بىتاپلىق دورىسى — كىتاب

ۋاقتى:2010-03-01 15:49مەنبە: يوللىغۇچى:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  



نۇربىيە ھاپىز
  بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەشكە بارماقچى ئىدىم. «ئۇنىڭغا نېمە سوۋغا قىلسام بولار؟» دەپ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرئۇنىڭغا مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان، ئىنسان روھىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بىلىم كانى كىتاب سوۋغا قىلىش نىيىتىگە كەلدىم – دە، كىتاب كۆرۈشكە ھېرىسمەن توققۇز ياشلىق قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ كىتابخانىغا باردىم. كىتاب تىزغۇدىكى يېڭى كىتابلارغا كۆزۈم چۈشتى. «سىرنامە»، «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»، «ئۆزۈڭگە تايان»، «ھاياتىڭىزنى پىلانلاڭ» ... نېمە دېگەن ياخشى كىتابلار – ھە! بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سوۋغا بولماس. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  كىتاب تاللاپ بولغاندىن كېيىن، كىتابخانىغا نەزەر سالدىم. ۋاي – ۋۇي! بۇ يەر بۈگۈن بۆلەكچىلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولدۇم. ئادەتتە، ھەر كۈنى كەچتە يولدىشىم بىلەن بەدەن چېنىقتۇرغاچ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتىم. كىتابخانىنىڭ ئۇدۇلىغا ۋە ئارقا تەرىپىگە رېستورانلار جايلاشقان بولۇپ ناخشا – مۇزىكىلار ياڭراپ تۇراتتى. ئالدىدا توختاپ كەتكەن پىكاپ، موتوسىكلىتلار شۇنچە كۆپ بولاتتى. كىتابخانىمۇ كەچتە نورمال ئېچىلاتتى. بىراق، كىتابخانىدا بۇنچە كۆپ ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. بىر كۈنى يولدىشىمغا:

  – ئەنە قاراڭ، رېستوراندا ئادەم شۇنچە كۆپ، بىراق، كىتابخانا چۆلدەرەپ قاپتۇ. نېمە دېگەن روشەن سېلىشتۇرما بۇ؟! «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئۆيلىرىگە ھەر بىر دېھقانغا بىر پارچىدىن توغرا كەلگۈدەك كىتاب – ژۇرنال تەقدىم قىلىندى. بۇ «مەنىۋى بايلىقلار»مۇ كىتاب تىزغۇغا تىزىلغان پېتى توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ. قاچانمۇ كىتاب – ژۇرنالغا قىزىقىش كەيپىياتىمىز قويۇقلىشار؟ – دېسەم، يولدىشىم:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  — ئۇھسىنما، ھامان بىر كۈنى كىتابقا مۇراجىئەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز كېلىدۇ، – دەپ تەسەللى بەرگەنىدى. مانا بۈگۈن كىتابخانىدىكى ئادەمنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، يولدىشىم دېگەن شۇ ۋاقىت كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. مەن بۇ تۇيغۇمدىن سۆيۈنۈپ تۇراتتىم، قىزىم پىچىرلىغان ھالدا:

  — ئاپا، مۇنۇ كىتابقا قاراڭ، قىزىق رەسىملەر بار ئىكەن، ئالايمۇ؟ – دېدى. مەن باش لىڭشىتتىم. شۇ چاغدا كاللامدا بالىلارنى كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەش مۇھىم ئىكەن، دېگەن پىكىر تۇغۇلدى. كىتاب كۆرۈۋاتقانلارغا نەزەر سالسام، كۆپىنچىسى مەكتەپ بالىلىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئانىلىرى بىلەن كىتاب تاللاۋاتقان تۆت – بەش ياشلىق يەسلى بالىلىرىمۇ بار ئىكەن. ئورۇندۇقتا ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان سەبىيلەرگە قاراپ شۇنداق مەسلىكىم كەلدى. ئۇلار كىتاب ئوقۇشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلالىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كەلگۈسىدە داڭلىق كىشىلەر چىقمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ بالىلارنى كىچىكىدىن كىتابخۇمار قىلىپ تەربىيەلىشى ئاساسسىز ئەمەس. دانالارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كىتاب بىتاپلىق دورىسى ئەمەسمۇ. شۇڭا، بالىلارنى بىلىم خەزىنىسى كىتابنى ئۆمۈرلۈك دوست تۇتسۇن دېسەك، ئۇلارنى كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەش ئىنتايىن زۆرۈر.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ياخشىكەن
(19)
95%
ئالقىشلايمەن
(1)
5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • تەبەسسۇم

    تەبەسسۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تەبەسسۇم، ئۇ، تاۋار ئەمەس، ئالدى - ساتتى قىلىدىغان ياكى پۇل ئورنىدا بانكىغا قويۇپ ساقلايدىغان . تەبەسسۇم، ئۇ، مۇغەمبەر كۈلكە ۋە خۇشامەت ﻫېجىيىشى ئەمەس، ناپاك نىيەتنى بېزەپ جۇلالاندۇرغان ۋە بىر پاشكا ئالىي ماركىلىق تاماكىدەك...

  • ئەتىگەندە ئۈچ ئىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئەتىگەندە ئۈچ ئۈشنى ئۇنۇتماڭ كۆزىتىشلەتدىن قارىغاندا ، ئەتىگەندە تۆەندىكىدىك ئۈچ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرگەندە قۇلاقنق سەزگۈلەشتۈرۈپ ، كۆزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنىش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدىگەن ________ ، 1 . كېرىلىش ، ئەتىگەندە ئورنىدىن...

  • ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا !

    بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەر...

  • كومپيۇتېر رادىئاتسىيسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 9 تۈرلۈك ئۇسۇلى

    1.كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىرنەچچە تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسا ، گۈل رادىئاتسىيسنى سۈمۈرىۋالىدۇ. 2. تۇرمۇشى جىددىي ، ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئامالى ھەر كۈنى 2 دىن 3 ئىستاكانغىچە يىشىل چاي...

  • بەزى بىمارلارنىڭ يانغون ئىشلەتمىگىنى ياخشى

    تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار. ئادەتتە يانغون ئىشلەتكەندە يانغون ئىشلەتكۈچىنىڭ چوو مىڭىسى ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىلىكىترو ماگنىت دولقۇنىدىن 4~6 ھەسسە كۈچلۈك ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچار يانغونلار پەيدا قىلىدىغان ئىلكترو ما...

  • بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى

    بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى...

  • تازلىق ئۆيدىكى فار فۇر بۇيۇملارنىڭ دېتىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    فار فۇر بۇيۇملار ئادەتتە داتلاشمايدۇ. ئەمما بىنالارنىڭ تازلىق ئۆيدىكى فارفۇر دىن ياسالغان يۈز يۇيۇش دېسى ،ۋاننا،تەرەت قاچىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ ،داتلىشىپ قالىدۇ. بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى قىزدۇرۇپ ،ئارلاشتۇ...

  • قول سائىتى ماگىنىتلىنىپ قالغاندا رىمۇنىت قىلىش ئۇسۇلى

    قول سائىتى ماگىنىتلىنىپ قالغاندا رىمۇنىت قىلىش ئۇسۇلى قول سائىتى ماگنىتلىنپ قالسا توغرا ماڭمايدۇ.ئۇنى ماگىنىتسىزلاش ئۈچۈن ،ماگنىتسىزلانمىغان بىر پارچە تۆمۈر ھالقىنى تېپىپ ،قول سائىتىنى ئۇنىڭ ئوتۇرسىغا تۇتۇپ ،ھالقىدىن ئۇياق بۇياققا بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈزسە...

  • تورغا چىققانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك روھىي ساغلاملىق

    ئىنتىرنىت تورى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ ، بۇ ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا، بەزى كىشلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا تورغا چىقىشقا بىرىلىپ كىتىپ، نۇرغۇن ۋاقتى بىلەن زىھنى توردىكى قۇرۇق پاراڭلىشىشقا ئىسر...

  • يەتتە خىل ئەھۋالدا قېىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك

    1. قورساق ئاچ ۋاقتىدا قىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك. ئادەتتە، چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەن كىشلەر قورساق ئاچ قاقتىدا قىنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشنى تور مۇزلاپ، ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە يۈرەك سىلىش ، كۆز قاراڭغۇلىشىش ق...