سۆگەل ، ئادەتتە تېرە يۈزىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئۆسمە كېسەللەرنىڭ بىر خىلى ، ئۇ سۆگەل ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ . سۆگەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئىممۇنىتېتنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئىممۇنىتېت بولۇپمۇ ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغان كىشىلەر سۆگەل بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . تېرە يۈزى زەخمىلەنسىمۇ سۆگەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
سۆگەل چىققان ئورۇنغا قاراپ ئاددىي سۆگەل ، ياپىلاق سۆگەل ،. ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ، تاپان سۆگىلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ . سۆگەل چىققاندا قول بىلەن تاتىلىماسلىق ياكى ئۈستىنى كىسىپ بۇزماسلىق ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش لازىم . داۋالىتىش جەريانىدا ئىچ كىيىمنى قايناق سۇغا بېسىپ دېزىنفېكسىيەلەش ياكى دەزماللاش ئىنتايىن مۇھىم .
خەتكۈچلەر:
