ئارتۇقچىلىقىڭىز بىلەن چاقناپ تۇرۇڭ
copyright by www.iz.la
ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك . مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشلا ئېسىل تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ . خىزمەتتىكى ئاياللار بولسا ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىپ كەسپتە نەتىجە قازىنالايدۇ . ھەر كۈنى خىزمەتكە بېرىش - كېلىش جەريانىدا ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ تۇرۇشى كېرەك . ئاياللار ئۈچۈن سېھرىي كۈچ ، جەلپكار بولۇش تولىمۇ مۇھىم . ئائىلە ئاياللىرى كۈنلەپ - كۈنلەپ ئۆيدە بىكار يۈرۈپ قالىدۇ )ئۆي ئىشلىرىدىن بوشىغان چاغلىرىدا( ، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرمىغانلىقتىن ، ئۆزىگە ئوڭايلا ھارغىنلىق پەيدا قىلىۋالىدۇ . ئۆزلىرىدە ئاسانلا زېرىكىش ۋە مەنىسىزلىك ھېس قىلىشىدۇ -دە ، سېھرىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋالىدۇ . شۇڭا ، ئەقىللىق ئاياللار بىكار چاغلىرىدا ئۆزىگە خاس قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ماس كېلىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلىشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندا بىكار چاغلىرىنى مەنىلىك ھەم ئالدىراش ئۆتكۈزىدۇ . تېتىك ، روھلۇق بولۇپ كەيپىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ . ئائىلىنى قانداق باشقۇرۇشنى ، ئېرى بىلەن قانداق قىلغاندا ئىناق ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق كۆپرەك ئويلىنىپ تۇرۇشى كېرەك .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كۆپ خىل قىزىقىش يېتىلدۈرۈڭ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرىمەن دەپلا يۈرمەي ، ئۆزىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىشى ، ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىش ، مۇزىكا چېلىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارى بار ياكى يوقلۇقىنى كۈزىتىپ بېقىشى كېرەك . ئەگەر بۇنداق ئىقتىدارى بولمىسا ، ئۆزى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن بىرەر ئىش بولسا ، دەرھال قول سېلىپ پۈتكۈزۈشى كېرەك . ئەگەر ئارزۇسىدىكىدەك بىرەر ئىشنى ئويلاپ تاپالمىسا ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئارام ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشتىن بىرنى تاللاپ ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قىلسا بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ، ئۆزىڭىزگە خاس قىزىقىش يېتىلدۈرۈپلا قالماي ، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ ، دوست تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز ، ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ بېيىتالايسىز .
داڭلىق يازغۇچى شۇمېر بىلەن ئاتېر كېلىن ئۆزلىرىنىڭ "نىكاھ يېتەكچىسى" ناملىق ئەسىرىدە : " ئەر - خوتۇنلار توي قىلغاندىن كېيىن ، ئۇزاق مەزگىل بىر - بىرىدىن ئايرىلماي ياشايدۇ . ئۇلار ھەممە ئىشنى بىللە قىلىدىغان بولغاچقا ، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ياخشى بولالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ . ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈرگەندە ، تۇرمۇشتا ئۆزكۈزۈش پەيدا قىلىپ ، ئەر - خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ..... " دەپ يازغان بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!