-
توي مۇراسىملىرىمىز توغرىسىدا پاراڭ. Lets talk about our wedding style - [Think it ئويلانمىلار]
2006-06-08
شۇندا قىلىپ ئەتە ئۈزھالجانمۇ بويتاقلار سېىپىدىن چەك چىگىرىسىنى ئايرىماقچى. ئۈزھالنىڭ توينىڭ كۈڭۈللۈك ئۈتىشىنى تىلەيمەن. مەن بو توينى ئۇيلاپ بىزنىڭ توي مۇراسىملىىرىمىز توغرىسدا تورداشلار ئۈزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق دىگەن خىيالغا كەپ قالدىم. بۇ بەلكىم بۇ تويغا سۇغا بولۇپ قالار.
توي مۇراسىمى دىگەندە ئۈرۈمچىدىكى توي مۇراسىملىرىنى كۈزدە توتتۇم. چۇنكى شۇنى ئۈزەم ئەڭ ئىنىق بىلىمەن. شۇنداقلا ئۈرۈمچىنىڭ قائىدىسى بەك ئاسان ۋىلايەت شەھەرلەردا مودا بۇلىدۇ. شۇڭا مۇشۇ توغرىسىدا سۈزلىمەكچىمەن.
باشتىن ئاخىر ھەممە يېرىنى تەسۋىرلەپ ئۇلتۇرمىدىم. مەن ئۈزەم قىززىددىغان يەرلىرىنىلا كۈزدە تۇتىمەن. مىنىڭ كۈزۈمگە ئەڭ سىغمايدىغان كۈرۈنشلەر:
1. كۈرۈنۇش: توي كۈنى ئەتىگەن سائەت 4 لەر بىلەن تۇرۇپ ئۇغۇل كىيملىرىنى كىيىپ ، دادىسى، ئاكىسى، قولداش ۋە يەنە بىر نەچچەيلەن 4-5 ئادەم قىزنىڭ ئۈيىگە بارىدىغان گەپ. بۇ جەرياننى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن سۈرەتچىنىمۇ بىللە ئېلىۋالىدىغان گەپ. قىز تەرەپتىكىلەرمۇ بۇلار كەلسە قۇرۇق چاي بىلەنلا ئۇزىتىپ قويغىلى بۇلمىغاندىكىن ئەڭ ئاز قىلدى دىگەندىمۇ بىرەر ئىككى خىل تاماق بۇلسىمۇ قىلىدۇ. مىمانلار كىلىشتىن بۇرۇن پىشۇرۇپ بۇلۇش ئۈچۈن ئۇلار بۇ كىچىسى ئۇخلىمىسا كىرەك ۋە ياكى 1-2 لەر بىلەنلا تۇرۇۋالسا كىرەك. ئۇغۇل تەرەپتىكىلەر كىلىپ ئۇلتۇرۇشۇپ تىنىچ ئامانلىق سۇراشقاندىن كىيىن نىكاھ ئۇقۇلىدۇ. ھازىرغىچە مىنىڭ كاللامدىن ئۈتمەيدىغان ئەڭ چوڭ بىر ئىش شۇ يەردە. نىكاھ ئۇقۇغاندا، قىز بالا باشقا بىر ئۈيدە تۇرىدىكەن، ئۇغۇل بالا بىر ئۇيدە تۇرىدىكەنمىز، نىكاھ ئۇقۇغاندا موللام ئۈنلۈكرەك ئۇقۇيدىكەن، ""ئالدىڭىزمۇ تەگدىڭىزمۇ"" دىيىشكەندە قىز بالايا بىر دەرىزىدىن يا ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن تەگدىم دەپ قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن نىكاھ ئۇقۇلغان بۇلىدىكەن. ئاندىن كىيىن بىردەم تاماق يەپ قايتىپ رەسمى توي تەييارلىقىغا چۈشىدىغان گەپ.
ئارلىقتا ئۇغۇل تەرەپ چۈش بىلەن بىرەر يەردە يىغىلىپ ئاغىنىلىرى بىلەن يىگىت ئولتۇرۇشى قىلىدۇ، قىزلارمۇ شۇندا قىلىدۇ ياكى قىز تەرەپ ئايرىم ""توي قىلىدۇ"". چۈشتىن كىيىن سائەت 4 لەر بىلەن ئۈغۇل تەرەپ ئاغىنىلىرى بىلەن ئەتىگەندە نىكاھ ئۇقۇپ قويغان قىزىنى ئەمدى ئالغىلى كىلىدۇ، قىزنى ئالغىلى كەلگەندە قىز تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئانچە مۇنچە ياڭزا كۈرسىتىپ قويىدۇ، ئۇغۇل تەرەپمۇ سۇنىڭ ئېقىشىغا بېقىپ ئىش كۈرۈپ نىمە تەلەپ قىلسا شۇنى تالىشىپ ""سودىلىشىپ"" بىرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بۇ ""سۇدىدا"" كىلىشەلمەي ئىككى تەرەپنىڭ ئاغىنىلىرى سوقۇشۇپ قالىدىغان ئىشمۇ بۇلىدىكەن. مەنغۇ ئۈرۈمچىدە ھازىرغىچە تويدا سوقۇش كۈرۈپ باقمىدىم. لېكىن مەن ئاڭلىغان سۇقۇشۇپ قاپتۇ، ياكى سۇركىلىشىپ قاپتۇ دىگەن گەپلەر بۇلسا، زىددىيەت مۇشۇ يەردىن تارتىپ باشلىنىدىكەن.
2. ئىككىنچى كۈرۈنۇش: مىھمانلار ئادەتتە سائەت 5 تە يا ئالتىدە دەپ مەلۇم بىر رىستۇرانغا چاقىرلىدۇ. مىمانلار سائەت 6 يېرىمدىن تارتىپ رەسمى كىلىشكە باشلايدۇ. 7 يېرىم بىلەن 8 نىڭ ئەتراپىدا تاماق ۋە باشقا نەرسىلەر تارتىلىشقا باشلايدۇ. 8تىن ئازراق ئۈتكەندە بىرسى مىكرۇفۇننى قولىغا ئېلىپ"" بىشى باش بۇلسۇن، ئايىغى تاش بۇلسۇن، دۇنيادىكى ھەممىدىن ئۇلۇغ گۈزەل ئۇيغۇر ئۇسۇلىمىز بىلەن توينى باشلايمىز "" دەپ توينى باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن توي رەسمى باشلانغان بۇلىدۇ. ئۇسۇللار، تاڭسىلار، رىستۇراننىڭ ئۈزىنىڭ نۇمۇرلىرى، ۋە باشقا كۇڭلى بارلارنىڭ ناخشا ئۇقۇپ بىرىشلىرى بىلەن 10 بۇلىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ 10 بىلەن 10 يېرىمنىڭ ئارلىقىدا توي تۈگەيدۇ.
3. كۈرۈنۇش: توي ""باشلىنىپ: ئۇزۇن ئۈتمەيلا ئىككەيلەن دەپتەر كۈتۈرۈپ كىلىپ "" ئەمىسە تويغا ئاتىغىنىڭلارنى بىرىۋىتەمسىلەر"" دەپ جۇزىمۇ جۇزا يۈرۈپ پۇل يىغىدۇ.
بۇ كۇرۇنۈشلەرگە قارىتا Jeck مۇلاھىزىسى.
1. بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىزدا نىمە ئەڭ مۇھىم بوپ قالدى، نىمىشقا ئۇسۇل تاڭسا باشلانسا ئاندىن توي رەسمى باشلانغان بۇلىدۇ؟ بىزدە ھازىر توي دىسە كۈز ئالدىمىزغا كىلىدىغىنى كەچ سائەت سەككىزدىكى ئۇسۇل تاڭسا. ئاساسەن ھەممەيلەننىڭ كۈز قارىشىدا شۇنداق. ""توي باشلاندىمۇ"" دىگەن سۇئالغا ھەرقاندىقى ئەگەر ئۇسۇل باشلانغان بۇلسا ""باشلاندى"" دەپ جاۋاپ بىرىدۇ، باشلانمىغان بۇلمىسا باشلانمىغان بۇلىدۇ. ئەڭ كۈلكىلىك يىرى نىكاھ مۇراسىمىنىڭ بىر قاملاشمىغان ۋاقىتتا قاملاشمىغان شەكىل بىلەن تاماملىنىشى.
قاملاشمىغان ۋاقىت دىگىنىم ئەتىگەن سائەت 4-5تە ئىشىت پوق يىمەستە نىكاھ ئۇقۇيمىز دەپ ھەممە ئادەمنىڭ ئاۋارە بۇلۇشى. بۇ ئىشنى دەپ ئەتىگەندە سىز بىلەن بارىدىغان ئاغىنىلىرىڭىز ئاۋارە بۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا ماشىنا ئۇقۇشسىڭىز شوپۇرغا قەتئى خوشياقمايدۇ. ئەتىگەندە بېرىشىپ بىرىدىغان ماشىنا، شوپۇر تاپماق بىر تەس ئىش. سۈرەتچى تېخى كىلىمەن دەپ قويۇپ كەلمىگەن، شۇپۇر كىلىمەن دەپ قويۇپ كەلمەي ساقلاتقان. ھەممىدىن بەكراق قىز تەرەپنىڭ بەكراق ئاۋارە بۇلىدىغاندەك كۈردۈم. چۇنكى ئۇلار كىلدىغانلارغا تاماق قىلىمىز دەپ كىچىچە ئۇخلىماي چىقىدىكەن. باشقا ئادەم ئۇخلىمىغاندىكىن قىزمۇ ئۇخلىيالمايدىكەن،ياكى باشقىلارنىڭ زورى بىلەن ئانچە مۇنچە ئۇخلىۋالىدىكەن. ئۇغۇل بىلەن ھەر ئىككسى ئەتىگەن شۇ چاغدا تۇرۇۋالغاندىن كىيىن ھەر خىل ئىشلار بىلەن ئۇخلىيالمايدۇ. شۇندا قىلىپ بۇ ئىشلار كەچتە ئاغىنىلىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈيىگە كىرىپ ۋارى ۋارى قىلىپ نەرسە كىرەكلەر تۇشۇلۇپ ھەممە ئادەم چىقىپ كەتكەندە ئاندىن تۈگەيدۇ. بۇ ۋاقىت ئاساسەن 11يېرىم ياكى 12 بۇلغان ۋاقىت بۇلىدۇ. گەرچە ئۇغۇل قىز بۇ كۈنى گەرچە ئۈزى قول سېلىپ بىرەر ئىش قىلىمىسمۇ لېكىن ئەتىگەن سائەت 3 لەردە تۇرۇۋالغان بۇلغاچقا كەچتە ئۇھ دىگۇچە ھېرىپ ئاران قالىدىكەن يىقىلىپ قالغىلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھەممە نەرسىدىن بىر خىل ئەنسىرەپ بۇ كۈننى زىيادە بېسىم ئىچىدە ئۈتكۈزىدىكەن. ئۇلارنىڭ بو تويغا قاتنىشىدىغان بىۋاستە ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ شۇندا بۇلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە توينىڭ ئالدىنقى كۈنىدىمۇ ئىشلار بىلەن ئۇغۇل قىز ۋە ئائىلە جەمەتلىرى ئىنتايىن كىيىن ئوخلىغان بۇلىدىكەن. ھەممە ئادەمنىڭ جۇلىقى چىقىپ كىتىدىكەن. بۇ مىنىڭ بىر نەچچە تويغا باشتىن ئاخىرى تولۇق قاتنىشىپ ھىس قىلغانلىرىم. بۇ بىزگە نىمە جاپا دەيمەن. نىكاھنى چوقۇم شۇندا ۋاقىتتا ئۇقۇيسەن دەپ قائىدە بۇلمىغاندىكىن نىمىشقا ھەممە ئادەمگە قولايلىق بۇلىدىغان ۋاقىتقا بىكىتمەيدىغاندۇ دەيمەن.
قاملاشمىغان شەكىل دىگىنىم نىكاھ ئۇقۇش جەريانى. بىز بىر ئۈيدە ئۇلتۇرىمىز، ئالدىمىزدا قىزنىڭ دادىسى ياكى ئاكىلىرى چاي قويۇپ ئولتۇرىدۇ. ئالاھەزەل بىز تەرەپ ۋە قىز تەرەپ بوپ 10 دەك ئادەم باردۇر. نىكاھ ئۇقۇش باشلانغاندا ""ۋۇش چۇش، گەپ قىلما، ھازىر نىكا باشلىنىدۇ دىيىشىپ "" جىمجىت بولۇپ مۇللام نىكاھنى ئۈنلۈكرەك ئۇقويدىكەن، ئۇغۇل ئالدىم دىگەندىن كىيىن قىز بالىدىن تەگدىڭىزمۇ دەپ سۇرايدىكەن. لېكىن بۇ چاغدا قىز بۇ يەردە يوق، مەن تۇنچى قېتىم بارغاندا كىمدىن سوراۋاتقاندۇ دەپ ئىزدەپ كىتىپتىمەن. ئاۋاز چىقمايدىكەن. يەنە بىر قېتىم سورايدىكەن، يەنە ئاۋاز يوق. ئۈچىنچى قېتىم سورايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ""ۋاي تەگدىم دىۋىتە ، ئۈچىنچى قېتىم بۇلدى، تىز بۇل "" دىگەن ئاۋازلار ئىشىكنىڭ قېشىدىن ئاڭلىنىپ بىر چاغدا ""تەگدىم دىگەن"" ناھايتى بىر ئاجىز ئاۋاز كىلىدىكەن. مۇللام، ""قىز بالىنىڭ ئۈزىنىڭ دىگىنىنى مەن كۈرىشىم كىرەك "" دىگەندىن كىيىن قىز بالا بىر دەرىزىدىن بېشىنى يېرىم چىقىرىپ يا ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن قاراپ ""تەگدىم"" دەپ يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ قويىدىكەن. مۇشۇ نىكاھ بۇلىدىكەن.
توۋا نىمە دىگەن ياسالمىلىق بۇ. مەن ئۈرۈمچىدە قاتناشقان تويلارنىڭ ھىچقايسىسى ئاتا ئانىسىنىڭ زورلىشى، قىز بالىنىڭ كۈچلۇك نارازىلىق ئاستىدا بۇلغان توي ئەمەس. ھەممىسى ئاساسەن ئىككى تەرەپ ئۈزى بىۋاستە ياكى باشقىلارنىڭ، ئاتا ئانىسىنىڭ تېپىشتۇرۇشى بىلەن تونۇشۇپ، ئۈز ئارا سىنىشىپ، خېلى ئۇزاق مەزگىل ئۇيلاپ بۇنى قۇبۇل قىلىپ، ئاندىن كىيىن ئىككى تەرەپ ئاتا ئانىلارنىڭ ماقۇللىغى بىلەن بۇلغان توي. بۇلۇپمۇ بۇ يەردە قىز بالىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى يوق. بىزنىڭ توي قىلىشتىكى مۇھىم بىر مەقسىتىمىز نىكاھ ئۇقۇش. لېكىن نىمىشقا بۇ نىكاھ جەريانى ئاشۇندا پالاق پۇلۇققىدە قىلىۋىتىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ كەچ سائەت 8 تە ئۇسۇل باشلانسا ئاندىن ""توي باشلانغان"" بۇلىدۇ. مەن بىۋاستە نىكاھقا بىللە بېرىشىپ بەرگەن 3 تويدا قىز بالا تەگدىم دەپ ئىشىكنىڭ بېشىدىن بېشىنى چىقارغاندا قارىسام ھەممىسى ئۇخشاشلا كىيىم كىچەكلىرى قالايمىقان، ئۆي كىيىمى بىلەن، بېشىغا لۇڭگىلەرنى يا بىر نىمىلەرنى تېڭىۋالغان. ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىش مۇشۇنداق ھاپىلا شاپىلا داغدۇغىسىز ئۈتكۈزىۋىتىلدى. قاراپ باقسام بارلىق ئادەملەرنىڭ دىققەت ئىتىبارى ئەمىلىيەتتە كەچ سائەت 8 دا ""باشلىنىدىغان"" ""توي"" دا ئىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بۇلغان ئىشلار توي جەريانىغا كىرمەيدىكەن دۇس يار بۇرادەلەر ئۇرۇق تۇققانلىرى ئاشۇ ""توي""غا بېرىپ بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە ئۇلتۇرۇپ خالىغانلار ئۇسۇل ئۇيناپ بىرىپ 10 بۇلغاندا كىتىپ قالسا بۇ تويغا قاتناشقان بۇلىدىكەن. تويۇڭغا بارالمىدىم دەپ ئەپۇ سۇرىغۇچىلارمۇ ئاشۇ ئىككى سائەتتە ئۇسۇل ، تاڭسا ئۇيناشقا بارالمىغانلىغىدىن ئەپۇ سورايدىكەن. ھەممىمىز توي قىلىىمىز دەپ ئاشۇ ئىككى سائەتلىك ئۇسۇل تاڭسا ئۈچۈن ئاۋارە بۇلىدىكەنمىز.
مەيلى ئۇغۇل بۇلسۇن قىز بۇلسۇن، توي قىلىمەن دەپ بىر بىرى بىلەن تېپىشىپ، ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۈتكۈزۈپ رەسمى ئىككى تەرەپنىڭ ئۈيدىكىلىرى بىلەن كۈرۈشۇپ بىر بىرىنى ""دەڭسىشىپ""، توينى بىكىتىپ ، بىر مۇنچە تەييارلىقنى قىلىپ بۇ توي كۈنىنىڭ كەلمىكى ئىنتايىن مۇشكۈل ئىش. ئارىسىدا ""يەڭگىلەر"" چىقىپ توي بۇزۇلغىلى ئاران تۇرىدۇ. ئۇغۇل بالا ئۈينىڭ غىمى، قىز بالىغا بىرىدىغان پۇلنىڭ غىېمى ، ئۇينىڭ ""جۇاڭشۇ"" قىلىدىغاننىڭ غېمى، يەنە بىر نىمىنىڭ غىمى دىگەندەك غەملەرگە ئۈزىنى ئالدۇرۇپ قويماي ، يىقىلىپ قالماي، ئوتتىىرىدىكى "" يەڭگىلەر"" نىڭ ئىش بۇزۇشىغا پىسەنىت قىلماي ئاران مۇشۇ كۈنگە ئۇلىشىدۇ. قىز بالىمۇ ھەرخىل غەملەرنى ( مەسىلەن، دوسلىرى بۇ بالا ""سەتكەن""، ""مالىمچىلىك قىلامدا"" ، ""ساڭا ماس كەلمەيدىكەن"" دەپ قىز بالىنى ئېچىشتۇرىدۇ) بېشىدىن ئۈتكۈزۈپ بۇكۈنگە ئۇلىشىدۇ. ئەمدى ئاتايەن مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقاندا ۋاقت شەكىلنى توغرا تاللىماي بۇ ئەھمىيەتلىك قالايمىقان ئۈتكۈزىدىكەنمىز. ئالدى بىلەن نىكاھ بايام دىگەندەك ماز بۇلىدىكەن. توي دىگەندا نىكاھ ئاساسى ئۇرۇندا تۇرۇشى كىرەك. مانچە ئاي بۇرۇن بىكىتىلىپ بۇلغان ئىش بۇلغاندىكىن ئۇغۇل بىلەن قىز توي كۈنى بىللە چىرايلىق بىر يەردە تۇرۇپ، بارلىق دوس بۇرادەرلىرىنىڭ ئالدىدا ""ئالدىم""،""تەگدىم "" دىيىشسە بۇلمامدۇ. توينىڭ باشقا ھالقىلىرىغا كۈچىگەندەك مۇشۇ ھالقىغا كۈچسىسەك بۇلمامدۇ. بۇ ھالقىنى داغدۇغىلىق قىلساق، باشقا ھالقىلارنى ئۈزىمىز ئەھۋالغا قاراپ قىلساق بۇلمامدۇ. بۇ مۇراسىمنى كىچىككىنە بىر ئۈيگە يىغىلىپ 10 ئادەمگە بارمىغان ئادەم بىلەن ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن ماراپ ئۈتكۈزىۋەتمەي چوڭ يەردە ھەممە دۇس بۇرادەرلەرنىڭ كۈز ئالدىدا داغدۇغىلىق قىلساق بۇلمامدۇ. قالغان ئۇسۇل تاڭسا دىگەننى ئۇنچىۋالا كۈچەپ كەتمىسەكمۇ بۇلىدىغان ئىشلار. بىز كۈچەيدىغان ئىشقا كۈچىمەي كۈچىمەيدىغان ئىشقا كۈچەيدىكەنمىز.
توينىڭ يەنە بىر خاسيىتى توي كۈنى بارلىق ئۇرۇق تۇققانلار يىغىلىدۇ، تونۇش بۇرادەرلەر يېغىلىدۇ، مۇشۇ بانىدا بىللە ئۇلارمۇ ئۈزئارا كۈرۈشۇپ ، تۇنۇشمايدىغانلار تۇنۇشۇپ پىكىرلىشىۋالىدۇ. قىز يىگىتلەرگە تىلەكلىرىنى بىلدۇرىدۇ. لىكىن ھازىر ئادەملەر 8گە ئۈلگۈرۈپ ئاران كىلىدۇ. كىلىپ بىر جۇزىدا باشقىلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇرۇن ئالىدۇ. شۇ جۇزىدا ئۇلتۇرغانلار بىلەن بىردەم ئۇ ياقتىن بۇياقتىن پاراڭ سېلىشىپ ئۇلتۇرىدىغان گەپ. مۇزىكا باشلانغاندىن كىيىن ئۈز ئارا پاراڭ قىلغىلى بۇلمايدۇ. ئۈزىنىڭ تۇنۇشلىرىنى بىر يەردىن تېپىپ كۈز ئىشارىسى بىلەن سالام قىلىشىپ قويىدىغان گەپ. يىگىت قىزنىڭ جۇزىسىغا يىقىن بارغىلىمۇ بۇلمايدۇ. ئۇلارغىمۇ شۇنداق. تېخى كۈزىڭىز ئۇچرىشىپ قالسا. ياكى بېرىپ مۇبارەك بۇلسۇن دىگەچ رەسىمگە چۇشۇۋالىدىغان گەپ. بولمىسا يوق.
پۇل يىغقاندىمۇ تىلەمچىدەك ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ پۇل يىغىپ . پەقەت قاملاشمىغان. پۇل يىغىدىغان ئادەم بىر تال يەر تېپىپ ئۇلتۇرسا ""ئاتىغىنى"" بارلار شۇ يەرگە بېرىپ بىرىپ يېنىپ كەلسە بۇلمىدىمۇ.
كىچىگىمدە يورتلاردا تويغا جىق بارغان. توي بۇلسا ئۈي بۇيىچە باراتتۇق. لېكىن ئۇ چاغدا مەن ئاران بىر يىغىلغان تەڭتۇشلىرىم بىلەن ئۇيناشنىڭ غېمىدە توينىڭ تەرتىۋىگە تازا نەزەر سالماپتىكەنمەن. ئىسىمدە قىلىشىچە، توي بىر ناھايتى چوڭ ھويلىدا بۇلىدۇ، قالغىنى شۇلارنىڭ خۇلۇم خوشنىلىرى بولۇپ ئەتراپتىكى ئىككى ئۈچ ئۇيدە بۇلىدۇ. ياكى چوڭ بىر زالدا بۇلىدۇ ياكى مەيداندا بۇلىدۇ. چۇشتىن كىيىن 1-2 لەر بىلەن جىق ئادەملەرنىڭ ئۇتتۇرىسدا مۇللام ئاۋازىنى پۇتۇنلەي قويۇۋىتىپ نىكاھ ئۇقۇيدۇ. نىكا ئۇقۇغاندا يىگىت بىلەن قىز بىللە تۇراتتى. نىكاھ ئۇقۇلۇپ بۇلغاندىن كىيىن قىز بىللە ئۇغۇل تەرەپكە كىتەتتى. بۇ جەرياندا ئۇرۇق تۇققانلار، تۇنۇش بىلىشلەر، ساۋاقداشلار كۇرۇشۇپ يەتكۇچە مۇڭدىشاتتى. ئۇسۇل ئۇينايدىغانلارمۇ يەنە بىر ئۈيدە ئۇسۇل ئۇينايتتى ۋە ياكى بۇ مۇراسىملەر تۈگەپ مىھمانلار تاقىغاندا 5-6 لەر بىلەن يىگىىت قىزنىڭ بىر قىسىم يىقىنلىرى كەچتە ئايرىم يىغىلىپ ئۇسۇل تاڭسا ئۇينىۋالاتتى. دىمەكچى بۇلغىنىم مۇراسىمنىڭ ئاساسلىق ھالقىسى يەنىلا نىكاھ ۋە مىھمانلارنىڭ يىغىلىشىدا ئىدى.
مۇندا دىسەم ئۈرۈمچىدە ۋە ياكى باشقا شەھەرلەردە خەق بەك ئالدىراش، بۇندا ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ دەيسىز ھەرقاچان. ئۇندا بۇلسا ئامرىكىدا توي قاندا بۇلىدىكەن كۈرۈپ باقايلى.
مەن يىقىندا مەن تۇرۋاتقان مەكتەپتە بىر تويغا بېرىپ قالدىم. بۇ خەقنىڭ توي مۇراسىملىرىنىغۇ دىيەنشىدە جىق كۈرگەن. لېكىن ئۇ يەردە كۈرگىنىمىز مۇراسىمنىڭ بىر پۇچۇقى خالاس، شۇ يەر ئۇتۇپ بۇلغىچىمۇ يا بىر قاتىل چىقىدۇ، يا بىرسى مۇللاق ئاتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇراسىم بۇزۇلىدۇ يا مازلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەسمى ئۇلارنىڭ توي مۇراسىملىرى توغرىلىقمۇ تولۇق مەلۇمات ئۇخمايمىز.
بۇ قېتىم بۇ توي قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۇقۇغۇچى. مەن ئادەتتىكىچىلا تۇنۇشىمەن. ئۇلارغا ئۈتكەن مەۋسۇم دەرىس بەرگەن. لېكىن مەن بىلەن بىر ئىشخانىدىكى يەنە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ بەك يىقىن تونۇشىكەن، ئۇ بىللە بارىمىز دەپ ئېلىپ باردى. مەنمۇ بۇ خەقنىڭ توي مۇراسىمى قاندا بۇلىدىغاندۇ دەپ قىززىقىپ بىللە باردىم. سەككىز دوللارغا ئادەتتىكىلا بىر سوغات ئالدىم. ئۇ بەك يىقىن تۇنۇشى بۇلغاچقا 20 دوللارغا سوغات ئالدى. (دىققەت قىلىڭ، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى 1500 دوللار، بەك يىقىن بۇلغاچقا 20 دوللارغا سوغات ئالدى ) . مەن باشتىن كىلەي.
بو توي شەنبە كۈنىگە ئۇرۇناشتۇرۇلغان. ئالدى بىلەن باغاقنى قولۇمغا ئالدىم، باغاق ئىنتايىن نەپىس ئىشلىنىپتۇ. باغاققا تەكلىپ قىلغان گەپلەردىن باشقا مۇنداق گەپلار بار ئىكەن:
""توي مۇراسىمى سائەت 1 دە ماۋۇ يەردە ئۈتكۈزىلىدۇ. مۇراسىمدىن كىيىن ماۋۇ باغچدىكى چىملىق مەيداندا يىغىلىش بۇلىدۇ، چۈشتىن كىيىن سائەت مانچىدە ماۋۇ يەردە كۈڭۈل ئېچىش (party ) بۇلىدۇ. سۇغات بىرىدىغانلارغا ماۋۇ، ماۋۇ، ماۋۇ سودا سارايلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. قالغان ئىشلارنىڭ شۇلارنىڭ كۈتۈۋىلىش ئۇرنىدىن سورىسڭىز بۇلىدۇ""
دىمەك بۇلار توينىڭ نىكاھ ئۇقۇش، مىھمانلار بىلەن ئۇچرىشىش، كۈڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇھىم فۇنكىسىيلەرنى ئارىۋەتكەنىكەن. توي دىگەندە نىكاھ مۇراسىمى كۈزدە تۇتۇلىدىكەن. تويغا بارىمەن دىگەن ئادەم نىكاھقا بارىمەن دىگەننى كۈرسىتىدىكەن. باغاق تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر ئادەم مۇشۇ مۇراسىمغا قاتنىشىدىكەن. بۇ مۇراسىمغا يېرىم سائەتتەك كىتىدىكەن. قارىسام يىگىت، قىزنىڭ ئائىلە جەمەتلىرى، كىلەلەيدىغان ئۇرۇق تۇققانلىرى ھەممىسى كەپتۇ. مەخسۇس توي مۇراسىمى ئۈتكۈزىدىغان زاللار بۇلىدىكەن. بۇمۇ شۇ يەردە ئۇتكۇزۇلدى. تويغا كىلەلەيدىغانلار ئاساسەن كەپتۇ. 200 دەك ئادەم بار. ھەممە ئادەم ئۇلتۇرۇپ، ئۇرۇن يەتمىگەنلەر جايلىشىپ بۇلغاندىن كىيىن قىز بىلەن يىگىت بىر بىرنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ ئاستا مېڭىپ زالغا كىردى. ھەممەيلەن چاۋاك چالدۇق.ئۇلار زالنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كىيىن نىكاھ ئۇقۇلدى، نىكاھ ئۇقۇش سۈزلىرى، قائىدىسى بىزدىكىگە ئوخشايدىكەن. بۇلارنىڭ ئالدى كەينىدە ناھايتى ھەيۋەتلىك مۇزىكىلار ماسلاشتۇرلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن تەييارلىنىپ قويۇلغان چىم مەيدانغا يېغىلىشقا باردۇق. كىچىك باللار، ئاتا ئانىلار ھەممەيلەن بار. ئادەتتىكىچە تاماقمۇ ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇزىمىز تاللاپ ئۇنى بۇنى تەخسىمىزگە سېلىپ يەيدىغانغا. كىچىك بالىلار، ياشلار ئۇينايدىغان ھەرخىل ئۇيۇنچۇق ۋە توپلارنى تەييارلاپ قويۇپتۇ. ئىچىملىكلەرنى بىر يەرگە تىزىپ قويۇپتۇ، كىم نىمە ئىچكۇسى كەلسە شۇ يەرگە بېرىپلا ئىچتى. يەنە بىر بۈرجەكتە مۇزىكىچىلارنى تەكلىپ قىلىپتۇ. ئۇلار باشتىن ئاخىرى مۇزىكا چالدى. قىز بىلەن يىگىت ئۇتتۇرىدا چۈرگىلەپ يۈرۈپ ھەممەيلەن بىلەن قىزغىن كۈرۈشۇپ چاخچاقلىشىپ، رەسىمگە چۈشۈپ چىقتى. بىزمۇ چۈرگىلەپ يۈرۈپ ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پاراڭ قىلىىشپ تۇنۇشۇپ چىقتۇق.، ئۇتتۇرىدا توپ ئۇينىدۇق. مۇزىكىچىلارغا پاس چىقىرىشىپ بەردۇق. . بۇ يىغىلىشقا قاتنىشالمايدىغانلار نىكاھنى ئۇقۇپ بۇلۇپ چىمغا كىرگەن ھامان ئۇلار بىلەن كۈرۈشپ بىردەم پاراڭلىشىپ رەسىمگە چۇشكەندىن كىينلا قايتىپ كەتتى. مىھمانلار ئاساسەن بىر سائەت ئۈتكەندە ئالدى قايتىشقا باشلىدى، ئىككى سائەت ئۈتكەندە رەسمى قايتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسمى تۈگىگەن بۇلدى. بىزمۇ قايتتۇق. بىر ئىككى سائەت ئىشىمىزنى قىلىپ سائەت 6 لەر بىلەن ئۇنىڭ دىگەن يىرىگە باردۇق. ئۇلارمۇ بىر ئىككى سائەت ئارام ئېلىۋاپتۇ.كەچتە قىز بالا كىيىمىنى ئۈزگەرتىپتۇ. توي كۈينىگىنى كەچلىك يىغىلىش خاراكتىرىدىكى كۈينەككە ئۈزگەرتىپتۇ. بۇ يەردىمۇ چوڭلار باركەن، كىچىكلەر باركەن، لېكىن ئادەم ئۇندا جىق ئەمەس. بۇ يەردە ئاساسەن كۈڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى ئۇيۇنلار بۇلدى. ئىككى سائەتتەك داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن كىتىپ قالدۇق. توي رەسمى تۈگىدى.
باشتىن ئاخىرى ھىچكىم كىلىپ پۇل ياكى سۇغات يىغمىدى. بۇلار توي مۇراسىمىنىڭ ئۈزىدە سۇغات يىغمايدىكەن. باشتا دىگىنىمدەك ئۇي جاھازلىرى ساتىدىغان، كىيىم كىچەك ساتىدىغان، تاللا بازار دىگەندەك يەرلەرگە ھاۋالە قىلىپ شۇلارغا ئۇرۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۈزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى بۇرۇن ئاشۇ يەرلەردىن كۈرۈپ تاللاپ تىزىملىگىنى شۇلارغا بىرىپ قويىدىكەن. تويغا بارماقچى بۇلغانلار ئالدى بىلەن شۇلارغا تېل قىلىپ ياكى شۇ يەرگە بىۋاستە بىرىپ تىزىملىككە قاراپ نىمە ئېپ بەرگۇمىز كەلسە شۇنىڭغا پۇل تۈلەپلا تىزىملىكتىن ئۈچۈرۋىتىپ ، ئىسمىمىزنى قالدۇرۇپ قويۇپ كىتىپ قالىدىكەنمىز. قىممەت نەرسە بۇلسا بىر نەچچەيلەن بىللە ھەمكارلىشىپ پۇل تۈلەيدىكەنمىز. بىۋاستە پۇل بىرەيلى دەيدىغانلار بۇلسىمۇ يەنە شۇ ۋاكالەتچىلەرگە بىرىپ قويسا بۇلىدىكەن. ئەمما پۇل بىرىدىغانلار ئاز ئىكەن.
بۇلار بىۋاستە ھىېس قىلغانلىرىم، كىيىن بۇلاردىن تەپسىلى سۇرۇشتۇردۇم. توينىڭ ئاساسى پىرىنسىپى نىكاھ، يىغىلىش ۋە كۈڭۈل ئېچىشنى ئايرىۋەتكەن بۇلىدىكەن. نىكاھقا قاتنىشىىش ئەڭ مۇھىم ھىساپلىنىدىكەن. تويغا كەلگەنلەر ئالاھىدە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن بۇلغاندىكىن نىكاھتىن كىينلا يىغلىشقىمۇ قاتنىشىدىكەن، ھەم ئۈزىنىڭ ۋاختىغا قاراپ تۇرىدىكەن. بۇ يىغلىشقىمۇ ھەم چوڭ كىچىك، ئۇرۇق ئۇششاق بولۇپ ئۆي بۇيىچە كىلىدىكەن. كەچ تەرەپتىكى يىغىلىشنى خالىغانلار قىلىدىكەن، خالىمىغانلار قىلمايدىكەن.
شۇ كۈنىدىكى چىقىمدا تاماققا كىتىدىغان چىقىم ئۇمۇمى چىقىمنىڭ 40% دىن ئاشمايدىكەن. مۇزىكىچى، مەيدان، نىكاھ ئۇقۇغۇچى دىگەنلەرگە جىق پۇل كىتىدىكەن. تاماق ، ئىچىملىكلەرمۇ ئاددى بۇلىدىكەن. كۈندۈزدىكى بۇ چوڭ يىغلىشتا كۈچلۇق ھاراقلارمۇ بۇلمايدىكەن، قىزىل ھاراق، پىۋا بۇلىدىكەن. لېكىن مىقدارىمۇ جىق ئەمەسكەن. ھېچكىم جىق ئىچىمەيدىكەن. ئاساسەن يىگىت قىز بىلەن پاراڭلىشىش، ئۈزئارا پاراڭلىشىىش ئاساس قىلنىدىكەن.
بۇلارنى مىسال كەلتۇرۈش ئارقىلىق دىمەكچى بۇلغىنىم ئالدىراشچىلىقتا ھىچ بولمىغاندا ئۈرۈمچىدىن قېلىشمايدىغان بۇ يەرلەردىمۇ نىكاھنى، ئۈز ئارا پاراڭلىشىشنى ئاساس قىلىپ توي قىلغىلى بۇلىدىكەن. ئۈرۈمچىدىمۇ چوقۇم بۇلىدۇ. بۇنىڭ بۇلۇش بۇلماسلىغى كىلىدىغان مىھمانلارغا باغلىق ئەمەس ئۇرۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپكە باغلىق. خۇدا بۇيرۇسا مەنمۇ قىز يىگىتلەر يېرىم ئۇيقۇدا كىيملىرى قالايمىقان ھالەتتە ئىشىكنىڭ يۇچۇقۇدىن مارىشىپ، بۇ كۈندىن بۇرۇن مانچە يىل مانچە ئاي كۈندۈزدە، كەچلەردە ئۇچرىشىپ ھېچنىمە بۇلمىغان ئادەم ئەمدى توي قىلىدىغان ۋاقىتتا يالغاندىن خىجىل بۇلۇشۇپ قىلغان تويلار ئاز قالسكەن دەيمەن. بۇ بىر نۇمۇس قىلىدىغان ئىش بۇلمىغاندىكىن ھەممە ئادەم كىلەلەيدىغان ۋاقتقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ زالدا ھەممە ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى ئالدىدا بىللە تۇرۇپ ""ئالدىم -تەگدىم"" دىيىشسە، كىلىدىغان مىھمانلارمۇ شۇ ۋاقىتقا كەلسە، كۈڭۈل ئېچىش قىلغۇسى كەلسە ئۇنى ئايرىم ئۇرۇنلاشتۇرسا. ئۇندا سۇرۇننى خالىمايدىغان چوڭلارنى، قېرىلارنى، كىچىك بالىلارنىمۇ ئۇندا كۇڭۈل ئېچىش بار يەرگە تارتىپ ئەكىرىۋالمىسا ھەممەيلەنگە قۇلايلىق بۇلار ئىدى دەپ ئويلايمەن.
مەن دىندىكى ئادەملەردىنمۇ سورىدىم، نىكاھنى ئەتىگەندە ئۇقۇش كىرەك دەپ قائىدە يوقكەن. ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئىشلار نىمىشقا بۇندا بوپ قالدى دەپ سورىسام بىرسى توي كۈنى بەك ئالدىراش بۇلغاچقا نىكاھنى ئەتىگەندىلا قىلۋەتسە كىيىن ""باشقا ئىشلارغا""كاشىلا بۇلماسمىش. يەنە بىرسى كۈندۈزى ئۇقۇسا ياش باللار نىكاھ ئۇقۇشتىن بۇرۇن مەس بۇلۇۋېىلىپ نىكاھتا قالايمىقانچلىق چىقىرارمىش. شۇنچە ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئادەم شۇنچىلىق ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرغىلى بۇلماسمۇ.
باشقا ئىشلار توغرىلىق توختالمىدىم. كىيىم كىچەكنى قاندا كىيىشنى بۇپتۇ ئۈزى خالىغاننى كېيسۇن دەپمۇ تۇرايلى. لېكىن ئامرىكىدا ئۈتكۈزۇلگەن بىر جوپ ئۇيغۇر ياشنىڭ توي مۇراسىمىگە قارىسام قىز بىلەن يىگىت غېرىپ سەنەمدەك، شاھزادە بىلەن مەلىكىدەك ياسىنىپتۇ. كۈرۈپ ""توۋا، مۇندا كىيىم كىيىپ تۇي قىلسىمۇ بۇلىدىكەن"" دەپ قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۈز قاراشلىرىنى ئاڭلايلى. ئىشقىلىپ مەن دىگەندەك ياكى ھەممەيلەنگە قۇلايلىق بۇلۇش مۇمكىنچىلىگى ھەم تىزلا قۇبۇل قىلىىنىش مۇمكىنچىلىگى بۇلسا ئىزدىنىپ باقساق دىگەن ئۈمىتتىمەن.
(ئةسلص تصما ۋة بۇلۇنغان مۇنازصرة ئادصرسص: http://www.izdinix.com/munbar2/ShowPost.asp?id=14585
(جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)
"历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
<< چوڭ پارتلاش، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى (2) Big bang theory and the fate of the universe | باش بەت | خەۋەرنىڭ ئۈزگىرىشى: چوڭ ئاپاش يىقىلىپ چۈشۈپتۇ How the news is changed >>
توي مۇراسىملىرىمىز توغرىسىدا پاراڭ. Lets talk about our wedding style
Blog:ئىلىم - پەن بىلوگى2008-09-25 20:59:51
引用
下面Blog引用了该文: