
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىھتىيارسىزلىقتىن، كۆزگە قۇم - شىغىل، قاتارلىق نەرسىلەر كىرىپ كەتكەندە، بەزى كىشلەر دائىم قولى ياكى قولياغىلىققا ئۆخشاش نەرسىلەر بىلەن كۆزىنى سۈرىتىدۇ. بۇنداق قىلش كۆزگە كىرىپ قالغان نەرسىلەرنى چىقىرۋىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كۆز زەخمىلنىشى ھەتتا كۆرۈش پەردىسى زىيانغا ئۇچراپ قارىغۇ بولۇپ قىلىشى مۇمىكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كەتكەندە، كۆز دوختۇرى بولمىغان ئەھۋال ئاسىتدا، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كۆزدىكى نەرسىلەرنى ئوڭايلا چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
1. ئىھتىياتسىزلىقىتن كۆزگە قۇم - شىغىل دانىچلىرى كىرىپ كەتكەندە داسقا سۈزۈك سۇ قۇيۇپ قۇم - شىغىل دانچىىسى كىرىپ كەتكەن كۆزنى سۇغا تىقىپ تۇرۇپ، كۆزنى كۈچەپ ئىچىپ - يۇمۇشىنى تېز سۈرئەتتە بىر قانچە قىتىم تەكرالىغاندا، كۆزدىكى قۇم- شىغىل دانچىلىرى چىقىپ كىتىدۇ.
2-كۆزگە چاڭ - توزان كىرىپ كەتكەندە ،ئىككىنجى بىر ئادەم تىلى ئارقىلىق كۆز ئالمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىر قانچە قىتىم سۈرتۇپ بەرسىمۇ كۆزدىكى چاڭ- توزاننى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ياندا ئادەم بولىمسا، ئىچىنشلىق ئىشلارنى ئويلاپ، كۆزدىن ياش چىقارسىمۇ چاڭ - توزاننى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
3-ئەگەر دىققەتسزلىكتىن كۆزگە سىر كىرپ كەتسە ، ئۇنى چىقىرۋىتىش ناھايتى تەس، ئۇنى چىقىرىۋىتشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئالدى بىلەن داكىغا ۋازىلىن سۈرتۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆز سىرتىدىكى سىرنى ئاستاغىنە سۈرتۈۋىتىپ، ئاندىن كىيىن كۆز ئىچىگە تىتىراتسىكىلىن كورتىزون مەلھىمىنى سۈرۈپ كۆزنى قايتا- قايتا ئىچىپ- يۇمغاندا،سىر ئۆزلۈگىدىن چىقىپ كىتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4.مۇبادا كۆزگە تۆمۈر ئۇۋاقلىرى كىرىپ كەتكەندە ، بىر پارچە ماگنىتنى پاكىز يۇيۇپ، تۆمۈر ئۇۋاقىلرى كىرىپ كەتكەن كۆزنى ئىچىپ، ئاستا- ئاستا ئايلاندۇرغاندا، تۆمۈر ئۇۋاقلىرى ماگنىتقا چاپلىشىپ چىقىپ كىتىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
5. ئاچچىقسۇ ياكى تۇز سۈيى كۆزگە كىرىپ كەتسە، تۇرۇبا سۈيى بىلەن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ(سۇنىڭ بىسىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسە، كۆزىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ). يۇغان ۋاقىتتا ، ئاسىتى- ئۈسىتى قاپاقنى توختىماي ھەرىكەتلەندۇرۇپ،كۆز قارىچۇقىنى ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئايلاندۇرۇپ بەرسە كۆزنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردسىدىكى يات نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەھۋال ئىغىرراق بولغانلار دوختۇرخانىغا بىرىپ كۆرۈنۇشى كىرەك.
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛ئائىلە ساغلامىلىق دەستۇرى دىگەن كىتابدىن ئىنلىدى.