*ئۆزۈڭنىڭ باغرىدەك مېھرى ئىسسىق بىر ماكان بەرسەڭ،بىر ئېغىزنى سەن ۋە مەن ئۈچۈن ئارام كىتابلار بىلەن بېزىسەم.
*پول ئۈستىدە يۆلۈنۈشۈپ ئولتۇرۇپ،ئەڭ يېقىملىق كۈيلەر ئىچىدە خالىغان كىتابلىرىمىزنى كۆرسەك.
*سەن يۈيۈنىۋاتقان چاغدا،قىزىرىپ تۇرۇپ لۆڭگە سۇنۇپ بەرسەم.
ئىز تورى بەك ياخشى
*مەن ئەتكەن تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقىنىڭدا،قاچامنى قويۇپ ساڭا بىردەمگىنە قاراپ تۇرىۋالسام.
*سېنىڭ چىش چوتكاڭنى ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىۋالسام.
*كەچلىكى ئۆيگە قايتىپ،ھارغان چىرايىڭ بىلەن،قورسىقىڭ ئاچقانلىقىنى ئېيىتقىنىڭدا،بوينۇڭدىن قوچاقلاپ تۇرۇپ تەسەللى ئېيتىپ،ھەممە ھۈنىرىمنى چىقىرىپ تەييارلىغان مول نىممەتلەر بىلەن سېنى كۈتسەم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
*سەن بىلەن بىللە ئاتا-ئانىلىرىمزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسام.
*يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىغا بېرىپ،ئىككىمىزلا قالغاندا ،چىن بەخىت تۇيغۇسى بىلەن ساڭا كۈلۈپ قوياشنى تاماششا قىلسام.
ئىز تورى بەك ياخشى
*سەۋەبسىزلا سېنى سۆيۈپ قويسام.
*ھەر يىلى باھاردا سەن بىلەن لەگلەك ئۇچۇرغىلى بارسام.
*تارتىنغان ھالدا سېنى قۇچاقلىسام،ھارارەتلىك باغرىڭدا ئاستا-ئاستا ئېرىپ كەتسەم.
*ھەر سەھەرلىكى قۇلىقىڭغا پىچىرلاپ،سېنى ئويغاتسام.
*سېنىڭ كۈلكەڭنى،يىگىتلەرگە خاس قامىتىڭنى،ئۆزۈڭگە ياراشقان چېچىڭنى پۈۋلەپ قويۇپ ماڭا كۆز قىسىشلىرىڭنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام.
*يوللاردا بېلىكىڭگە ئېسىلىپ ماڭسام. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
*تەمكىن ھالەتتە سەن بىلەن مۇنازىرىدە بولسام،ئۇرۇشمىسام،قېيدىمىسام.
*‹‹ھاماقەت››،‹‹شەيتان››...دەپ ئەركىلەتكىنىڭدە،چىن تۇيغۇدا كۈلۈپ تۇرۇپ‹‹ھە!!!...››دېسەم.
*كېچىلىرى ئويغۇنۇپ كېتىپ،بالىلاردەك ئۇخلاشلىرىڭدىن سۆيۈنۈپ ،چاندۇرماي سۆيۈۋالسام.
*ساڭا مۇھتاج بولغىنىمدا،ئىشەنىچ بىلەن قولۇمنى سۇنالىسام.
*ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا سەن بىلەن ئوينۇشۇپ،يۈزلىرىمگە سوپۇن مازغاپلىرىنى سۈرىۋالسام.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
*ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭدا،ساڭا تۇيدۇرماي زوقلىنىپ تۇرسام.
*ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى سەن بىلەن تالىشىپ،رازىمەنلىك بىلەن ماڭا ئۆتۈنگىنىڭنى كۆرسەم.
*دېڭىز بويىغا ئېلىپ بارغىنىڭدا،سالقىن شامالدىن ھوزۇرلىنىپ،مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلدۇردىغان دولقۇنلارنى كۆرگىنىمدە،پۇتۇڭغا دەسسەپ تۇرۇپ،شاتلىقىتىن چۇقان سالسام.
*ئاغرىپ قالغىنىڭدا ،تاماقنى ئۆز قولۇم بىلەن يىگۈزۈپ،كارۋىتىڭ تۈۋىدە قولۇڭنى چىڭ تۇتۇپ ،سېنىڭ پەس ئاۋازدىكى زارلىنىشىڭنى ئاڭلىغاچ،تائۇخلاپ قالغانغا قەدەر يېنىڭدا ئولتۇرسام.
*يېنىمدىن سېنىڭ سۈرىتىڭنى ئايرىمىسام.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
*ھەر قېتىم يولدىن ئۆتكەندە،قولۇڭنى چىڭ تۇتىۋالسام.
*سەن ئۆيدە بولساڭلا ئاچقۇچ ئېلىۋالمىسام،ئىشىكنى سەن ئېچىپ بەرسەڭ.
*سېنى تۇيۇقسىز خوشال قىلىپ،كۈلكەڭگە ئورتاقلاشسام.
*يېرىم كېچىدە يوتقاننى قەستەن ئېچىۋىتىپ،سېنىڭ ئويغۇنۇپ يېپىپ قويۇشىڭنى كۈتسەم.
*ھاۋا گۈلدۈلەپ،چاقماق چاققاندا،باغرىڭغا يوشۇرنىۋالسام.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
*ھەر ئەتتىگىنى ناشتىلىقىڭنى مول قىلىپ بەرسەم.
*سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن،ئاۋۋال مەن گەپ قىلمىسام،لېكىن ساڭا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بەرسەم.
*چېچىمنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ،كەچلىكى سېنىڭ ئامراقلىق بىلەن سىلاپ قويۇشىڭدىن سۆيۈنسەم.
*ھەركۈنلۈك قوياشنىڭ چىقىپ،پاتقانلىقىنى سەن بىلەن تەڭ كۈتىۋالسام ۋەئۇزاتسام.
*بالكوندىن ئايغا قاراپ تۇرغىنىمدا،كەينىمدىن كېلىپ ئاستا قۇچاقلىساڭ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
*ھەر قېتىم ساڭا‹‹رەھمەت››،‹‹كەچۈرۈڭ›› دېگىنىمدە،مەڭزىمنى چىمداپ‹‹ئەخمەق›› دېسەڭ.
*ھەر سەھەردە،جەيناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ،ياراتقۇچىنىڭ بىزنىڭ يەنە بىر كۈننى بىللە ئۆتكۈزۈشىمىزگە نېسىپ قىلغىنىغا ھەمدۇسانا ئوقۇسام.
*ئەگەر ماڭا بىرەر پىشكەللىك يىتىپ قالسا،سەن ئۈچۈن يازغان بۇ خاتىرىنى ساڭا ئەستىلىك قىلسام.