ئايال ئائىلىدۇر

ۋاقتى:2011-06-23 16:17مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  


نىكاھ ئوقۇلۇپ،بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان قىز ئاياللىقىنىڭ چەكسىز باياۋانغان قەدەم باسقان بولىدۇ.بۇ باياۋندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچ-ئۇسىسۇز قېلىشلىرىغا،ھېرىپ-چارچاشلىرىغا قارىماي ئائىلە ئاتالمىش ئېغىر يۈك بېسىلىغان ھارۋىنى سۆرىشى كېرەك.بۇ جەرياندا ئۇ تالاي بوران-چاپقۇنلارغا دۇچ كېلىدۇ،تالاي تىكەن-چاتقاللىقلاردىن ئۆتىدۇ،تالاي تەمتىرەشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ.مانا شۇلارنى ئاقىللىق،چىدامچانلىق،چېچەنلىك بىلەن يېڭىلىپ ئۆتەلىگەن ئايالنى خۇشناۋا ئاۋازلار ياڭراپ تۇرغان ئېرەم باغلار كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ،ئۇ بۇ چەكسىز ھۆرمەت تەختىگە ئولتۇرۇپ،ئۆزىنىڭ تارتقان جاپالىرىنىڭ مېغىزنى چاقىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،ھەر قاندقا ئايال ھاياتلىق سەپىرىدىكى ئائىلىدىن ئىبارەت يۈك ھارۋىسىنى سۆرەشنى جاپا دەپ قارىمايدۇ.نامراتلىقتا قالغاندىمۇ،ئازاب-ئوقۇبەتلەر چاڭگال سالغاندىمۇ،ھەر قانچە راھەت-پاراغەتلەر چىراي ئاچقاندىمۇ،مال-دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەندىمۇ يەنە ئۇنىڭىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.مۇشۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك،مەشھۇر ئالىم رىزائۇددىن ئىبنى پەخرۇددىن ھەممە گەپنى يىغىنچاقلاپ(ئايال-ئائىلىدۇر)دېگەنىدى.دېمەك،ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ تۇرىدىغىنى ئايالدۇر.ئەگەر ھەر قانداق ئائىلىدە ئايال بۇ ھارۋىنى سۆرەشتىن ئۆزىنى تارتىپ بەل قويۇۋەتسە،ئەر زاتى مەيلى قانچىلىك كۈچەپ باقسىمۇ،ئائىلە ئاتالمىش بۇ ھارۋىنى بىر قەدەممۇ سلجىتالمايدۇ،ئەكسىچە ئۇنى ئاستا-ئاستا پاتقاققا پاتۇرۇپ قويىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھەقىقەتەن،بىر ئۆي ئايال زاتسىز ئائىلىگە ئايلىنالمايدۇ.چۈنكى، ئائىلە ئەڭ ئاددىي سۆش ىبلەن ئېيىتقاندا،ئىسىسىق تاماق،ئىللىق مېھى،يېقىملىق كۈلكە، پاكىز مۇھىت، ئۆزئارا يۆلەش،كۆڭۈللۈك پاراڭ...قاتارلىقلار بىلەن مەنىسىگە تويۇنغان بولىدۇ،ئەمما،بۇلارنىڭ ئايالسىز بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس،خۇددى رىزائۇددىن ئىبن پەخرۇددىن ئېيتقاندەك؛(ئايالىنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولمىغان بىر ئۆيدە تورغۇچىلار ئائىلە سانالمايدۇ.) تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئائىلىدىكى ئايال قىلىشىقا تېگىشىلىك ئىشنى ئەگەر ئەر كىشى زىممىسىگە ئالسا،ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىكەن.ئەمما،ئايال دادلانمايدۇ،دادىلىشىشىنى ئۆزىگە خوپ كۆرمەيدۇ،ئائىلە ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا مۇشاقەتكە بەرداشلىق بېرىدۇ،ئائىلە يۈكنى ئەردىن كۆپرەك زىممسىگە ئېلىپ،تىنىمسىز ئالغا باسىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇدۇمىمىزدا ئاتىغان نىسىبەتەن ئايالنىڭ ھەققى كۆپ، ئاتىغان قارىغاندا،ئانىنى مىڭ ھەسسە ئوبدان رازى قىلىش كېرەك. دەپ قارىلىدۇ.ئەمما، ئىسىمى-جىسمىغا لايىق ئايال بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئون يەتتە خىسلەت ۋە پەزىلەتنىڭ مۇجەسىسەم بولۇشى لازىمللىقىنى تەكتىلەيدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

1.چېچەن ۋە چىن ئېتقادلىق بولۇش،2.شەرم-ھايا ۋە  ئار نۇمۇشلۇق بولۇش.3.زېرەك ۋە پاراسەتلىك بولۇش.4.يېقىملىق بولۇش.5.ئۆز ئېرىگە مۇھەببەت قۇيۇش.6.تەبئەتەن جەسۇر بولۇش.7. ئەزىمە بولماسلىق.8. ئىتائەتكارلىق.9.دىلى پاك بولۇش.10 ئېرىنىڭ ئارقسىدىن غەيۋەت قىلىماسلىق.11پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىش12.ۋەزمىن بولۇش.13جىددىيلىك.14.ئۇلۇغۋار بولۇش.15.ئېرىنىڭ ئېغىر دەملىرىدە ئۇنىڭىغا ھەمراھ بولۇش.16.مېھىرىبان بولۇش.17.سەۋىر تاقەتلىك بولۇش.
 ئاياللىقنىڭ ئەڭ قىيامىغا يەتكەن چېغى ئۇنىڭ مېۋە بەرگەن،يەنى ئانا بولغان ۋاقتىدۇر.ھەر قانداق ئايال ئانا بولغاندىن كىيىن ئۆزىدە تېخىمۇ مىھىر-مۇھەببەتنىڭ ئويغانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ،ئانا بولغۇچىنىڭ ئائىلىگە بولغان پىداكارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.بۇ جەرياندا ھېرىپ-چارچىدىم دېمەيدۇ.بىردەم ئارام ئېلىۋالاي دېمەيدۇ.بۇنداق ھالەت بىر كۈن ئەمەس ،بىر يىل ئەمەس ئۆمۈر بايان قىلىدۇ.شۇنداق،ئايال زاتى ئەنە شۇنداق بىر ئۆمۈر ئىشىلەيدۇ،ئەمما  دادلىمايدۇ،بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزىدۇ،ئەمما مىننەت قىلىمايدۇ.ئالەمچە جاپا تارتىپ،زەرچە شاتلىققا ئېرىشىسە،قانائەت قىلىدۇ،بىر ئۆمۈر مېھىنەت قىلىپ،تېرىقچە دان ئالسا،شۈكۈر دەيدۇ،مانا ھۆرمەت قىلىشىقا ھۆرمەتلىنىشىكە لايىق ئىنسان مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شۇنداق ( ئائىلە-ئايالدۇر)ئايال بارلىقىمىزدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن،بىز،ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىمىز،ئانىلارنى بېغىشىمىزدا كۆتۈرىمىز(ئايال )دېگەن سۆزدىن ھوجۇدىمىزغا ئىللىقلىق تارايدۇ،(ئانا)دېگەن سۆزدىن قەلبىمىز سۇدەك ئېرىيدۇ.ھەر قاچان (ئانىنى شەرەپ گەۋھەرىنىڭ كانى بىل)(نەۋايى)دەپ ياشايمىز ھەم شۇنداق ياشاشنى شەرەپ بىلىمىز.
مەنبە؛شىنجاڭ ياشلىرى

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(9)
81.8%
ناچار
(2)
18.2%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قورقىدۇ

    خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەملەر كۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ،چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا ئەخمەقتەك كۆرۈنۈپ قىلىشدىن قورقىدۇ؛ئۇلار يېغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ،چۈنكى باشقىلارغا تاۋى نازۇك كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ؛ئۇلار ئۆز ھېسىياتىنى ئاشكارلاشقا جۈرئە...

  • « ئۈنچىلەر » ...

    مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر : ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ . ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ! باشتىكى ئۈنچىلەر نامىلىق تىمام مەشغۇلات تەرتىۋىدە ئازىراق خ...

  • ئىز تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

    ئىز تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىز تورى ئەزالىرى،تورداشلار: تور بېكىتىمىز قۇرۇلغان 1 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ،ئىز تورىنى قوللاپ ،ئىز تورى ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دېمەي ئۆز ئىجادىي ئەسەرلىرى، مۇئەييەن پايدىلىنىش قىم...

  • بۇرۇتلۇق خانىم

    ئىجادىي ھېكايە...

  • بالىنىڭ ئىلتىجاسى

    بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە: _ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى....

  • پراكتىكىدا

    ئالي مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئوقىۋاتقان ھەم ئوقۇپ بولغانلار بىلسە كىرەك. بەش يىل ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆتۇپ كىتىپتىكەنمەن . مەجبۇرى ھالدا مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا ھەيدەلگەندە ،يەنىلا شۇ شوخلىقىمىز بىلەن ئۆتۇپ كىتىمىزغۇ دەپ ئەزرائىلنىڭ باش بىك...

  • يۇمۇرلار

    (خۇشاللىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن) تەسىرات بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سىر سۈركەپ ؛ - مەن گەپ قىلمىغۇچە مېدىرلىماڭ ھە!- دەپ تاپىلاپتۇ. يولدىشى ئ...

  • قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ.........

    4.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ....

  • ئاق ئەتىرگۈل

    (پوۋسېىت) 1 رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم...

  • ئاھ!مۇھەببەت سەندىن ۋاز كېچەي

    ئاھ!مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى كۆڭلۈم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ...

  • جاۋاپسىز سۆيگۈ

    ۋاپاسىز يايرىم ئېسىڭدىمۇ؟ چاڭقاپ لەۋلىرىڭ گەز باغلىغاندا،مەن ساڭا شېرىن شەربەتلىرىمنى تۇتقان ئېدىم. سەنچۇ؟ سەن جاۋاپ ئورنىدا جامىمغا زەھەرلىك يۇندىنى قۇيدۇڭ،سەن سۇنغان زەھەرلىك يۇندىنى زەم-زەم ئورنىدا كۈرۈپ ئىچىپ ئازاپتىن ئاچچىق تولغاندىم. تۇمۇز ئىسسىقتا...

  • سەن كېتىپ قالدىڭ

    سەن كېتىپ قالدىڭ............... تىنىقلىرىمدىن تىنىقلىرىڭنى،كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىڭنى،ھېسلىرىمدىن ھېسلىرڭنى،سۆيگۈلۈرۈمدىن سۆيگۈلىرىڭنىئېلىپ كەتتىڭ. ئەمما سەن ماڭا بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ...گۈللەر توزىدى،يۇپۇرماقلار تۈكۈلدى.بىغۇبار سۆيگۈمىز خازا...

  • ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق !

    ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى . بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە جىنايەتچى ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى . ئۈچ ئايدىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم...

  • گۈزەل سۆيگۈ

    بىر نەچچە يىل بۇرۇن ،سېئاتىلدىكى مېيىپلار تەنھەر ىكەت مۇسابىقسدە تۇققۇز بالا يۈز مىتىرلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقسىگە قاتناشتى،ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىسمانىي ياكى ئەقلىي جەھەتتىن كەمتۈك باللار ئىدى. مىلتىق ئاۋازى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن يۈگۈرشكە باشلىدى. ئېنىقراق قىلىپ ئې...

  • سۈكۈت

    -سۈكۈت نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟- ئەڭ ئاخىرقى سوت كۈنى خۇدا بىر توپ ئادەمگە بۇ ۇئالنى قويدى. -ئىتائەتمەنلىك.-دېدى دېھقان. -ئىچ ئاغرىتىش،- دېدى مويسىپىت. -قۇشۇلۇش ،- دېدى مەسلىھەتچى. -مەنسىتمەسلىك،-دېدى ئالىم. -كۈزىتىش ،-دېدىئەر. -يۇشۇرۇش،- دېدى شائىر. -ئاقىلا...