ياشلىرىمىزنىڭ سالاملىشىش ئادىتىگە نەزەر ...........

ۋاقتى:2010-04-25 11:51مەنبە: يوللىغۇچى:ياشلىقىم چېكىلىشى:قىتىم
  
ياشلىرىمىزنىڭ سالاملىشىش ئادىتىگە بىر نەزەر
سالاملىشىش _ كىشىلىك ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى .ئادەتتە سالاملىشىش ئارقىلىق تونۇشىدىغان ،تونۇشقاندىن كىيىن سىردىشىپ ،بىر _ بىرىنى چۇشۇنۇپ ،ئىشەنچ ﻫاسىل قىلغاندىن كىيىن دوستلىشىدىغان ،ﻫەتتا بىر - بىرىگە ئاداۋەت ساقلاپ ساقلىشىپ يۇرگەنلەرمۇ سالاملىشىش ئارقىلىق ئەپ بولۇپ قالىدىغان ئىشلار ناﻫايىتى كۆپ .شۇنداق ئېيتىشقا بولۇدىكى ،بىر كىشىنىڭ ئۆزىدە يېتىلدۇرگەن سالاملىشىش ئادىتى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .كىچىك ۋاقتىمدا دادامنىڭ تونۇش - بىلىشلەرگە "ئەسسالامۇ ئەلايكۇم " دەپ سالام بېرىپ ،ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۇشۇپ ،خۇشچاقچاق خوشلاقىنى ﻫېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ .شۇ ۋاقىتتا سالاملىشىشنىڭ كىشىگە بىر خىل ئىللىق سېزىم ئاتا قىلىپ ،كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ﻫېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم .بىراق بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە قىسمەن ياشلىرىمىزدىن ئۇنداق قىزغىن سالاملىشىشنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى ﻫەتتا بەزىلەر ئۆزىدىن چوڭلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان ،ياكى بىلىنەر - بىلىنمەس باش لىڭشىتىپ قويۇپلا ئۆتۇپ كېتىدىغان بولۇۋالدى .بۇ بىزنىڭ ئۆرۇپ - ئادىتىمىزگە ،ئەخلاقىي پەزىلىتىمىزگە يات بولغان ناچار ئىللەت . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ تويىدا بىز قانچەيلەن بىر ئۇستەلدە پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق ،شۇ ئارىدا ساﻫىپخان بىر يىگىتنى بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە باشلىدى .بىز پارىڭىمىزنى توختۇتۇپ ،سالاملىشىش ئۇچۇن ئۇنىڭغا قارىدۇق .بىراق ،ئۇ بىزگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن گەپ سۆزسىزلا ماڭا قولىنى ئۇزاتتى ،قولىمىز تىگە - تىگىشمەستىنلا قولىنى قانداق تېز ئۇزارتقان بولسا شۇنداق تېز تارتىۋالدى - دە ،يېنىمدا ئولتۇرغان ئاغىنەمگىمۇ شۇنداق قىلىپ ،ئۇ بىر قانچە سېكىنوت ئىچىدىلا "مەجبۇرىتى "نى ئادا قىلدى .دەسلەپتە بىز ئۇ يىگىتنى گاچا ئوخشايدۇ دەپتىمىز ،كېيىن ئۇنىڭ تېلفوندا كېملەر بىلەندۇ قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ،بىر - بىرىمىزگە ﻫەيرانلىق ئىلكىدە قارىشىپ قويدۇق .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام بېرىش ،باشقىلارنىڭ سالىمىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىلىك ئېلىش ئېسىل ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاﻫىدىلىكى .ئەمما بىر قىسىم ياشلىرىمىزدا سالاملىشىش قانچىلىك ئىشتى ،دەپ قارايدىغان ،باشقىلار بىلەن سالاملىشىشقا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىغان ،توغرا كەلسە مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا قول ئېلىشىپ قويىدىغان ؛يەنە بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئارىسىدا تەڭتۇشلىرى ۋە ئەلئاغىنىلىرى بىلەن تىللىشىپ ،ئۇرۇشۇپ ،بىمەنە چاقچاقلار بىلەن كۆرۇشۇشتەك سالاملىشىش ئادىتىگە يات بولغان ئەخلاقسىز ئىللەتلەر شەكىللەنمەكتە .بۇنداق كۆرۇنۇشلەرنى ﻫازىر ﻫىچ قىينالمايلا ياشلىرىمىز ئارىسىدىن تاپالايمىز . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سالاملىشىش گەرچە ئادەتتكى بىر ئىشتەك كۆرۇنگىنى بىلەن ئۇنىڭ خاسىيىتى ۋە سېﻬرى كۇچىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بۇ ﻫەممىمىزگە ئايان .ئېسىمىزدە بولسۇنكى "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم " ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى .
شۇڭا ،ياشلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئېسىل ئەخلاق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،سالاملىشىش جەﻫەتتە ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان ناچار ئىللەتلەرنى ۋۇجۇدىدىن چىقىرىپ تاشلاپ ،مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە دائىم قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى قەدىرلىگىنى تۇزۇك .
ياخشىكەن
(6)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك