(ماتىرىيال سۆرەت)
ئەمدى چۈشەندىم، مۇھەببەت مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك گۈزەل ئەمەس ئىكەن. تۇرمۇش ھامان تۇرمۇش ئىكەن.
ئەمدى چۈشەندىم، ئادەم 50 پىرسەنت ئۆزىنى سۆيۈشى، 35 پىرسەنت ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈشى، 15 پىرسەنت باشقىلارنى سۆيۈشى كېرەككەن.
ئەمدى چۈشەندىم، ئادەم ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىدىيىسى، كەسپى ۋە غايىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.
ئەمدى چۈشەندىم، پۇل ھەممىگە قادىر بولمىسىمۇ، پۇل بولمىسا تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولمايدىكەن، شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى «دانالار پۇل-مالغا ئامراق بولغان بىلەن، پۇل-مالغا ئېرىشىشتە ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى بار». ئەرلەر شۇنداق قىلىشى، ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەمدى چۈشەندىم، پۇل تاپالايدىغان ئادەم ئۆزىڭىزگە پۇل خەجلەشكە پىخسىقلىق قىلماڭ. شۇنى چۈشىنىڭكى، پۇل تىپىشنى بىلگەن ئىكەنسىز، باشقۇرۇشنى بىلىشىڭىز، خەجلەشنى تېخىمۇ بىلىشىڭىز كېرەك.
ئەمدى چۈشەندىم، نىكاھ يالغۇز ئىككىلا ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى تۇيغۇ بولماستىن، ئىككى ئادەم ، ھەتتا ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا مەسئولىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتىن ئىبارەتتۇر.
ئەمدى چۈشەندىم، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دىلىنى رەنجىتمەڭ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانا بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئۇلارنى سۆيگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر.
ئەمدى چۈشەندىم، ئادەم كۆپرەك كىتاپ كۆرسە، كۆپرەك ماھارەت ئىگەللىسە، ھامان ئەسقاتىدۇ، چۈنكى ياخشى پۈرسەت تەييارلىقى بار كىشىلەرگە مەنسۈپ بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئەمدى چۈشەندىم، ئادەمدىكى كۆپ قىسىم گۈزەللىكنىڭ كۆپ قىسمى كېيىن ئالىدىغان تەربىيەدىن كېلىدىكەن. دۇنيادا سەت ئادەم يوق، پەقەت ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈشنى بىلمەيدىغان ھورۇنلارلا بار ئىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(كەلپىن ناھىيەلىك پارتكومدىن مېھرىگۈل قادىر تەييارلىغان)
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق