ئىسقىرتقان قىز ئىز تورى www.iz.la
تەرەققىيات بىزگىمۇ ماددى جەھەتتىكى ئىسىل نەرسىلەرنى ئاتا قىلىپلا قالماي يەنە مەنىۋى جەھەتتىنمۇ زور ئىلگىرلەشلەرنى يارىتىپ خئوپ ياخشى قىلدى.
شۇقڭا، ئەدىبىيات-سەنئەت ساھەلىدىرىمۇ تىخىمۇ ئەركىن پىكىر قىلىش، خەلىقنى تىخىمۇ چۈشىنىش، تۇرمۇشقا تىخىمۇ يىقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.
بولۇپمۇ كىنو-فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرى دەسلەپكى قەدەملە بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىپ بىر قىسىم فىلىملارنى ئىشلەپ تاماشىنلارغا شۇندى. بۇلار ۇقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ تەدرىجىي كۆپىيۋاتىدۇ. ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ ئۆزى مۇۋەپپىقىيەت. لىكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە يىڭى ئىدىيە يوق دىيەرلىك، بەزىرىلى ھىكايە تۈسىنى ئالسا، بەزىلىرىدە چۈشكۈنلۈك، زەئىپلىك تەرغىپ قىلىنىۋاتىدۇ. تىپىك مىسلدىن بىرى "ئاي گۇۋاھ" فىلىمىدۇر. بۇ فىلىمنىڭ باشلىنىشى ھەر قايسى جەھەتلەردىن شۇ قەدەر مۇۋاپپىقيەتلىك چىققان . ئەمما چۈشۈرگۈسى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ! يازغۇچى "سىنارىست" ياكى رىژىسور بۇ فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولمايلا قلاماستىن (ئەلۋەتتە بۇ توقۇلمقا، ئەمما ئۇنىڭ جەمىئەيتتىكى تەسىرىگە ھەر گىز سەل قارىماسلىك كىرەك ئىدى!) ئۇنىڭ كۈرەش قىلىش ھوقۇقى، تەغدىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ياشاش، گۈللەندۈرۈش ھوقۇقى، ھەتتا مۇھەببەتكە ئىرىشىپ بەخت يارىتىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغان. يەنى بۇنداق ھوقۇقلارنىڭ ، كۈچ قۇدرەتلىنىڭ بارلىقىنى ئىسىگە سالىدىغان بىرەر كۆرۈنۈشنى ياكى بىرەر پىرسوناغىنى مەيدانغا چىقىرىشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان. كەسپى مەسئۇلىيەت ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئىجتىمايى مەسئۇلىيەتتىن دىرەك بىرىدۇ. سىنارسىت ياكى رېژسىسور ئىكران سىرتىكىلەرنى قەئتى ئويلاشمىغان (بۇ نۇرغۇن VCD فىلىملىرىدىكى ئورتاق ھادىسە بولۇپ قالدى). بى رئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشى يالغۇن ئىپپەنى ساقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس! ئىپپەن مۇھىم، ئەمما ئۇمۇ بەلگىلىك شەرت ئاستىدا مۇھىم ئىدى! فىلىمدە قزى ئاۋال ئىپپەتتىن، مۇھەببەتتىن، ئىشەنچىتىن ئارقا-ئارقىدىن ئايرلىپ قالىدۇ. ئاخىرىدا يالغۇز ئىككى قات پىتى قۇملۇققا كىرىپ كىتىدۇ. دىەك، ئۆلۈمگە ماڭدى! دەل مۇشۇ يەردە بىز نىمىشقا يىڭىلىققا، ئىلىم-پەنگە، ئىلغارلىققا ئىنتىلىۋاتقان شەھەردە، تىخىمۇ گۈزەل جايلاردا ياشاش ئىستىكى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر زقىنىڭ تەقدىرىنى شۇ ئۇسۇل بويىچە بىر ياقىلىق قىىلىشنىڭ ، 80% دىقان قىزلىىغا قانچىلىك زەربە بولىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدۇق؟ قىزلىرىمىز ئەتراپتىن يېڭىلىق، گۈزەللىك، تۇرمۇش ساۋاتى ئىزدەپ يۈرگىلى نەۋاخ! ئەسلىدە شۇ يەردىن بىر ئەر شەخىس مەيدانغا كىلىشى، ھىچبولمىسا چوپان بولسىمۇ، تۇزچى، ئوتۇنچى بولسىمۇ مەيدانغا چىقىپ قىزنى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىشى، ئاندىن گۈللەپ ياشناپ شەھەردە تىخىمۇ بەخىتلىك ياشىغان كۆرۈنۈشىنى مەيدانغا كەلتۈرىشى كىرەك ئىدى. دىمىسىمۇ رىۋايەتتە بولسۇن، رىئاللىقتا بولسۇن ئاياللار قەھرىمانلىق كۆرسەتمىدىمۇ؟ ھاياتنى سۆيمىدىمۇ؟ ئۈمىدۋار ياشىمىدىمۇ؟ تاغدا قالسا مالچى بىلەن، باغدا قالسا گۈلچى بىلەن، ئادەمسىز دەشت باياۋاندا قالسا بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ دىگۈدەك ھاياتلىقنى بۈگۈنگە قەدەر ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلاپ كەلمىدىمۇ؟ تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ ئىكرانلىرىدا قىزلار غارلاردىن، ئومانلىقتىن، سازلىقتىن، چۆللەردىن بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلۇپ چىقىپ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتىدۇ. ئۇرۇشتا تانكا، ئايرۇپىلان ھەيداۋاتىدۇ، ھەتتا تەجرىبە - سىناققا قاتنىشىپ ئايغا چىقىرىدىن ئۆگەنسەك، نەمۇنىلىك ئىش - ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلساق بولاتتى. لىكىن بۇ فىلىمدە باش قەھرىماننىڭ ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشگە پۇرسەت بەرمىگەننىڭ سىرتىدا ئىگە - چاقىسىز، باشپاناھسىز قالغان، نادانلىقنىڭ قۇربانى رىزۋاننىڭ ئۆزىگە ھەمراھ تۇغۇش، ھىمات تىپىش ئىشلىرىمۇ باشقا پىرسۇناژلارنىڭ چەكلىشىگە، يەكلىشىگە، يىتىم قالدۇرىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىكى قىممەت قارىشى، ئىززدەت ھۆرمەت قارىشى، مۇھەببەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى تولىمۇ يۈزەكى ۋە ئاددى. دۇرۇش، بىز ئەخلاقنى تەكىتلەيمىز، ئەمما ئەخلاقمۇ ئادەمنىڭ بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەخلاقنى ئادەم يارىتىدۇ. يەككە - يىگانە، ھىچقانداق بەخىت، راھەت، تەرەققىيات ئىلىپ كىلەلىگەن ئەخلاقنىڭ نېمە ئەتىۋارى؟ ىاتالىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولدى، ئۇنى تۈزىتىش، يۇيۇش كېرەك ئەمەسمىدى؟ ئەجەبا ئادەملەر ئارىسىدا بىز كۆچۈرەلمىگۈدەك، ئۆلۈم بىلەن يۇغىدەك دەرىجىدە ئىغىەر سەۋەنلىكلەر يوق ئىدىغۇ؟ ئەگەر ئاشۇ يىزىدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مائارىپ،قانۇن ۋە باشقا تەلىم-تەربىيلەر كۈچەيتىلگەن بولسا، رىزۋانمۇ ئەخلاقىنى يوقاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆرلەپ ئوقار، بەلكىم تىخىمۇ بەختىيار ياشار بولغىتتى؟! بىز رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تەقدىردىمۇ چوقۇم بىر ئۈمىدۋار، جۇشقۇن مەيداندا تۇتۇپ ئىش قىلىشىمىز، ھايا-نۇمۇسنىڭ نىمىلىكىنى، قىيىنچىلىقنى قاندقا يىڭىشىنى، راۋارۇس ياشاشنى ئۆگىتىشىمىز، ئۆلمەس روھ يارىتىشىمىز كىرەك ئەمەسمىدى؟ بىز بۇ دۇنياغا خاتالىقنى ئۆلۈم بىلەن يۇيۇش ئۈچۈن كەلگەنمىدۇق؟ ! ئەمدى قالغان دىھقان قىزلىرىى شۇ قىزنىڭ تەقدىرىدىن ساۋاق ئىلىپ شەھەرگە كىمىسۇنمۇ؟ ئۇلار ئادەمنىڭ يارىتىش كۈچ قۇدرىتىنى نەدىن،ك كىمدىن، قانداق، قاچان سوراپ چۈشىنىدۇ؟ بىز نۇرغۇن ئىقتىسا، ۋاقىت، ئادەم كۈچى، زىھنىي كۈچ سەرىپ قىلىپ بۇ فىلىمنى ئىشلەپ چىقتۇق يۇ ئەڭ ئاخىرىدا نىمە مەسىلە ھەل بولدى؟ قايسى مەقسەتكە يەتتۇق؟ شۇنى ئۇنتۇماسلىك كىرككى، ھسىياتچان بىلىمگە تەشنا خەقىمىز نىسبەتەن مۇكەممەل بئوبراز بىلەن ئۆزىنى باھالايدىۇ. ئۇلار كەمتۈكلۈكلەرنىنى تولۇقلاپ بېقىشقا، ساددا ئوي پىكىرىنىڭ، ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىۋىلىشقا ئۆچەم ئىزدەپ ئاۋارە. ئۇلار ئۈچۈن ھىچبولمىسا ھازىرقى زاماندا ئۈلگە بولالىغۇدەك، تۇرۇشقا يىقىن بىر ئوبراز لايىھلەپ ياكى يارىتىپ رىئاللىققتا گاڭگىراپ قالغانلارنى شۇنىڭدىن ئۈگىنىشكە چاقىرىق قىلىشنى ئۇنتۇمىساق دەيمەن. تەەشۋىقاتنىڭ ۋەزىپىسى يالغز قۇلاق بىلەن كۆزنىڭ قىچىقىنى چىقىرىشلا ئەمەس، ئۇ يەنە دىل سېغىنغان نەرسىنىمۇ ېرەلىشى، جانغا جان، ھاياتقا كۈچ قوشالىشى، ئىشچانلىق، ئاق كۆڭۈللۈكىنى مەدىھلەش بىلەن بىللە ئەقىل بىلەن ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشنى، تۇرمۇشقا ئەستايىدىل قاراپ تەييارلىق ۋە كەسكىن مۇئامىلە بىلەن ئاتلىنىشى، دادىل، جۈرئەتلىك بولۇپ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشنى ئۈگىتىشى لاھزىم. نۇمۇشنىڭ، شەرم-ھايانىڭ ئاڭلىق مەدىنىيەت گۈللەنسە سىنىڭ نومۇسوڭ، مېنىڭ نۇمۇسۇم، دەيدىغانلار كۆپىيدۇ. ھايات قىممەتلىك ۋە قىسقا، شۇ قىقىغىنە ھاياتتا ئادەم تۈرلۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ھالەتتە ياشايدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئىيتقاندا، يىڭىلىقمۇ تەكرار ئۈچىگە، يول كۆرسىتىشلەرگە، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سەمىگە سىلىشلارغا مۇھتاج بولىدۇ. سەنئىتىمىز ۋە ئەدىبىياتىمىز بۇلارنى ئويلىشىۋاتامدۇ؟ تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ىەلىقلەر دانكودەك، پاۋىلدەك ئۆلمەس ئوبرازلارنى ئاۋۋال يىزىققا تايىنىپ ياراتتى. ئارقىدىن شۇ روھ بويىچە تاللايلاپ پاۋىللار، دانكولار تۇغۇلدى. ئۇلار ياراتقاننى بىز نىمىشكە يارىتالمايمىز؟ ئۇلارنىڭ پالەچ، ئاقساق، مىيىپ تۇرۇقلۇق جان- جەھلى بىلەن ئۈگەنگەن، يامان تەبىئىتى بىلەن كۈرەش قىلىپ غەلىبە قازانغان ئالىملىرى، ەمشھۇر ئەربابلىرى بار ئىكەنۇ، بىزدە نىمىشكە بەش ئەزايى ساق تۇرۇپ ئەقەللىي مۇراد مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن باتۇرلارچە كۈرەش قىلىدىغان ئاېدەملەر ھەتتا ئىكراندىمۇ يوق؟ ئادەملەرنى تەبىيلەش نوقۇل مەكتەپنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، مەجبۇرى مائارىپ ئۆگىتەلمىگەن نەرسىلەرنى تىلۋىزىيە فىلىملىرى، كىنولار ئۆگىتەلەيدۇ. يازما چۈشەندۈرۈشنىڭ ھەممىنى ھەل قىلالىشى ناتايىن. ئۆگىنىدىغان نەرسىلە يەپ، كۆرۈپ ، ئاڭلاپ، ھىس قىلىنىپ، ئاندىن ئۆزىنى كۆرىسىتدۇ. ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىيىچنچىلىقلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالىغاندىلا، ئاندىن تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلالايدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ. كىنو-تىلۋىزىيە سەنئىتىمىز بۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتۇشىك ئادەملىمىزنىڭ كاللىدا، يۈرىكىدە ساۋاقلار قاچىلىنىپ بولغا ھامان مۇسكۇل، تىرىلەرگە، كۆز ۋە ئىما-ئىشارەتلىمىزگە تەسىرلىك بىر زۇۋان كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنى كىرەك. ھايات-ئۆگىنىدىغان، ئارزۇ قىلىدىغان، شۇ ئارمانغا يىتىش ئۈچۈن مەردانلىق بىلەن تىشىرىغان ھەرىكەتتىكى جەريان. ئۇ ئۆلۈۋاتقان، ئۇخلاپ ياتقانلارنى مەنسىتمەيدۇ، قارشى ئالمايدۇ. ئاددى، يۈزە ئىشلاردا بەس تالىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتقىنىمىزدا تەرەققىي قىلغان ئەل كىشىلىرى داچىنى، ئاي شارىنى خىيال قىلىدۇ. بىز ئاتالمىش ئۆرىپ ئادەت، سالام-ساھەتنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقاندا ئۇلار ئەخلاقىنىڭ چىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يارىتىپ، ئۇ يىقى كىلون تىخىنكىسى، بۇ يىقى ئەزا كۆچۈرۈپ، جىنىس ئۆزگەرتشكىچە باش قاتۇرىدۇ. بىز ئوشۇق ۋە يۈزنى ياپمىدىنىڭ دەپ بىلەرمەنلىك قەغىشىنى قىشىۋاتقاندا ئۇلار ئاللىقاچان جىنسىيەت، ئىستىتىكا، پەلسەپە، پىسخولۇگىيدە قىلنى قىرىققا يىرىپ مۇنبەر-مۇنبەرلەردە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى يەنە بىر مەرتەم ئاشۇرىدۇ. بىز قەدەمدە بىر ئادەم باھالاپ كۆڭۈل خوشى قىلىپ يۈرگىنىمىزدە، ئۇلار قىرىق، ئەللىك ياشقا كىرگەندە ئاندىن نىمە قىلدىڭ، سەنقانداق ئەدەم، قىلغان ياخشىلىقرىنىڭ كۆپىمۇ ياكى سەۋەنلىكلىرىڭمۇ؟ دىيىشىپ، ئۆز ئارا مەدەت بىرىشىمۇ. تۇمۇشنىڭ فىلىپى، فورمۇلاسى يوق، ئۆزۈڭ ئۈچۈن،.، ئارزۇ-ئارمىنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىل، دىيىشىپ توختىماي ئالغا قارايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالىملىرى شاخاردىن ئوران ئالتىن سەرخىل ئىدىيە ئىلىپ، ئەلا تۇرمۇش قىبلىنامىسىگە ئىرىشتى، بىزچۇ؟