• 2010-12-07

    ئوبامانىڭ يىللىق مائاشى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87353454.html

    ئاقساراي ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ،بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تاپاۋىتى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىماي قالمايدۇ.تەيۋەن «جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئاقساراي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش جەدۋىلىنى تۇنجى قېتىم توردا ئېلان قىلغان، بۇ جەدۋەلگە ئاساسلانغاندا، ئاقسارايدا ھازىر 469 خىزمەتچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق مائاش  39 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن، بۇ پىرزىدنت ۋە مۇئاۋىن پىرزىدنتنىڭ مائاشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
           پىرزىدنت ئوبامانىڭ يىللىق مائاشى 400 مىڭ دوللار بولۇپ، بۇنى پارلامېنت بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، جەدۋەلگە كىرگۈزۈلمىگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى (مۇئاۋىن پىرزىدنتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئىشتاتى قوشما ئىشتات پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىغا تەۋە بولغاچقا، جەدۋەلگە كىرگۈزۈلمىگەن. كېڭەش پالاتاسىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن پىرزىدنت بايدېننىڭ يىللىق مائاشى 230 مىڭ دوللار ئىكەن.


    مەنبەسى خەۋەرلەر تورى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us