شىنخۇا تورى توكيو 27–مارت تېلېگراممىسى : ياپونىيە ساقچى ۋازارىتى 27–مارت ، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 21 گىچە ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 11–مارت يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 10804 گە يەتكەنلىكىنى ، 16244 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
ياپونىيە ساقچى ۋازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئاپەت ئېغىر بولغان مىياگى ناھىيەسىدە 6565 ئادەم ، ئىۋاتې ناھىيەسىدە 3212 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ھەر قايسى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سانى 240 مىڭدىن ئاشىدىكەن .
ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 11–مارت 9.0 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن ۋە دېڭىز تاشقىنى پەيدا بولغان بولۇپ ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ، شۇنداقلا مال–مۈلۈك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان .
ئەڭ يېڭى خەۋەر :
شىنخۇا تورى توكيو 28–مارت تېلېگراممىسى : ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا 28–مارت سەھەر 6.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، ياپونىيە مېتېرولوگىيە ۋازارىتى مىياگى ناھىيەسىدىكى تىنچ ئوكيان دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى رايونلاردا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان ، نۆۋەتتە ، ئادەم قازا قىلىش ۋە يارىلىنىش ، شۇنداقلا مال–مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات يوقكەن .
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ۋازارىتى ، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 7:24 ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6:24 ) دە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئورنى مىياگى ناھىيەسىدىكى ئوشىكا يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە 80 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنىڭ بىر قەدەر تېيىز ئىكەنلىكىنى ، مىياگى ، ئىۋاتې ، ياماگاتا ، فۇكۇشىما ۋە ئائومورى ناھىيەلىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يەر تەۋرەش سېزىمىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
كىشىلەر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرماقتا
پىدائىيلار يارىلانغانلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە
پىدائىيلار پاناھلىنىش ئورنىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلماقتا
پاناھلىنىش ئورنىدىكىلەر چۈشلۈك تاماق ئالماقتا
شەھەر رايونىدا ھەقسىز يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقان كىشلەر
پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرۇۋاتقانلار
25–مارت ، پىدائىيلار ئۇچۇر تاختىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يېڭىلىماقتا