مانا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەرگە خىزمەتكە چۈشكىلى بىر يىل بولۇپمۇ قاپتۇ، بۇ جەرياندا ئۆيدىكىلەرنى ،يۇرتۇمنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىم. ئەتىراپىمغا قارىسام ھەممە نەرسىلەر يات، شۇنچىلىك يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتىم. بۇ يەردە تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان ،ساۋاقدىشىم تۇرسۇننى ئۇچۇرتۇپ قالدىم،ئۇنىڭدەك بىر يۇردېشىمنى بۇ يەردە ئۇچۇرتۇپ قېلىش ،ماڭا ئالەمچە خوشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئۇ بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلگەن بولۇپ، يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،مېنى بىللە تاماق يەپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.لېكىن مەن خىزمەتتىن روخسەت سورىيالمايدىغىنىمنى باھانە قىلىپ ئۇنى رەت قىلدىم.ئۇمۇ باشقىچە گەپ قىلماستىن تېلفۇن نومۇرۇمنى سوراپ كىيىن تېلفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتى.ئۇ كورلىغا قايتىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ماڭا پات-پات تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇراتتى.بۇرۇن باشقا ئۇغۇللار بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن تاڭ ئۇنى بارا-بارا يېقىن ئادەملىرىمدەك كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم ،ئۇمۇ نىمە ئىش بولسا ماڭا دەپ بېرەتتى،مەندىن مەسلھەت سورايتتى.مەنمۇ ئۇنىڭغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرەتتم..شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بارغانچە يېقىن بولۇپ ئۇمۇ مېنى ھېچ سەۋەپسڭزلا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كىلىپ يوقلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.بىر كۈنى تۇرسۇن ماڭا تىلفۇن قىلىپ ھاۋاگۈل ئىككىمىز يۈرۈپ قالساق ،بىز ئالاقە قىلىۋاتقىلىممۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ .ھەر ھالدا سىزمۇ مېنى خېلى چۈشۈنۈپ قالدىڭىز، سىز قەلبىڭىزدىن ماڭا قىلچىلىك ئورۇن بېرەلەرسىزمۇ؟دەپ سورېدى.مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ مېنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلگەن بولسا كېرەك،مەنمۇ سىزنى ھازىرلا جاۋابىنى بېرىڭ دېمەيمەن، پەقەت سىز نىڭ مېنىمۇ ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن دەپ تىلفوننى قويىۋەتتى.مەن ئۇنىڭ تېلفونىنى قويىۋەتكەندىن كىيىن كۆپ ئويلاندىم ،ئۇ ماڭا شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلىدە بولىدۇ، ماڭا كۈيىنىدۇ،مېنى قوغدىيالايدۇ،ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىلىپ كېلەلەيدۇ.دېمەك ئۇ مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھالال جۇپتۇم بولالايدۇ، مەن يەنە نىمىنى كۈتىمەن،يەنە نىمىلەرنى تاللايمەن دەيتىم ئۆز-ئۆزەمگە،شۇنداق قىلىپ بىز يۈرۈپ قالدۇق...ئۇ بولغاچقىلا كۈنلىرىم شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، مەن بەخىت ھېسلىرىغا بارغانسىرى غەرىق بولۇپ كېتىۋاتاتتم.شۇنداق قىلىپ مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنىمىغىنىغىمۇ قويماي خىزمىتىمدىن چېكىنىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم.تويدىن بۇرۇن شۇنداق ياخشى ئۆتكەن ئادەم ،تويدىن كىيىن ھە دېسىلا ئازىراق ئىشلارنى دەپ ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق،ئۇمۇ پات-پات ئۆيگە كىرمەي تالالاردا ئوينايدىغان بولۇپ قالدى.مەنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەمدىن كۆرۈپ ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپمۇ ئۇنىڭغا ياخشى بولالمايۋاتاتتىم.ئۇنىڭ بۇنچىۋالا تىز ئۆزگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىغا پەقەتلا ئىشەنمەيتىم،ئاللاھ دىن ئۇنىڭغا ئىنساپ تىلەيتىم،يىغلايتىم ،ئەمما ئۇ ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.كىيىن مېنىڭ قورسۇقۇمدا قالدى،مەن شۇنچىلىك خوشال بولۇپ كەتكەن ،چۈنكى بۇ بالا مېنىڭ بۇ ئائىلىنى قوغداپ قېلىشىمدىكى بىردىنبىر ئۈمۈدىم ھېساپلىناتتى.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇ قىلچىممۇ خوشالدەك قىلمايتتى ،ئۇنىڭدىن گەپ سورىسام ئۇ جاۋاپ بەرگىلى ئۇنىمايتى،ئۇ ھەردائىم چارچاپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ماڭا تۈزۈكمۇ گەپ قىلماس بولىۋالغان ئىدى.قورسۇقۇممۇ كۈندىن -كۈنىگە چوڭىيىپ قالدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ماڭا،ھاۋاگۈل سىز بېرىپ ئاناملارنىڭكىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىڭ،مەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى قايتا ئويلۇنىۋالساممىكىن دېگەن دېدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ سىز ئويلانغىدەك مەن نىمىنى خاتا قىلدىم دەپ سورىدىم،ئۇ ماڭا سىز ھىچنىمىنى خاتا قىلمىدىڭىز ،مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن دېدى.مەن ئۇنىڭدىن دەرھاللا،سىز مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟دەپ سورىدىم،ئۇ ماڭا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن شۇڭا مۇشۇنداق دەۋاتىمەن دېدى،ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يا كۈلۈشنى ،يا يىغلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ، مەن نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئاپامنىڭ ئۆيىگە كەتتىم. مەن ئاپامنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان كۈنلەردە ئۇ توغرۇلۇق كۆپ گەپلەرنى ئاڭلىدىم،ئۇ باشقىلارغا مەن بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەنلىكىنى،مېنىڭ بالامنىڭمۇ ئۇنىڭغا لازىمى يوقلىقىنى ئېيىتقان ئىدى.مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك ئازاپلاندىم،قىنى ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىسى،قىنى ئۇنىڭ مېنى سۆيگىنى؟ئۇ بىر كۈنى مېنى ئىزدەپ كېلىپ ماڭا بىز ئاجىرشايلى دېدى،بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىدىم ئۇ ماڭا مەن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرگەن لېكىن مەن مەسلىكىمدە بىرسى بىلەن بىللە بولۇپ قاپتىمەن ،ھازىر ئۇنىڭمۇ قورسىقىدا بار، ئەگەر مەن سىزنى تالسام تۈرمىدە ياتسام بولىدۇ،ماڭا بۇ دۇنيادا ياشاش پۇرسىتى بېرەلەيدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن دەپلا ئالدىمدا تىزلاندى...ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەيمەن ، مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشنىمۇ ئويلاپمۇ باقمىدىم ،چۈنكى ئۆزەم سۆيگەن ئادەمنىڭ نەپرەتلىنىشكىمۇ لايىق ئەمەسلىكىنى بىلىپ بولغان ئىدىم.ئادەم دېگەن نەپرەتلەنسىمۇ نەپرەتلەنگەننى بىلىدىغان ،قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئازاپلىنىدىغان ئادەمدىن نەپرەتلىنىشى كېرەك! مەن ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم .بىز ئاجىرشىدىغان بولدۇق ،ئۇ نىڭ بالىنى ئالغۇزىۋەتسەك دەپ قايتا-قايتا تۇرىۋىلىشىدىن كىيىن مەنمۇ بالىنى ئالغۇزىۋىتىشكە كۆندۈم ،چۈنكى تېخى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا بالام دادىسىز قالسا بولمايتى. بىز دوختۇرخانىغا بالىنى ئالغۇزىۋەتكىلى باردۇق،بالىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئالماقچى بولدى ،مەن شۇنچىلىك تىرىشساممۇ بالامنى ساخلاپ قالالمىدىم،ئوپراتسىيە قىلىپ ئالغان بالا ئۇغۇل ئىدى ....مەن ئۇنى كۆرۈپلا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ،بىر ۋاقىتتا ھوشۇمغا كەلسەم ئۇ ئاغزى بىلەن ئېغىزىمغا سۇ بېرىۋىتىپتۇ،مەن ئۇنى بار كۈچۇم بىلەن ئىتىرىۋەتتم،ئۇنىڭغا بالىنى پاكىز يۇيۇپ ئاندىن يەرلىككە قويىشىنى ئۆتۈندىم ،ئۇ ماڭا ماقۇل بولغان ئىدى،كىيىن ئۇقسام ئۇ بالىنى دەرياغا تاشلىۋىتىپتۇمىش....بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك ئىچىم ئاچىق بولدى...ھايۋانمۇ ئۆز بالىسىنى قوغداشنى بىلىدۇ لېكىن مەن ئىشەنگەن ،مەن خۇددادەك كۆرەگەن ئۇ بولسا بىر ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىغان ئىدى.مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن مەڭدەپ قالدىم،ئۇ ئۆزىنى ئاقلىيالمايتى، ئۆزىنى چۈشەندۈرەلمەيتتى.مەن ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرەلمەيتىم.تومۇز ئىسىقتا قارا ئۈشۈك تەككەن يۇمران مايسىدەك كۆكىرىپ سالپىيىپ سارغايدىم.لېكىن لەۋلىرىم مەھكەم چىشلەنگەن ،كۆزلىرىم ئوچۇق بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تامچە ياش ئاققۇزۇشنى خالىمايتىم،مانا بۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىمدىن قالغان جاراھەت ئىدى. www.iz.la
ھەسرىتىمنى يۈدۈپ يۈرۈيمەن،
كەلسىمۇ گەر يەلكەمگە ئېغىر.
قىسمەتلەرنىڭ كۆزى ياشلاندى،
سۆيگۈ يولى بولغاچقا چىغىر . www.iz.la