قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ!
ئىز تورى بەك ياخشى
نامانجان ياسىن ئۆزھال ئىز تورى بەك ياخشى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇنداق ، كىشلىك تۇرمۇش، ئىنسان ھاياتى تولىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۇ چەكسىز خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارغا ، تەسۋىرلىگۈسىز بەخىت – ئاسايىشلىق ،چۇڭقۇر ئازاپ – ئوقۇبەتلەرگە تولغان بولىدۇ . پەقەت تىرىشچان ، باتۇر ، غەيرەت – شىجائەتلىك ،سەۋىر – تاقەتلىك كىشلەرلا ئۆزھاياتىدا دائىم خۇشاللىقلارنى ، دائىم بەخىت – سائادەتنى ھەمراھ قىلىپ ئۆز تۇرمۇشىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزەلەيدۇ . ئەكسىچە ، ئالدىراڭغۇ ،ھورۇن ،قاششاق، چىدامسىز بىخۇت ئادەملەر ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايلا قالماستىن ،بەلكى پۇشايماندىن خالىي بولالمايدۇ. مەڭگۈ دۇنيادىن زارلىنىپ ، قاخشاپ ئۆتىدۇ ، خالاس .
سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە سىزلەرگە ئۇشبۇ ھېكايەتنى مىسال كەلتۈرىمىز .
بوۋىلار شۇنداق رېۋايەت قىلىشىدۇ ؛
ناھايىتى يىراق ئەلمىساقتىن تارتىپ ، بۇلبۇل دېگەن بۇ مۇڭلۇق كۈيچى قۇش قىزىل گۈلگە ئاشىق ئىكەن .ئۇ قىزىل گۈلنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈدىكەنكى، كېچە – كۈندۈز يېنىدىن ئايرىلماي ، گۈل بەرگىگە لەۋلىرىنى يېقىپ ، يېقىملىق سايرىغىنىچە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ تۇرىدىكەن .قىزىل گۈلمۇ ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىكەن . بۇ ئىككىسى جاھاندا ئاز ئۇچرايدىغان بەخىتلىك ئاشىق – مەشۇقلار ئىكەن .
بىراق ، بۇلبۇل دائىم بىر ئىشقا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىكەن. چۈنكى ئۇ تا ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ قىزىل گۈلنىڭ يېڭى ئېچىلغان ۋاقتىدىكى كۆركەم ، نازلىق چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن . سەۋەبى بۇلبۇل ھەرۋاقىت قىزىل گۈلنىڭ باغرىنى ماكان قىلىپ ياتىدىكەنۇ ، ئەمما تاڭ سەھەردە قىزىل گۈل ئەمدىلا ئېچىلاي دېگەندە شېرىن ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قالىدىكەن . ئۇ ئويغانغان ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن تاڭ ئېتىپ بولغان ، قىزىل گۈلمۇ ئېچىلىپ بولغان ئىكەن ... ... ...
مانا شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ، ئايلار ، نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ .بۇلبۇل بۇ ئادىتىنى ھېچ ئۆزگەرتەلمەپتۇ . شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ چىدام – غەيرەتسىزلىكىدىن ئۆكۈنۈپ ، كۈندۈزى ئۆزىنى ئادەملەردىن قاچۇرۇپ ، تاغلىق –ئورمانلىقلارغا يۇشۇرنۇۋالسا ، كېچىسى ئاندىن قىزىل گۈل شېخىنى قۇچاقلىغىنىچە ، مۇڭلۇق – مۇڭلۇق ھالدا سايراپ ،يۇم – يۇم يىغلاپ ، كۆز يېشى قىلىدىكەن ...