-
2010-11-16
قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/84038480.html
ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھغا يېقىنىلىشىش نىيىتى بىلەن ھېيت كۈنلىرىدە ئۆلتۈرۈشكە ئاتالغان ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا قۇربانلىقدېيىلىدۇ؛ ئۇ ھايۋاننى يۇقىرىدىكى نىيەت بىلەن مەزكۇر كۈنلەردەئۆلتۈرۈشكە قۇربانلىق قىلىش دېيىلىدۇ.قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلار قايسى؟ قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھەج سۈرىسىنىڭ 28 - ۋە 34 - ئايەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى«ئەنئام» دەپ ئاتايدۇ. ئەنئام كەلىمىسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچىدا بىرئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزى ھالال بولسىمۇ ئەنئام دېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىقۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئات، جەرەن، كېيىك ۋە توخۇ...قاتارلىق ھايۋانلار ھالال بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ.شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنئام دېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلاردىنقۇربانلىق قىلمىغان. بۇ ماللارنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە تولغان بولۇشلىرى لازىم.قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ شەرتلىرى:1 - قوينىڭ ئالتە ئاينى تۆگىتىپ يەتتىنچى ئايلىققا ئۆتكەن بولۇشى لازىم،2 - ئۆچكىنىڭ بىر ياشنى تۆگىتىپ، ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،3 - كالىنىڭ ئىككى ياشنى تۆگىتىپ ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،4 - تۆگىنىڭ بەش ياشنى تۆگىتىپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم. بۇلاردىن باشقا قۇربانلىق قىلىنىدغان مال قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك،مۈڭگۈزلىرى سۇنۇق، كېسەل، بەك ئورۇق مال بولماسلىقى لازىم. كىملەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك؟بىر كىشىگە قۇربانلىق قىلىشنىڭ كېرەك بولۇشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ مەلۇم مىقداردا پۇل - مال، بايلىققا ئىگە بولۇشى شەرتتۇر. بۇ مىقدارنىڭ ئۆلچىمى بولسا، زاكاتتىمۇ شەرت بولغان 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل - مالدۇر.يەنى بىر كىشىنىڭ قەرزلىرى ۋە مۇھىم ئېھتىياجلىرىدىن ئېشىپ قولىدا 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل - مېلى بولسا، ئۇ كىشىگە قۇربانلىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ.بۇنداق ئىمكانىيىتى بولمىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشلىرى كېرەك ئەمەس. قۇربانلىققا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر:1 - بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ.2 - بىر تۆگىنى ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشى (يەتتە ئائىلە) شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.3 - قۇربانلىق قىلغۇچىلار ۋە ئائىلىسى ئۆز قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ. 4 - قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن پېقىر بولسۇن، باي بولسۇن يېقىن - يورۇق، قولۇم - قوشنىلارغا يېگۈزۈشكە بولىدۇ.5 - قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرى شەرت ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن غەيرىي مۇسۇلمانلارغىمۇ بەرسە يا كىيېگۈزسە بولىدۇ.مەنبە: ئۇچۇر.تورىدىن پايدىلىنىش ئۇچۇن بۇيەرگە يۆتكەلدى
收藏到:Del.icio.us