بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1. قورساق ئاچ ۋاقتىدا قىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك.
ئادەتتە، چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەن كىشلەر قورساق ئاچ قاقتىدا قىنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشنى تور مۇزلاپ، ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە يۈرەك سىلىش ، كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئاشقازان يارىسى كىسىلى بارلار قىنىق چاي ئىچمەسلىكى كىرەك.
ئاشقازان- ئۈچەي يارسى، 12 بارماق ئۈچەي يارسى ۋە سوزۇلما يىگلەش خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قىنىق چاي ئىچمەسلىكى كىرەك. چۈنكى، چاي تەركىبىدىكى كوفېىئىن ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ئاشقازان شىللىق پەردىسنى غىدىقلاپ، جاراھەتىنى ئىغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3. يۈرىكى رىتىمسىز سالدىغان كىشلەر قىنىق چاي ئىچمەسلىكى كىرەك.
يۈرەكنىڭ سوقۇشى زىيادە تىز ھەم كۈچلۈك، ھەرىكەت رىتىمى تەرتىپسىز بولغان كىشلەر قىنىق چاي ئىچمەسلىكى كىرەك. چۈنكى، چاي تەركىبىدىكى كوفېئىن، چاي ئىشقارى قاتارلىق ماددىلاريۈرەكنى غىدىقلاپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋىتىدۇ.
4. ئۇيقۇسىزلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە نىرۋىسى ئاجىز كىشلەر كەچلىك تاماقتىن كىيىن قىنىق چاينى كۆپ ئىچمەسلىك كىرەك. چۈنكى، قىنىق چاي نىرۋىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇسىزلىقىنى تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ.
5. قىزىتىمسى ئۆرلەپ قالغاندا قىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىزىپ قالغان كىشلەر قىنىق چاينى كۆپ ئىچمەسلىكى كىرەك. چۈنكى، چاي تەركىبىدىكى ئىشقار ماددىسى بەدەننىڭ تىمپىراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، قىزىتمىسنى ئىغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا چاي ئىشقارىنىڭ يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا، قىزىتمىنى ياندۈرىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىۋىتىدۇ ياكى ئاجىزلاشتۇرۇۋىتىدۇ.
6. ھامىلدار ئاياللار قىنىق چاي ئىچمەسلىكى كىرەك.
ئاياللار مامىلىدار بولغاندىن كىيىن قىنىق چاي ئىچسە، چاي تەركىبىدىكى كوفېئىىن يۈرەك سوقۇشىنى تىزلىتىپ، ۋۈيدۈكنى كۆپەيتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، بۆرەكىنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ. ئىغىر بولغاندا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ئۆسمۈرلەر قىنىق چاي ئىچمەسلىكى كىرەك.
قىنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدە فېنول ماددىسى كۆپ بولۇپ، يىمەكلىك تەكىبىدىكى تۆمۈر ماددسى بىلەن ئاسان رىئاكسىيلىشىدۇ. بۇخىل ئەھۋالىدا، ئۆسمۈرلەرنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ ، ئۇلاردا تۆمۈر ماددسى كەمچىل بولۇش خاراكىتىرىدىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن