گىرىم بۇيۇملىرىنى سۈرگەندە بەزى ئادەملەردە تېرىسى قىچىشىش قاتارلىق زىيادە سەزگۈلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ،بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل شۇكى،سوغۇق قايناق سۇ بىلەن يۈزدىكى گىرىمنى يۇيۇۋېتىش (ئەتىر سوپۇن ئىشىلەتمەسلىك كېرەك)،يۈزىگە %30لىك دانىكا كىسلاتا سۈينى سۈرۈپ،ئۇنىڭ سىرتىغا ترامسىنولون زىماتى ياكى فلۇئوتسىنولون ئاتسېتونىد سۈرتۈش لازىم.ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىر بولسا،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچەخلور-ترىمېتون پرېدنىزون قاتارلىق دورىلار بىلەن داۋالىنىش لازىم،گىرىم بۇيۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرە رېئاكسىيسى،ئادەتتە بەدەن سەزگۈلۈكى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەردە كۆپ كۆتۈرۈلىدۇ،شۇڭا،دورا،سىر،يېمەكىلىك،گۈلى،چېڭى قاتارلىقلار رېئاكىسىيە بېرىدىغان ئادەملەر گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشىلەتكەدنە ئېھتىيات قىلىشى لازىم.ئىشىلىتىشىتىن ئاۋۋال چۈشەندۈرۈش قەغىزىنى تەپسىلى كۆرۈش كېرەك.لاك،چاچ بويىغۇچ،قىزدۇرماي بۈدۈر قىلىش سۇيۇقلۇقى،لەۋ بويقى قاتالىقلارنى ئىشىلەتكەندە،ئادى بىلەن رېئاكسىيە سىنىقى قىلىش،يەنى ئىشىلەتمەكچى بولغان گىرىم بۇيۇمىدىن ئازراق ئېلىپ،بىلەكتىكى نورمال تېرىنىڭ ئۈستىگە سۈرتۈپ24سائەر كۈزىتىش كېرەك.ئەگەر گىرىم بۇيۇمى سىزگە ھېچقانداق رېئاكىسىيە بەرمىسە،يەنى قىچىشىمىسا،يەرلىك ئورۇن قىزىرىپ قالمىسا،بۇ گىرىم بۇيۇمىنى نورمال ئىشىلەتسىڭىز بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ئاياللار ۋە تۇرمۇش مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق