ئەگەر سىز ھەقىقىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىڭىز

ۋاقتى:2010-02-13 15:49مەنبە: يوللىغۇچى:نۇرئەلى چېكىلىشى:قىتىم
   دۇنيادا ھۆرمەتلىنىشنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك. لېكىن، ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشەلىشى ناتايىن.
بىز بىلىمىز، ھۆرمەتلىنىش  - بىر خىل ئىجتىمائىي ئىستىخىيىلىك جەرياننىڭ ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە نەتىجىسى. بۇ جەريان شەخسنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ پائالىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ھۆرمەتلىنىشكە ئېرىشىش  - ئىنساننىڭ نۇرغۇن ئىستەكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىزگۈ ئىستەكلىرىنىڭ بىرى. ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنىڭ بىرمۇنچە سەۋەب ئامىلى بولىدۇ. بىز دەل مۇشۇ ئامىلغا قاراپ قايسىسىنىڭ ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشىش، قايسىسىنىڭ زۆرۈرىيەتلىك ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئەگەر سىز ھەقىقىي تۈردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا «بىر ياخشى بايلىققا ئېرىشتىم» دەپ قاراڭ. بىراق، بۇ بايلىقنىڭ خوراش ياكى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىنى سىزنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە ئىستىخىيىلىك ئىجتىمائىي جەريانىڭىز (تەرەققىياتىڭىز)بەلگىلەيدۇ. سىز شۇنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى، ھۆرمەتلىنىشكە سازاۋەر بولۇش  - ئەمەلىيەتتە، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر بايقاشنىڭ ۋە چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھۆرمەتلىنىش ئىمكانىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن تىپىك ئىجتىمائىي ئوبيېكت ھېسابلىنىسىز. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى تېخى يەرگە چۈشۈپ بولالمىغان ئەڭ پاك بىر ئۇچقۇن قارغا ئوخشىتىشىڭىز مۇمكىن ياكى بولمىسا كۆكتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سەلتەنەتلىك بىر قۇشقا ئوخشىتىشىڭىزمۇ، ئۆز توپىنى باشلاپ سەپنىڭ ئالدىدا بەردەم كېتىپ بارغان بۆرىگە ئوخشىتىشىڭىزمۇ، تۈن كۆكىدە شۇ قەدەر يارقىن جۇلالاپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئوخشىتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. لېكىن، سىز شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ياخشى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئەڭ پاك بىر ئۇچقۇن قارغا ئوخشاتسىڭىز، يەرگە چۈشىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ؛ ئەگەر ئۆزىڭىزنى كۆكتىكى سەلتەنەتلىك قۇشقا ئوخشاتسىڭىز، ئۇ چاغدا، بىر جۈپ ياخشى قانىتىڭىزنىڭ ئىرادىڭىزنى پەرۋاز قىلدۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ؛ ناۋادا ئۆزىڭىزنى توپنىڭ ئالدىدىكى بەردەم بۆرىگە ئوخشاتسىڭىز، ئۆز توپىڭىز بولمىسىلا، ھېچقانداق ئوبرازغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىڭىزنى ئادىل تەھلىل قىلىپ بېقىڭ؛ ئەگەردە ئۆزىڭىزنى يارقىن جۇلالاپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئوخشاتسىڭىز، ئۇ چاغدا تۈننىڭ كۆلەڭگۈسى بولمىسا، تېخىمۇ ئوچۇق نۇر چېچىش ئىمكانىيىتىڭىزنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى قىياس قىلىڭ.
ياخشىكەن
(14)
93.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
6.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك