ئاۋۋال لېۋىڭىزنىڭ گەۋدىسنى لەۋ قەلمى بىلەن سىزىپ چىقىڭ.لەۋ قەلىمىنىڭ رەڭگى لەۋسۇرۇخنىڭ رەڭگىدىن قېنىقىراق بولسا بولىدۇ.لەۋسۇرۇخنى سۈركەپ بولغاندىن كىيىن لەۋ قەلمى بىلەن لەۋ سىزىقى بىلەن لەۋسۇرۇخنى تەكشىلەڭ.ئارىسىدا ئارىلىق پەيدا بۇلۇپ قالمىسۇن،لېۋىڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا مەرۋايىت لەۋ سۇرۇخ ئىشىلەتسىڭز لېۋىڭىز تېخىمۇ پارقىراق كۆرۈنىدۇ.ئادەتتە مۇۋاپىق گىرىم ئارقلىقىمۇ لەۋ شەكلىنى تۈزىتىۋالغىلى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
قېلىن لەۋ؛لەۋۇ سۇرۇخ تاللىغاندا سۇس رەڭلىك لەۋسۇرۇخ تاللاڭ.سۇس رەڭ لېۋىڭىزنى كىچىك كۆرسىتىدۇ.لەۋنىڭ قېلىنىلىقىنى يۇشۇرىدىغان يەنە بىر ئامال بار،يەنى ئاقارتىش مېيىنى لەۋ ئەتىراپىغا سۈركەپ،لەۋ سىزىقىنى يېپۋېتىپ، لەۋ سىزىقىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن 1.-0.5مىللىمىتىر يەردىن باشلاپ لەۋ سىزىقىنى سىزىپ،ئاندىن لەۋسۇرۇخنى سۈركەيسىز.بۇنىڭىدا جاۋغاينى ئەسلىدىكىسىدىن ئوزۇنراق سىزسىز،بۇنداق لېۋىڭىز ئۇزىرىپ،نېپىز كۆرۈنىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛خانىم-قىزلار گۈزەللىكى