-
2010-12-07
توكيودىن قايتىش - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/87354621.html
توكيودىن قايتىش
( تارىخى ھىكايە)
ياسىن ئەبەيدۇللا-ئۇغلۇم ، تىبابىتىمىزنىڭ ئاساسلىرى بولغان تۆت تادۇ، مىزاج ، تۇمۇر تۇتۇش، كىسەل ئالامەتىلىرىنى پەرىقلەندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ بولدۇڭ، خۇداغا شۇكرى ئىخلاس بىلەن ئۆگەندىڭ، بۇ ئۆگەنگەنلىرىڭ پەقەت دىڭىزدىن تامچىدۇر، بۇنىڭدىن كىيىن خۇدا خالىسا داۋاملىق ئۆز تىبابىتىمىزدىن ئۆگەنگەندىن سىرىت ، بىز تۇرىۋاتقان مۇنۇ يەردىكى ياپۇنلارنىڭ نەرسىلىرىنىمۇ ئۆگىنىسەن. قارا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك دۇختۇرخانىلىرىغا، تىبابەت خادىملىرىنىڭ كۆپلۈكىگە، ھامان بىر كۇنى يۇرتىمىزدىمۇ شۇنداق دۇختۇرخانىلار سىلنىدۇ....
پىشقەدەم تېۋىپ ئۆز شاگىرىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى ساۋاقنى ئۆزلەشتۇرۇشنى تەكشۇرۇپ بولغاندىن ئۇنىڭغا بۇ گەپلەرنى قىلۋاتاتتى،ياغاچ پوللۇق تىپىك ياپۇنچە ئۆي، دېرىزىلەردىن كۇن نۇرى چۇشۇپ ئۆي ئىچىنى يورىتىپ تۇراتتى. بىراق تېۋىپنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى تىخى چىقماي تۇرۇپلا ، ئۆينىڭ يانغا سىيرىلىدىغان ئىشىكى ئىچىلىپ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ خاس مۇھاپىزەتچىسى كىرىپ كەلدى ۋە:
-قۇماندان سىزنى چاقىرىدۇ.-دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
تېۋىپ ئۇنىڭغا بىلگەنلىكنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇردى. بۇ قۇپال ئەمما يىراقنى كۆرەر، كەسكىن باشلىق ھەر قىتىم ئۇنى ئالايىتەن چاقىرغاندا مۇھىم ئشى بۇلاتتى،1937-يىلى 4-ئايدا ئۇلار شىڭ شىسەينىڭ كاساپىتىدىن قەشقەرنى تاشلاپ ھىندىستانغا ماڭغاندىمۇ، ھىندىستاندىن ئەزەبىستانغا ئاندىن بۇ يەرگە- ياپۇنىيەگە كەلگەندىمۇ ۋە يىقىندىلا جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقى جاڭ ۋىييۇنجاڭ بىلەن كۆرۇشۇپ ئۇنىڭغا شىڭ شىسەينىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئۇستىدىن شىكايەت قىلىماقچى، خۇجىنياز ھاجىنى ئاقلىماقچى بولغىنىدىمۇ، ۋە كىيىن ياپۇن ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۇشمەكچى بولغىنىدىمۇ ئۇنى مۇشۇنداق چاقىرغانىدى. ئۇ شاگىرىتىغا بۇرۇنقى ئۆگەنگەنلىلىنى تەكرارلاپ تۇرۇشنى تاپىلاپ قۇيۇپ، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۇپ مەھمۇت سىجاڭنىڭ قىشىغا ماڭدى.
مەھمۇت سىجاڭنىڭ ساراي ئۆيىگە كىرگەندە كۆردىكى سىجاڭ ھەربىي فورما كىيگەن بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كىرگىننى كۆرۇپ بۇ ئادەم ئىشىك تەرەپكە قارىدى. بۇ پاكار، ۋىجىك، كىچىك بۇرۇت قۇيىۋالغان ياپۇن ئەمەلدارىنى ئۇ ئىلگىرى كۆرمىگەنىدى.
- كەلسىلە، بۇياقتا يىنىمدا ئولتۇرسىلا، بۇياق تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئەمەلدارى- دىدى مەھمۇت سىجاڭ ئۇنىڭغا ، ئاندىن ياپۇن ئەمەلدارىغا يۈزلىىنىپ،- بۇ مىنىڭ كاتىپىم، مەسلىھەتچىم شۇنداقلا تېۋىپىلقتا ھۇنىرى قالتىس، بىلىمىك زات. ئىسىمى باياخۇن ئەزىزى.
ھىلقى ياپۇن ئەمەلدارى بىشىنى ئىگىپ ئۇنىڭغا سالام بەردى ئۇمۇ قولىنى كۆكسىگە قۇيۇپ سالام قىلدى.
- بۇ كىشىىنىڭ گىپىنى خىزمەتدىشىمدىن ئاڭلىغان، ئۇ كىشى بۇرۇن سىلەرنىڭ ساماۋىي دۆلىتىمىز بىلەن بولغان ئالاقىگە مەسئول بولغانىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ راك كىسىلىنى داۋالاپتىكەنسىز شۇنداقمۇ؟- دىدى ياپۇن ئەمەلدارى. باياخۇن ئەزىزى شۇنداق دىگەندەك باش لىڭشىتتى. بۇنى كۆرۇپ ياپۇن ئەمەلدارى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
- سىزنىڭ بۇ خىل داۋالاش قىيىن بولغان كىسەلنى داۋالىغانلىقىڭىز ھازىرقى زامان تىبابىتىگە نىسپەتەن سەل ھەيران قالغۇدەك ئىش بولسىمۇ، بىراق مەن قىلچىمۇ ھەيران بولمىدىم. چۇنكى بۇنىڭدىن سەككىز ياكى تۇققۇز ئەسىر ئىلگىرى ئاشۇ سىلەر كەلگەن دىياردا بىر كىشى ئۈتكەن، بىلىشىمچە ئۇ كىشىىنىڭ ئىسمى -زاتىمۇ مەھمۇد بۇلۇپ گىنرال بىلەن ئىسىمداش كىلىدۇ. ئەنە شۇ كىشى بىز نىڭ ياپۇنىيەنى تۇنجى بۇلۇپ خەرىتىگە ئالغان شەخىس، شۇنىڭدىن مەلۇمكى سىلەردە ئىنتايىن قەدىمقى ۋە سىرلىق بلىم بۇلۇشى مۇمكىن. قەدىمدە سەلتەنەت سۈرگەن مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار. -ياپۇن ئەمەلدارى گىپنى ئاخىرلاشتۇرۇپ باياخۇن ئەزىزىگە ئاندىن مەھمۇت سىجاڭغا قاراپ قويدى. ۋە ئالدىغا قۇيۇلغان چايدىن ئوتلىدى.
-ئۇ كىسەلنى بىز سەرتان دەيمىز، تىبابىتىمىزدا ئۇنى يىلان زەھىرى ئارقىلىق داۋالاشقا بۇلىدۇ. -دىدى باياخۇن ئەزىزى.
-توغرا دىدىڭىز، ئۇ ئالىمىمىز ھەققىدىكى پاراڭلارنى مەن ئاكام مەخسۇت مۇھىتىگە ئەگىشىپ مۇسكۋا، پىتىربورىگلارغا بارغان چىغىمدا روسلاردىن ئاڭلغان. ئۇنىڭ قامۇس خاراكتىرلىك ئاجايىپ ئىسىل بىر كىتابىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلىغانىدىم.-دىدىم مەھمۇد مۇھىتى.
- روسلاردىن ئاڭلىغان دەمسىز؟ ھە ئۇلارنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى خىلى زور. دۆلىتىمىز ئۇرۇش ئېھتىياجىدىن سوۋىتلەر بىلەن كىلشىم تۈزىگەن، سىلەرگىمۇ مەلۇم بىز ئۇرۇش قىلۋاتىمىز. جۇڭخۇا زېمىنى قولىمىزغا ئۈتەي دەپ قالدى، سۈن جۇڭشەننىڭ ۋارىسى ھىسابلانغان ۋاڭ جېڭۋىي ئاللىقاچان بىز تەرەپكە ئۈتتى، جىياڭ جىشى بولسا ئىككىلىنىپ تۇرىدۇ. شەرقى جەنوبىي ئاسىيامۇ پات ئارىدا ساماۋىي خاننىڭ ئىلكىگە ئۈتىدۇ. ياۋرۇپادىكى .ئىتتىپاقداشلىرىمىزمۇ غەلبىلىك ئۇرۇشلارنى قىلۋاتىدۇ. ياۋرۇپا، ئافرىقا ئاز كۈندە ئۇلارنىڭ قولىغا ئۈتىدۇ. تىنىچ ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامىرىكىنى بويسۇندۇرۇشقا تامامەن قۇربىمىز يىتىدۇ.....
باياخۇن ئەزىزى مەھمۇد سىجاڭغا قاراپ ئۇنىڭ ياپۇن ئەمەلدارىنىڭ گەپلىرىدىن بىزار بولۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلىپ قالدى. ياپۇن ئەمەلدارى بولسا بۇنى بىلمىدىمۇ ياكى بىلسىمۇ كارى يوقمۇ يەنە خىلى ئۇزۇن ئەزۋەيلەپ ئۆزىنى ، ياپۇنىيەنى، كانتۇن ئارمىيىسى ماختاپ سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى قانچىلىك داۋاملاشتىكىن، بىر چاغدا ئىشىك چىكىلىپ خاس مۇھاپىزەتچى كىرىپ؛
-قۇماندان، تاماق تەييار بۇپتۇ- دىدى.
مەھمۇت مۇھىتى ياپۇن ئەمەلدارىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، ياپۇن ئەمەلدارى سەل تۈزۈتتىن كىيىن ئۇ بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلدى. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئالدى بولغان پۇلۇ،سامسا، كاۋاپ قاتارلىق تائاملار بىردەمدىلا ئۇستەلگە تىزىلشقا باشلىدى. ئۇيغۇر تائاملىرىرىغا ئەزەلدىن ئېغىز تىگىپ باقمىغان بۇ ياپۇن (ياخشى، ياخشى) دەپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ تۇرۇپ تاماقلاندى. تاماقتىن كىيىن يەنەسۆھبەت بۇلۇندى، بىراق ياپۇن ئەمەلدارىنىڭ كۆرەڭ، ئەمەلىيەتتىن يىراق بولغان گەپلىرى ئۇلارغا ياقمىدى، شۇڭا بۇ سۆھبەت ئۇزۇن داۋاملاشمىدى.
- بۇ ياپۇن يۇغان گەپ قىلىدىغۇ! مەغرور باشلىقلار يىڭىلىدۇ، قارىغاندا بۇ خەقنىڭ ئىشلىرى ئۇزۇنغا بارمىغۇدەك، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىككى كۇندە بىر ياپۇنلۇق كىلىپ يۇقلاپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى نىمە؟ بۇ ماڭا ئايان. شۇڭا مىنىڭچە بىز توكيودىن تىزرەك كىتەيلى.-دىدى مەھمۇت مۇھىتى ياپۇن ئەمەلدارى كەتكەندىن كىيىن.
- نەگە بارىمىز؟- سورىدى باياخۇن.
- يۇرتقا قايتالمايمىز، شىڭ دىگەن ئوغرى ..... مەخسۇت ئاكامنىڭ، ھاجى ئاكامنىڭ، ئىنىم ئابدۇنىيازنىڭ، يەنە بارلىق بىز بىللە قوزغالغان قېرىنداشلارنىڭ قاتىلى تىخى ئۇ يەردە ھۆكۈم سۈرمەكتە. جاڭ ۋىييۇەنجاڭ بولسا كۆپ قىتمىلق ئەرىز شىكايىتىمىزنى ئاڭلىمىدى، ئاڭلىسىمۇ ھالىمىزغا يەتمىدى. ئۇنڭدىن ھازىرچە بىرەر سادانىڭ چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، بىز ئەسلى خەلقىمىزنى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغانىدۇق، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەتلەرگە سالدۇق، ئۆزىمىزمۇ سەرسان بۇلۇپ قالدۇق.- مەھمۇت سىجاڭنىڭ گەپلىرىدىن غەزەپ، ئىچىنىش، ئازاپ تۈكۈلۇپ تۇراتتى.
باياخۇن قەشقەرگە قايتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، دەسلەپكى تېۋىپلىقنى ئۆگەنگەن ئاشۇ قەدىم يۇرت ئەزىزانە قەشقەرنى ياش ۋاقىتلىرىدا تۇرپاندىكى ئاق كۆڭۈل، تۈز، مەرد تۇرپان خەلقى ئارسىدا قولدا كىسەل كۆرۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىمۇ سېغىنغانىدى، ئەمما بۈگۈنكىدەك سەرسانلىقتىكى سېغىنىش ئالدىدا ئۇ ھىچنىمە ئەمەس ئىدى. تۇرپاندا كۆرگەنلىرى يۇرتى بىلەن ئۇخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئۇخشاش دىنىدىكى، ئۇخشاش كىيىملەردە يۈرىدىغان، ئۇخشاش تاماقلارنى يەيدىغان كىشلەر ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ يەردە ئۇزۇن يىللار ياشىغان كۆكلىگەنىدى. ھازىرچۇ؟ بۇ خەقلەرنىڭ ئۇخشاش بىرەر نەرسىسى بولسىچۇ! بىراق مەھمۇت سىجاڭ توغرا دەيدۇ. ئۇلار ئەمدى قايتالمايدۇ، ھىچ بولمىسا ھازىرچە شۇنداق.
-تۇغرا، شىڭ شىسەي يۇقالمىغۇچە بىز يۇرتىمىزغا زار بۇلىدىغان ئۇخشايمىز- دىدى باياخۇن.
- بىز بېيجىڭغا بارايلى-دىدى مەھمۇت مۇھىتى.- ھەر نىمە بولسا ئۇ يەردىن يۇرتنىڭ خەۋىرىنى ئىلىپ تۇرىمىز.
- بىراق، يىقىندىن بۇيان مۇسۇل ئاكىمىزنىڭ ئەھۋالى خاراپ! ئۇ سەپەرگە بەرداشلىق بېرەلمەسمىكىن- دىدى باياخۇن ئەزىزى.
-شۇنداقمۇ؟ بىر قانچە كۇننىڭ ئالدىدا ياخشى تۇراتتىغۇ!
- ئاكىمىز ياشىنىپ قالدى. 70ياشتا سەرسان بۇپ يۈرمەك ھەممە ئادەمگە ئېغىر كىلىدۇ.
-خوش، ئۇنداقتا ئاكام سەل ياخشى بۇلۇپ قالسىلا ماڭايلى. يىقىندىن بۇيان مەن ئۇنى پات-پات يۇقلىيالمىدىم، ھازىر بېرىپ ئۇنى يۇقلاپ كىلەيلى!
ئۇلار مۇسۇل مۇھىتىنىڭ قىشىغا كىرگەندە ئۇ ئۇخلاپ قالغانىدى، مەھمۇت مۇھىتى باياخۇنغا، قايتىپ ئارام ئىلىڭ، ئاكامغا بىردەم قاراپ تۇراي دىدى. باياخۇن ئۇ يەردىن چىقىپ ئۆيىگە كىردى شاگىرىتى ساۋاق يازىدىغان دەپتىرىنى قۇچاقلىغىنىچە ئولتۇرۇپلا ئۇخلاپ كەتكەنىدى. شاگىرىنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىپ قالدى ۋە يېنىغا بېرىپ قولىدىن دەپتەرنى ئىلىپ ئۇستەلگەقويدى ، ياستۇقنى ئىلىپ كىلىپ ئۇنڭ بىشىنى ئاۋايلاپ ياستۇققا قۇيىۋاتقاندا شاگىرىتى ئويغىنىپ كەتتى.
-ئۇستاز!- دىدى ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ،- قاچان كىردىڭىز؟
-ھازىر كىردىم، تاماق يىدىڭمۇ؟
-ھەئە، ماڭىمۇ تاماق ئەكىرىپ بەردى. قۇماندان نىمە دەيدۇ؟
-قايتىدىغان بولدۇق!
- قەشقەرگىما؟- يىگىتنىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى. بىراق ئۇستازىنىڭ مەنلىك قاراشلىرىدىن خىجىل بولۇپ بىشىنى تۆۋەن قىلدى.
- رەنا قىزنى كۆرىدىغان بولدۇم دەپ خوش بۇلۇپ كەتتىڭما؟- دىدى باياخۇن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ياق، يۇرتۇمنى سېغىندىم.-دىدى يىگىت تۆۋەن ئاۋازدا.
- ئۇ كۇنلەرمۇ كىلەر، قەشقەرگە ھازىرچە بارالمايمىز، چۈنكى سەپەر جەريانلىرىدا ئۇ تەرەپلەردىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇردۇق، بۇلارنى سەنمۇ بىلىسەن، 6-شىنىڭ ئىچىنىشلىق تەقدىرى، خۇجىنياز ھاجىمنىڭ ئەھۋالاتلىرىدىن مەلۇمكى، ھازىر ئۇ يەرگە بېرىش، ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىك. سىجاڭ بېيجىڭغا بارىمىز دەيدۇ. بۇمۇ ئورۇنلىق. بېيجىڭدا بىز خەقمۇ بار.
-بىلدىم ئۇستاز.
-يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بۇ گەپلەرنى باشقىلارغا دەپ يۈرمىگىن. ساۋاقنى ئاللا خالىسا ئەتە بېرەي، سەنمۇ چىقىپ ئارام ئالغىن.-دىدى باياخۇن.
شاگىرىتىنى يولغا سالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ سىرىتلارغا چىققۇسى كىلىپ قالدى.-دە پەلتوسىنى كىيىپ يولغا چىقتى. يوللاردا ھەربىيگە توشقان ماشنىلار غۇيۇلداپ ئۇتۇپ تۇراتتى، بىر يەرلەردە ھەربىي مەشىق سادالىرى ياڭرايتتى، كوچىلاردا ھەربىيدىن باشقا ئەرلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. ئۇ ئەڭ ھەۋەس بىلەن قارايدىغان دۇختۇرخانىلارغا بۇرۇن پات-پات يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ تۇشۇپ كىلىنگننى كۆرۇپ تۇراتتى. مانا ھازىرمۇ بىرقانچە ماشىنا كەلدى. ئۇرۇش! ھەممىلا جايدا ئۇرۇش بۇلىۋاتاتتى. باياخۇن بىر تېۋىپ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تېنىچلىقىنى خالايتتى. ئەينى چاغدا خەلىقنىڭ تىنىچ- ئامانلىقى ئۈچۈن قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان، مانا بۈگۈن تىنىچلىقىنى تىخىمۇ خالاپ قالدى. ئۇرۇش ۋەيرانچىلق ۋە ئىچىنىشلىق مەنزىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ جاراھەتلەرنى ساقايتىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ. ئەمما بۇ دۆلەت باشقىلارنى ئۇرۇشقا چىللاۋاتىدۇ، بىراق ئۆزىمۇ يارلانماي قالمايدۇ. ئۇنىڭدا بىردەمدىلا كوچىدا ئاتىسىز يۈرگەن بىچارە بالىلاردىن بىر قانچىسى ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ قارىغۇچىسى يوق ئىدى. بۇنداق بىچارىلەر يۇرتىدىمۇ كۆپ ئىدى ھە! ھىي ئۇرۇش قاچانمۇ يۇقىلارسەن؟ ئۇ ئاچچىق تۇيغۇلار بىلەن ئايلىنىپ يۇرۇپ يەنە ئۆزى تۇرۇشلۇق قورۇ ئالدىغا كىلىپ قالغىننىمۇ تۇيمىدى. بىشىنى كۆتۇرۇپ قاراپ يەنە ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ قورۇغا كىرىپ كەتتى.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۈتكەندىن كيىن باياخۇن ئەمدىلا ياتاي دەپ تۇرىشىغا يىغا -زار ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئەمدىلا كىيىم- كىچەكلىرىنى كىيىپ ئىشىك ئالدىغا كىلىشىگەبىرى ئىشىكنى ئىچىپ كىردى. ئۇ بىللە سەپەردە بولغانلاردىن ئىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش لېغىرلاپ تۇراتتى.
-مۇسۇل ئاكىمىز ئامانەتنى ئىگىمىزگە تاپشۇردى، ئۇ كەتتى.- شۇنداق دەپلا ھۆڭىرەپ يىغلاپ كەتتى.
مۇسۇل مۇھىتى ۋاپات بولدى، ئۇ پەزىلەتلىك ،دانا، ھەم كۆيۇمچان ئادەم ئىدى. بۇ ئىككەيلەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە مەھمۇت مۇھىتى باشلىق ھەممەيلەن كىلىپ بولغانىدى. مەھمۇت مۇھىتى بۇنىڭدىن بەكمۇ قايغۇردى. مۇسۇل مۇھىتىنى يۇرتىغا ئاپىرىش نىيىتى بولسىمۇ ئامالسىز، ياپۇنىيەدەك دىڭىزنىڭ نېرىسىدىكى بۇ دۆلەتكە يەرلىكىگە قويدى. بىللە كەلگەن كىشلەر ۋە ياپۇنىيەنىڭ ئەۋەتكەن خادىملىرى ئۇ يەرلىكىدە قۇيۇلغاندا بىشىدا بولدى. مۇھىتلار ئائىلىسىنىڭ چوڭ ئوغلى يىقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى داڭلىق سودىگەرنىڭ قەبرىگاھى شۇنداق قىلىپ يىراق بىر ئەلدە قالدى. مەھمۇت مۇھىتى شۇنىڭدىن كىيىن ئەلەمدىن تۈگشىپ كەتتى.
- مەخسۇت ئاكامنىڭ جەسىدى لۈكچۈن سىپىلىدە قالغانىدى، ھاجى ئاكام ترمىدە چىرىپ كەتتى، زىممىمزدە مىڭلىغان شېھىتلىرىمىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى بار ئدى. مانا ئەمدى چوڭ ئاكام بۇ يات ئەلدە قازا قىلدى. -دىدى مەھمۇت مۇھىتى بۇ ئىشتىن كىيىن باياخۇنغا.باياخۇن ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەنمۇ بولدى بىراق ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ يارىلار كۆپ ئىدى.
خاتىمە
1941-يىلى مەھمۇت مۇھىتى باياخۇن ئەزىزى قاتارلىق يىقىنلىرى بىلەن توكيودىن بېيجىڭغا كەلدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۈتۈپ 1944-يىلىغا كەلگەندە مەھمۇت مۇھىتى بېيجڭدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى، ئۇ مەڭگۇ يۇرتىغا قايتالمىدى. بۇ يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بولدى ۋە يەنە شىڭ شىسەي شىنجاڭدىن مۇشۇ يىلى كەتتى. 1945-يىلى ياپۇنلار تەسلىم بولدى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. باياخۇن ئەزىزى تىنىچ يىللاردىكى تىنىچسىز كۇنلەرنىمۇ باشتىن كەچۇردى. شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنىمۇ قۇشتى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يەتكۇچە خارلاندى، كيىن ئاقىلنىپ نامى ئەسلىگە كەلدى. 1981-يىلى تارىخنىڭ بوران -چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۇرگەن باياخۇن ئەزىزى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
收藏到:Del.icio.us
评论