلەرنىمۇ كۈرۈپ بېقىش ئىستىكى بوپ قالدىكى ئوخمايمەن. داشۇگە ئۈتۈپ بىرەر يىللار ئۈتكەندە بۇلغان ئىش بۇلسا كىرەك.   ئۈرۈمچىدە پەن تېخنىكا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا  ساۋاقداشلىرىمنىڭ  ئامرىكىدا، گىرمانىيە، ئەنگىلىيەدە ئورۇق تۇققان، تۇنۇش بىلىشلىرى بۇلسا بىر خىل ھەۋەس قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ شۇندا چوڭ يەردە ئاكا ئورۇق تۇققانلىرى باركەن. مىنىڭ ھەتتا ئۈرۈمچىدە زىرىكسەم بېرىپ ئولتۇرۇپ كەلگۈدەك ياخشىراق بىلىدىغان ئورۇق تۇققىنىم تۇنۇشلىرىممۇ يوق ئىدى.   بەزى ساۋاقداش ياكى تۇنۇشلىرىم  "فىرانكىفورت ئۇنداقكەن، توكيۇ مۇنداقكەن،"،  "ئاكام ياكى پالانچى تۇققىنىم ياپۇندىن ئالغاچ كەپتۇ"  دەپ يېنىغا ئېسىۋالىدىغان نىپىز يىنىك  ئۈنقويغۈنى ئاڭلاپ كەتسە بىر خىل ئىچىم قىزىرىپ قالاتتى. چۇنكى مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئىنگىلىزچە ئاڭلايدىغانغا تېخى ئادەتتىكى قوپال بۇلسىمۇ ئاڭلىغىلى بۇلىدىغان ئۈنئالغۇ ئالىمەن دەپ 150 كوي پۇل يىغىپ بۇلالماي پۇل ئىقتىسا قىلىپ يۈرەتتىم.  ئۇلار " ئوقۇشۇم پۈتسە ئاكام چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كىتدىغان بۇلدى، ئىنگىلىسچىنى ئۈگەنمىسەم بۇلمايدۇ" دەپ يۈرگەندە مەن ئوقۇش پۈتتۈرسەم نىمە ئىش قىلىدىغىنىمنىمۇ ئۇقمايتتىم. ئىچىمدە "مىنىڭمۇ شۇندا تونۇشلىرىم بولسا، ماڭىمۇ ئازراق ياردەم قىلغان بۇلسا بىر يىل بۇلسىمۇ چىقىۋالسام كىيىن ئۈزەمنى بېقىپ كىتەتتىم دەپ ئويلايتتىم" . شۇنداق باھانىدە ئوقۇغاچ  تۇنۇش ئىزدىگەنمۇ بولدۇم. ئانچە مۇنچە تاپقانمۇ بۇلدۇم. لېكىن ئۇلارنىڭ مۇغەمبەرلەرچە پۇزىتسىيسى،  "ئوقۇش بەك تەس، بۇ يەردە ياخشى ئوقۇدۇم دىگىنىڭ بىلەن ئۇ يەردە ئوقۇيالىشىڭ ناتايىن" دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ مىنى كەمسىتىشى، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئىزدەپ بارساق بىر مۇنچە باھانە سەۋەپلەرنى كۈرسىتىشى ياكى ئۈيىگە بارساق تېخى قۇرۇق قول بارغىلى بۇلمايدىغانلىغى  دىگەندەك ئىشلار بەكمۇ غۇرۇغۇمغا تەككەنىدى. مەن ئۇلاردىن مىنى ئېلىپ چىقىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلمايتتىم، بەلكى قاندا قىلسا مىنىڭمۇ چىقالايدىغانلىغىم توغرىسىدا بىرەر يول كۈرسىتىپ قويسا دىگەن ئۈمىتتە ئىدىم.  ئەمما مەن بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم ماڭا ئۇنداق يول كۈرسەتمىدى.  ئۇنى بىر تۇتقىلى بۇلمايدىغان ئاسماندىكى ئايغا ئوخشىتىپ مىنى ئۈمىتسىزلەندۈردى.  شۇنىڭدىن كىيىن بىرەرىنى  چەتتىن كەپتۇ دەپ ئاڭلىسام بىرخىل مۇغەمبەر، ئادەمنى كۈزگە ئىلمايدىغان، تاماخور ئادەملەر كۈز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ قەتئى ئۇنداق ئادەملەرگە يولىمىدىم ھەم ئىزدىمىدىم. ئەسلى كىيىن ئوخسام بۇ يولدا ئادەملەرگە يالۋۇرۇش كەتمەيدىكەن، ئورۇق توققان بولۇش كەتمەيدىكەن، باي بولۇش كەتمەيدىكەن. تىرىشىشلا كىتىدىكەن خالاس. 
     
    شۇنداق قىلىپ تىرىشىپ يۈرۈپ   ئامرىكا ئالى مەكتىۋىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتلىرىنى ھازىرلاش ، مەكتەپ ئىلتىماس قىلىش، پاسپورت بىجىرىش، ئامرىكا ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىش دىگەندەك بىر قاتار ئىشلارنى نەچچە يىلغا سوزۇپ يۈرۈپ  بىر بىرلەپ ئوڭۈشلۇق ئۇرۇنلاپ ئاخىرى ئوھ دىدىم. لېكىن شۇنداقتىمۇ جىق ئادەملەرگە يايغۇم كەلمىدى. چۇنكى ئۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئامرىكىغا  بىر خەلقارالىق يىغىنغا قاتنىشىدىغانغا بارىمەن دەپ رەسمىيەت ۋاختىدا پۈتمەي بارالماي قالغانىدىم. 6--ئاينىڭ ئاخىرى بارلىق رەسمىيەتلىرىم پۈتكەن بۇلسىمۇ لېكىن شۇنداقتىمۇ تۇيۇقسىز بىرسى چىقىپ بارساڭ بۇلمايدۇ دەپ تۇتۇۋالىدىغاندەك، بىجىرگەن رەسمىيەتلىرىم يالغان چىقىپ قالىدىغاندەك ھىسقا كىلىپ قالاتتىم.   بىر ئاي قالغاندا مەن كىلىدىغان مەكتەپتىكى جۇڭگۇلۇق  ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى يىڭى كىلىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر تور بېتى ئاجرىتىپ يىڭى كىلىدىغانلارنىڭ ھەممىمىزنىڭ سۇئالىمىزغا بىر بىرلەپ جاۋاپ بەردى.  يىڭى بارىدىغانلارمۇ  ھەممىمىز ئۇياقتىن بۇ ياقتىن بولۇپ مۇشۇ تور بەتكە يىغىلدۇق. تونۇشۇپ ئەھۋاللاشتۇق، ۋاختىمىزنىڭ ئودۇل كەلگىنى بويىچە بىللە مىڭىشقا دىيىشتۇق .  مەن ئاخىرى چىڭخۇا داشۇنىڭ ئاسپىرانىتلىقىنى پۈتتۈرگەن بىر بېيجىڭلىق بىلەن  بىللە ماڭىدىغانغا دىيىشتىم. بىلەت ئېلىش ، سەپەر يوللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەندەك ئىشلارنى سەنلا قىلغىن دەپ شۇنىڭغا پۇلنى ئەۋەتىپ بىرىپ ھاۋالە قىلدىم.  8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا بېيجىڭغا كىلىپ ئاخىرى بىر كۈنى ئەتىگەندە تاڭ سەھەر بىلەن بېيجىڭ ئايرۇدۇرىمىدا يەنە تامۇژنا دىگەندەك تەكشۇرۇشلەرنى تۈگىتىپ  ئامرىكىغا ماڭىدىغان ئايرۇپىلانغا ئولتۇردۇم.  ئايرۇپىلان توكيۇدا بىر توختاپ ئىككى سائەتتىن كىتىن باشقا بىر  ئايرۇوپىلانغا چىقتۇق. قارىسام توكيۇ ئايرۇدۇرۇمى بېيجىڭنىڭكىدەك ھەيۋەتلىك كۈرۈنمىدى.  ئايرۇدۇرۇمدىم ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان يەرگە كىچىك بولكىۋاي دەك ماشنىلار بىلەن توشۇيدىكەن، بۇمۇ بىر خىل كۈزۈمگە سىغمىدى. چۇنكى بېيجىڭدا ئايرۇدۇرۇمنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن بىۋاستە ئايرۇپىلاننىڭ كىرىش ئىشىكىگە بىر سۇنئى يول ئۇلىنىپلا ئودۇل ئايرۇپلانغا كىرگەن. چىقىشتىمۇ شۇندا چىققان ئىدىم.  يىڭى ئايرۇپىلان 7-8 سائەت ئۇچۇپ ئاخىرى سىئاتىل ئايرۇدۇرۇمىغا كىلىپ توختىدى. بۇ يەردىمۇ بۇلكىۋايدەك ماشنىا بىلەن بىزنى ئايرۇپىلاندىن ئايرۇدۇرۇمغا توشۇدى. ئايرۇرۇدۇرۇمدا قارىسام ھەممە يەردە خەنزۇچە خەتلەر، بەلگىلەر تۇرىدۇ، ئەھۋالددىن قارىغاندا بۇ ئايرۇدۇرۇمدا خەنزۇلارمۇ جىق ئۈتۈشۈپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ. ئايرۇدۇرۇمغا كىلىپ يەنە ئۇزۇن تەكشۇرۇشلەر، تامۇژنىدىن ئۈتۈشلەر باشلاندى. چىقىش ئىشكىدە ئۇزۇن رەتكە تىزىلىپ يەنە بىر قېتىم كۈچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قىسقىچە لېكىن دوستانە "ئامرىكىغا نىمىش قىلىغىلى كەلدىڭىز، قانچىلىك تۇرىسىز" دىگەندەك سۇئال سوراقلىرىدىن ئۈتۈپ، نەرسە كىرەكلەرنى تاللاپ تەكشۇرىدىغان يەردىن ئۈتۈپ ئەڭ ئاخرىقى چىقىش ئېغىزىغا كەلدىم.  مۇشۇ يەردىن ئۈتۈپ كەتسەملا ئامرىكا زىمىنىغا رەسمى قەدەم باساتتىم.  قولۇمدا چوڭ 32 كىلولۇق ئىككى چوڭ چامادان، مۇرەمدە كىچىك بىر سومكا بار ئىدى.  بۇ ئەڭ ئاخرىقى چىقىش ئېىغىزىدا بىخەتەرلىك تەكشۇرەيدىكەن. ئادەتتە جۇڭگۇدا ئالدى بىلەن سومكا دىگەندەك نەرسى كىرەكلىرىڭىزنى نوردىن ئۈتكىزىدىغان يەرگە قويۇپ قويۇپ سىز قىشىدىكى بىر ئىشىكتىن ماڭىسىز، ماڭغاندا ئەگەر سىگنال چىقسا سىزنى قېشىدىكى ئادەم قولىدىكى تەكشۇرۇش ئەسۋابى ئارقىلىق بىر تەكشۇرەيدۇ. سىز يېنىڭزدىكى ئاچقۇ دىگەندەك تۈمۈر نەرسىلەر بۇپ قېلىپ شۇ سىگنال تولاشقا سەۋەپ بۇلغان بۇلسا ئۇنى ئۇ تەكشۇرگەن ئادەمگە كۈرسەتكەندىن كىينن ئۇنى ئېلىۋىتىپ يەنە سىگنال چىقمىغۇچە تەكشۇرەيدۇ. ئاندىن سىزنى ئۈتكىلى قويىدۇ. لېكىن سىئاتىلدا ئۇنداق ئەمەسكەن. سىزنى ئىشىكتىن ئۈتكۈزۇشتىن بۇرۇنلا تەكشۇرەيدىكەن. مىنى شۇنداق تەكشۇرگەنتى سىگنالى توۋلاپ كەتتى، يانچۇقوڭدىكى نەرسىلەرنى ھەممىنى ئېلىۋەت دەپ بىر سىۋەت بەردى، ھەممە نەرسىنى ئېلىۋەتتىم. ئارقىدىن "ئايىغىڭنى سېلىپ قولۇڭغا ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭ بۇلىدۇ" دەپ مېڭىشقا روخسەت قىلدى. گەرچە ئامرىكىغا كىرىشتىكى بارماق ئىىزى باسىدىغان دىگەندەك يەرلىرىنىمۇ بىخەتەرلىك ئۈچۈن بۇلسا كىرەك دەپ توغرا چۈشەنگەن بۇلساممۇ لېكىن ئايىغىمنى سېلىپ قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ ئامرىكىغا كىرىش ماڭا شۇنداق بىرخىل ئادەمنى مەسخىرە قىلغاندەك، ئادەمگە ئشەنمىگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئاچچىقىم كىلىپ "ئايىغىمنى سېلىپ بىرەي تەكشۇرۇڭلار ، ئاندىن كىينن مەن كىيىپ ماڭاي " دىسەم ئۇلار "بۇ دىگەن بەلگىلىمىمىز، شۇ بۇيىچە بۇلۇشى كىرەك" دەپ ئۇنىمىدى. ئاخىرى ئامال يوق  كىچىك ۋاختىمىزدا ئايىغىمىزنى ئاۋايلاپ قولتۇقىمزغا قىستۇرۋېلىپ مەكتەپكە بېرىپ، مەكتەپنىڭ ئىشىگىدىن ئۈتۈپ ئايىغىمىزنى كىيىۋالغاندەك  ئايىغىمنى سېلىپ قولتۇغۇمغا قىستۇرۇپ بۇ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشىكتىن ئۈتۇپ ئامرىكا زىمىنىغا رەسمى قەدەم تاشلىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئامرىكا زىمىنىغا ئايىغىمنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ يالايئاياق ھالەتتە كىرىپ كەلدىم. بەلكى شۇ قىزىقارلىق  كۈرۈنۇشنى كۈز ئالدىڭلارغا كەلتۈرسەڭلەر بىرخىل ئىختىيارسىز ئاچچىق كۈلۈپ كىتىسىلەر. مەنمۇ شۇندا ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ ئامرىكا زىمىنىغا قەدەپ باستىم.  كىيىن بىلدىمكى بۇ ئىشلار  911 دىن كىيىن ئامرىكا ھۈكۈمىتىنىڭ تىرورچىلىققا قارشى چىقارغان بەلگىلىمىسى ئىكەن. ھەممە ئايرۇدۇرۇمدا شۇندا تەكشۇرەيدىكەن. مەن بىلەن بىللە كەلگەن ھەممەيلەن ماڭا ئوخشاش بوپتۇ. بۇ قېتىم لوس ئانجىلىسقا بارسام ئۇ يەردە تېخىمۇ چىڭ تەكشۇرەيدىكەن. بىخەتەرلىك تەكشۇرۈش ئىشىكىدىن كىرگەندە خۇددى جىنايەتچىگە ئوخشاش ئىككى قولىنى ئىگىز كۈتەرتكۈزۈپ ئۈتكۈزىدىكەن. مەن بىر خىل خورلۇق ھىس قىلدىم.

    (ﺑﯘ ﻳﺎﻣﺎ ﺋﯜﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻠﻮﻻﻳﯩﻔﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﮬﺒﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﯨﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ، ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.  ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺟﯩﻖ ﺑﺎﺭ.  ﺑﯜﻟﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯜﻟﯜﭖ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ)

    (جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئالامەت ئىشلار بۇلىدۇ جاھاندا جۇمۇڭ تۇرسۇنكا،بىر نىمە دىمەك تەس ~!
  • رەخمەت تېمڭېزغا
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تۇرسۇنجان ئاكا ( ئەسلى ئىسىمىڭىز بىلەن ئاتىدىم ) ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئوقۇشىڭىز نەتىجىلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن تېخى تۈنۈگۈن ئىلان قىلغان << ئۇيغۇرتكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> نامىدىكى بلوگلار ئۇلىنشىنى تور خاتىرڭىزگە قېتىۋالغايسىز . ھەم قىممەتلىك تەپلىپ - پىكرلىرىڭىز بەرگگيسىز . ئامان بولۇڭ .
  • رەھمەت سىزگە ! مەنمۇ بىر چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرسى شۇڭا مۇمكىن بولسا يەنە يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇڭ.