2 . بىز كۆپىنچە ھاللاردا كىچىككىنە ئىشلارغا سەل قارىغاچقا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجىئەلەرگە دۇچ كىلىمىز!
3 . بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئوتتىن قۇتقۇزىمىز دەپ ئوتقا تاشلايدۇ!
4 . ( تۆشۈك مۇنچاق يەردە قالمايدۇ. ) - مانا بۇ ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان ئىپپەت - نۇمۇسىنى ئاددىي بىر تال خەسچىلىك كۆرمەيدىغان بەزىبىر قىزلارنىڭ ھايات پەلسەپىسى! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5 . ئىككى ئەر بىر يەرگە كەلسە پۇل، خىزمەت، كەسىپ توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇ گەپتىن زىرىككەندە ئاياللار توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ؛
ئىككى ئايال بىر يەرگە كەلسە مودا بولۇۋاتقان كىيىم - كىچەك، زىبۇ - زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇ گەپتىن زىرىككەندە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدۇ!
6 . بىر قىسىم ئەرلەر ئايالىنىڭ ۋاپادار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ ۋاپادار ياكى ۋاپادار ئەمەسلىكىنى ئويلاپمۇ قۇيۇشمايدۇ!
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
7 . ئەر - ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ( ئىلمىيلىك ) ى نۇرغۇنلىغان ئىلمىي بولمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ!
8 . ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كىچىك ۋاقتىدا قىلغان تەربىيىسى بالىلىرى چوڭ بولغاندا ئۇلارنى بىر بولسا ئالقىشقا ئىرىشتۈرىدۇ. بىر بولسا قارغىشقا ئىرىشتۈرىدۇ