• 2010-10-24

    90،80،70- يىللىرى تۇغۇلىغانلار ئارسىدىكى پەرىق

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80529555.html

      

     . خىزمەت
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار خىزمەتنى ئىنتايىن بېرىلىپ ئىشلەيدىغانلار .  
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز ئىسمىنا ئىشلەشنى خالىمايمىز .  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئىشلەشنى قەتئىي خالىمايمەن !


    2 . كىيىم 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار 7 بۆرە ماركىلىق كىيىملەرگە ئامراق . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز G-Star ماركىلىق كىيىملەرگە ئامراق .  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن تىلەمچىلەر كىيىمىگە ئامراق . قانچە رەڭلىك ، قانچە كونا بولسا شۇنچە ياخشى . بىر تۆشۈك مودا ، ئىككى تۆشۈك دەۋىر ئېقىمى ، ئۈچ تۆشۈك ئۆزگىچىلىك . . .

     

    3 . ناخشا ئېيتىش 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار مىكروفوننى تارتىۋېلىپ باشقىلارنى ناخشا ئېيىتقىلى قويماي ھاراققا زورلايدۇ . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: مىكروفون ھەردائىم بىزنىڭ قولىمىزدا .
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن ناخشنى ئۇسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېيتىمەن .

     

    4 . پاراڭ 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى پارىڭى خىزمەت تىن باشقا يەنىلا شۇ پاي چېكى
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىزنىڭ پارىڭىمىز تېخىمۇ كۆپ ، CS , رىۋايەت ئويۇنى ، پۇتبول . . .  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: غەيرىي ئېقىم مېنىڭ ئاساسلىق پارىڭىم

     

    5 . خاتىرە كومپىيۇتېر 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلارنىڭ خاتىرە كومپىيۇتېرى بار ، يەنە كېلىپ ئاممىۋىي سورۇنلارغا بېرىپ ئىشلىتىشكە ئامراق . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇنچىۋالا ئېغىر بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ نېمە كەپتۇ . . .
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: پەقەت ئالما ماركىلىق خاتىرە كومپىيۇتېرنىلا ئىشلىتىمەن ، يەنە كېلىپ جىقراق بولسا

     

    6 . ئىچىملىك ~:
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار ئادەتتە قىزىل ھاراق ۋە ياكى ئاق ھاراقلا ئىچىدۇ . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز يا ھاراق ئىچمەيمىز ، يا پەقەتلا پىۋا ئىچىمىز . 
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن كورىيەنىڭ مېۋە شەربىتى ، ياپونىيەنىڭ گازلىق سۈيىگە ئامراق .

     

    7 . باشلىقنى كۆرگەندە 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىرەر باشلىقنى كۆرسىلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇن بوشىتىدۇ .
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە ھەممىلا ئادەم باراۋەر  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن دېگەن باشلىق ، دۇنيادا پەقەت بىر مەنلا

    


    8 . ياپونىيە، تەيۋەن ، ئامېرىكا 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلارنىڭ قارىشىدا ھەربىر ياپونىيەلىك ، ئامىرىكىلىق ، تەيۋەنلىكلەر جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلماقچى . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىملېرىغا، تەيۋەننىڭ ئۇنۋېرسال نومۇرلېرىغا ، ئامېرىكىنىڭ كىنولېرىغا ئامراق .  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن ياپونىيەگە بارىمەن ! چۈنكى مەن ياپونىيەلىك قىزلارغا ئامراق . . .

     

    9 . ئۇرۇش 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ يادرو بومبىسى بىلەن ئۈستىدىكى ئۈچ دۆلەت (رايون) نى تۈپتۈز قىلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .  
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىزگە تىنىچلىق كېرەك .  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇرۇشۇش بولسا مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى ؟ ئۇرۇش پارتلىسا كىيىمنىڭ باھاسى چۈشەمدىكەن ؟ ئۇنداقتا ئۇرۇشسۇن .

     


    10 . مۇلازىمەتچى
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلارنىڭ مۇلازىمەتچىلەرگە مۇئامىلىسى ئىنتايىن قوپال . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز ئادەتتە تاماق بۇيرۇتقاندىلا مۇلازىمەتچىلەر بىلەن سۆزلىشىمىز . 
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن ئەزالدىن waitress (مۇلازىمەتچى) بىلەن پاراڭلاشمايمەن ، پەقەت ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ كىيىمىنىڭ نەقەدەر زاماندىن قالغانلىقىنىلا باھالاپ ئولتۇرىمەن .

     

    11 . ئامانەت پۇل

    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلى بار . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىزنىڭ بېشىمىزدا پۈتۈنلەي قەرىزلا بار .
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مېنىڭ دادام ، ئاپام بار .

     


    12 . تۇرالغۇ جاي  
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار ئۆينى يىراقتىن بولسىمۇ گۈللۈك ، تىنىچ جايدىن ئالىدۇ ، ھەمدە كۈندە 1 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بالدۇر ئۆيدىن چىقىپ خىزمەتكە بارىدۇ .
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز ئىشلەيدىغان ئورۇنغا يېقىن جايدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ ، ئىشقا پىيادە ياكى ۋېلىسپىتلىك بارىمىز ، بۇ پەقەتلا ئەتىگىنى كۆپرەك ئۇخلىۋېلىش ئۈچۈن . 
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: قەيەردە تۇرسام مەيلى ، پەقەت لايىقىم ياقتۇرسىلا . . .

     

    13 . مۇھەببەتلىشىش
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار ئائىلە شارائىتى ياخشى ، پۇللۇقلار بىلەن ئارىلىشىدۇ . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز قىزىقىشىمىز ئوخشاشلار بىلەن ئارىلىشىمىز . 
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن پۈتۈن بەدىنىگە خەت ، گۈل چەككەن كېلىشكەن يىگىت بىلەن ئارىلىشىمەن .

     

    14 . ئارام كۈنى 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار ئارام كۈنلېرى باشلىقلېرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز ئارام كۈنلېرى دوستلېرىمىز بىلەن پۇتبول ئوينايمىز .  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىر ھەپتىنىڭ ھەممىسىلا ئارام كۈنى ، نېمە ئىش قىلسام شۇنى قىلىمەن .

     


    15 . ھاراق ئىچىش 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار ھاراق ئىچكەندە باشقىلار بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئىچىدۇ .  
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز نەچچىلىك ئىچەلىسەك شۇنچىلىك ئىچىمىز ، ئىچكىمىز كەلمىگەندە مىڭ زورلىسىمۇ ئىچمەيمىز . 
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن خالىغانچە ھاراق ئىچمەيمەن ، ئەمما مەن ھاراق ئىچىپ قالسام ئادەمگە ئوخشىمايمەن .

     

    16 . ئاياق سېلىش 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە چوقۇم ئاياق سېلىش كېرەك . ) 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىزنىڭ ئۆيدە ئاياق سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن كارىۋېتىمدىمۇ ئاياق بىلەن ئۇخلايمەن .

    >

    17 . بايرام 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار بەشىنچى ماي ، دۆلەت بايراملېرىدا سىرتلارغا ساياھەتكە چىقىدۇ ، ھەمدە ھەرقايسى مەنزىرە رايونلېرىدا V ھەرىپلىك قول ئىشارىتى بىلەن نۇرغۇن رەسىمگە چۈشىدۇ . Lj2Au_5 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز ئاران كەلگەن بايراملاردا ئۆيدە ئۇخلايمىز ، ياكى دوستلېرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ ناخشا ئېيتقىلى بارىمىز . 
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: ماڭا نىسبەتەن كۈندە بايرام . بەشىنچى ماي بايرىمىسنى بىكار قىلىۋەتسىمۇ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق .

     

    18 . تاماق يېگەندە
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار تاماق يېگەندە باشلىقىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا ئامراق .
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز ھەرگىزمۇ باشلىقنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېمەيمىز ، بولمىسا . . .
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: مەن دېگەن باشلىق

     


    19 . تونۇشۇش , 
    70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار ناتونۇش ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ قالغاندا گەپ سۆز تېپىپ ياخشىراق تونۇشۇشقا تىرىشىدۇ . 
    80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز تونۇشمايدىغان كىشىلەر بىلەن ئاسانلىقچە گەپ قىلىشمايمىز . ھېچنىمىدە ھېچنىمە يوق گەپ تېپىپ ھارمامدۇ بىر كىشى  
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: سەن كىمۇ ؟ نېمانچە دەۋىرنىڭ كەينىدە قالغان كىيىملەرنى كىيىۋالدىڭ ؟ نېرى ئۆت ! ھەي ، كېلىشكەن يىگىت ، تونۇشۇپ قالامدۇق ؟

     


    20 . تورغا چىققاندا 70 - يىللار تۇغۇلغانلار: ئۇلار تورغا چىقسا ئاساسەن پاي چېكى ئوينايدۇ ، ياكى خەۋەر كۆرىدۇ . 80 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز تورخانىدا CS ئوينايمىز ، كىنو كۆرىمىز ، مۇنبەرلەرگە كىرىمىز . 
    90 - يىللار تۇغۇلغانلار: بىز تورخانىدا (劲舞团) دىن باشقىسىنى ئوينىمايمىز  
    مەنبە شەمشەر بىلوگى

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇ ماقالىدە دەۋر ئالاھىدىلىكى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.
    ئىزتۈرك回复Arghu说:
    ھەر دەۋر كىشلىرىنىڭ خاسلىقى گەۋدىلىنىشى ياخشى بولغان ...
    2010-12-08 00:41:41
  • ھى ھى بۇ يازما قىززىقكەن،ھە راىست بۇ ئۇسلۇپنى ئىشلەتكەن ھەممىمىزنىڭ بىلوگى بۇزۇلۇپتۇ،بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟مېنىڭ بەك ئىچىم پۇشۇپ كەتتى
    ئىزتۈرك回复melek说:
    مەن ئۇ ۋاقىتتا ئىنكاسىڭىزغا دىققەت قىلماپتىمەن ... ھەر ھالدا ئوڭشالدى ...
    2010-12-08 00:43:03