ئادەتتە كىشىلەر ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلىپ چارچىغاندا باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ،بۇ مېڭە چارچىغانلىقىنىڭ ئالامىتى.بۇنداق ۋاقىتتا بىر قىسىم كىشىلەر بېشىنى سوغۇق سۇدا چايقاش ئارقىلىق ئۆزىدىكى بىئاراملىق كەيپىياتنى تۈگەتمەكچى بولىدۇ،ئەمما بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، چۈنكى باشنى سوغۇق سۇدا يۇيغاندا،سوغۇق سۇ مېڭىگە قارىتا غىدىقىلاش رولىنى ئويناپ ،مېڭىنىڭ قوزغىلىش ۋە تومۇزلىنىش فونكىسيسىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ، ياكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال ئىممۇنتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا زۇكامداش،شامالداراش ياكى مېڭە داۋاملىق چارچاپ نېرۋا ئاجىزلىق،ئۇيقۇسىزلىق،ئەستە تۇتۇش تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.شۇڭا ئۆگىنىش قىلىپ ياكى خىزمەت قىلىپ قاتتىق چارچىغان ۋاقىتتا باشنى سوغۇق سۇدا يۇيۇشتىن قاتتىق ساقلىنىپ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈش،باشنى يەڭگىل ئۇۋۇلاش كېرەك،بۇ چاغدا ئەڭ ياخشىسى بىر دەم ئۇخلىۋالغانىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛كۈندىلىك تۇرمۇش ساۋارتلىرى