پولات ئاماننۇرى
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2011-يىلى 24-فېۋرال.
يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، تونۇلغان ئەدىب، تىلشۇناس، تەرجىمان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 87 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋېدالاشتى. ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور يوقىتىش ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى چاقماق تېزلىكىدە تارقىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۈردى. خەلق بۇ تۆھپىكارى ئۈچۈن ئەلەملىك ياش تۆكتى. ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغىنىغا قاتتىق ئېچىندى. مەنمۇ بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، خېلىغىچە ئېسىمگە كېلەلمىدىم. ئىچىمدە: «مەن ئۇنى بىرلا قېتىم كۆرگەن» دەپ نەچچە قېتىم تەكرارلىدىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2011-يىلى 24-فېۋرال.
www.iz.la
«مىراس» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇختار مۇھەممەد ئاكا بىلەن بولغان زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە «قەشقەر ئاشخانىسى» غا ماڭدۇق. بىزدىن بۇرۇن كەلگەن پىكىرداش خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ، كۆڭۈللۈك سورۇنىمىزنى باشلىۋەتتۇق. سورۇن داۋاملىشىۋاتاتتى. بىر چاغدا ئابدۇللا موللا ئاكا كۆڭلى يېرىم ھالدا يانفونىغا كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇشقا باشلىدى: «ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى يېرىم سائەتنىڭ ئالدىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋېدالاشتى». مەن بۇ شۇم خەۋەرگە ئىشەنمەي: «كىم شۇنداق دەيدۇ؟» دەپ ياندۇرۇپ سورىدۇم. «‹شىنجاڭ ياشلىرى› ژورنىلىدىكى ئىدرىس نۇرۇللا ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ». كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى باشقىلاردىن يوشۇرۇپ، بېشىمنى تۆۋەن تۇتتۇم. سورۇنىمىز ئەنە شۇنداق كەيپىياتتا كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياتاققا كېتىۋاتىمەن. «بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇ خەلقىمىزگە كېرەك ئىدىغۇ!» ئەمدى سەۋر قىلماقتىن باشقا ئامال يوق. شۇ تاپتا يۈرىكىم يىغلىماقتا ئىدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياتاققا قايتىپ كەلدىم. لېكىن خېلىغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئىختىيارسىز ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ھاياتىمدا پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈشكەن ئاشۇ دەملەرنى قايغۇ ئىچىدە ئەسلەشكە باشلىدىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئاپتور (سولدا) ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن (2008-يىلى 15-دېكابىر) . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەن ئۇنى بىرلا قېتىم كۆرگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
2008-يىلى 15-دېكابىر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي دوكلات زالى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۈگۈن ئىلمىي دوكلات زالىدا «مەھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. بىر چاغدا زال ئىشىكىدىن ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ھاسسىسىغا تايىنىپ كىرىپ كەلدى. ئۇ قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكەيتتى. مەن ئۇنى بىرىنچى رەتتىكى ئورنىغا باشلاپ ئاپاردىم. چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىن كۈنتەرتىپىلىرى ئۆز تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلدى. بىر چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، يىغىن رىياسەتچىسى، ئۇستازىم ئارسىلان ئابدۇللا تەھۈرى مېنى يېنىغا چاقىرىپ: «چۈشلۈك تاماق ‹ئورمان رېستۇرانى› غا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەزىپىسىنى ساڭا تاپشۇردۇم» دېدى. مەن ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن تاپشۇرۇۋالدىم. كوللېكتىپ رەسىم چۈشۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنى قولتۇقىدىن يۆلۈۋالدىم ھەم ۋەزىپەمنى باشلىۋەتتىم. خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئارىلىقتا بۇ مۆھتىرەم ئۇستاز بىلەن سۈرەتكىمۇ چۈشۈۋالدىم، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى زەڭ قويۇپ ئاڭلىدىم، خاتىرە قالدۇردۇم. بىر كۈنلۈك يىغىن تۈرلۈك كۈنتەرتىپلىرىنى تاماملاپ، غەلبىلىك يېپىلدى. ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا خوشلاشتىم. ئارىدىن دەل ئىككى يىل ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملا كۆرۈشەلىگەنىدىم. ئەپسۇس، قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىدى. شۇ كۆرۈشۈش قەلبىمدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
www.iz.la
تەزىيە تېلېگراممىسى يېزىش
www.iz.la
2011-يىلى 25-فېۋرال. ئىز تورى بەك ياخشى
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى. ئۇ خۇددى ھاياتتەكلا ھېس قىلاتتىم. لېكىن «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى» غا بېرىلگەن قايغۇلۇق خەۋەر مېنى يەنىلا بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇيغۇرچە چاستوتىمىزنىڭ باش نازارەتچىسى پەرھات يۈسۈپ ئاكا: «بۈگۈن كەچتىكى ‹جۇڭگوغا نەزەر› پىروگراممىسىنى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە بېغىشلىغىن. زىيارەت ئوبيېكتلىرى بىلەن دەرھال ئالاقىلەشكىن» دېدى. مەن دەرھال ئىشقا كىرىشتىم. ئۇيغۇرچە چاستوتىمىزنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى گۈلباھار غوپۇر ھەدە: «تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتەيلى، سىز يېزىڭ» دېدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىلگىرى نۇرغۇن ژانىرلاردا قەلەم تەۋرەتكەن بولساممۇ، «تەزىيە تېلېگراممىسى» يېزىپ باقمىغانىدىم. لېكىن شۇنداقتىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، تەزىيە تېلېگراممىسى يېزىشقا باشلىدىم. ئىز تورى www.iz.la
تەزىيە تېلېگراممىسىنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق يېزىلدى: ئىز تورى www.iz.la
«ئەدىب، تىلشۇناس، تەرجىمان ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئائىلىسىگە: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، تونۇلغان ئەدىب، تىلشۇناس، تەرجىمان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇق. ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور يوقىتىش.
بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىدىكى بارلىق يولداشلار ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چەكسىز قايغۇرماقتىمىز. ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تۆھپىلىرى مەڭگۈ يادلىنىدۇ، ئەتىۋارلىنىدۇ! ئىز تورى بەك ياخشى
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسى
2011-يىلى 25-فېۋرال، بېيجىڭ» بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەزىيە تېلېگراممىسىنى يېزىپ بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى نىجات ھاشىم ئاكا بىلەن ئالاقىلەشتىم. ئۇ: «خاتىرجەم بولغىن، بىز ھازىر پەتىگە ماڭىمىز. تەزىيە تېلېگراممىسىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز» دېدى. ۋەزىپەمنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، زىيارەت ئوبيېكتلىرى بىلەن ئالاقىلەشتىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
زىيارەت ئوبيېكتىلىرى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە تۆۋەندىكىدەك باھالارنى بەردى: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئەھمەد پاسار (ئاتاقلىق تەرجىمان): ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەنگە سادىق ئوغلانى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇم، تولىمۇ ئازابلاندىم. مەن ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن 1950-يىللىرى تونۇشقان بولۇپ، بىر مەزگىل خەلق نەشرىياتىدا خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىدۇق. نۇرغۇن مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا بىللە قاتناشتۇق. شۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىن تولۇق ۋە توغرا پايدىلىنىش، تەرجىمە جەھەتتە ئۆلۈك تەرجىمىدىن، باشباشتاقلىق بىلەن قىلىنغان ئەركىن تەرجىمىدىن ساقلىنىش جەھەتتە كۆپ مەسلىھەتلەرنى بەرگەنىدى. كېيىن ئۆزۈمنىڭ تەرجىمە ئەمگىكىمدىمۇ ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بەرگەن مەسلىھەتلەر بويىچە ئىش كۆردۈم. ئۇ ماڭا خالىس ئۇستاز بولغانىدى. www.iz.la
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، تارىخ تەتقىقاتى، تىل تەتقىقاتى، تەرجىمە تەتقىقاتى، نەشرىياتچىلىق تەتقىقاتى، ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يىتۈك ئۇستاز ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، كەمتەرلىكى، ساپ دىل، ئاقكۆڭۈللۈكى بىلەن جامائەتچىلىك ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. مەن بۇ ئۇستازنى مەڭگۈ يادىمدىن چىقارمايمەن. ئۇنىڭ تۆھپىلىرى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرغۇسى.
ئارسلان ئابدۇللا تەھۈرى (پروفېسسور): ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ناھايىتى كەمتەر، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى شەرەپ ۋە بۇرچى دەپ بىلىدىغان، ھاياتىنى پاك-دىيانەتلىك ئۆتكۈزگەن، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە ياراتقان ئۇستازىمىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن چەكسىز قايغۇردىم. زىيالىيلار ساھەسى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى. مەن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. شۇنىڭدەك، ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. كەسپداشلىرىمىزنىڭ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، ئىزىدىن مېڭىپ، جەمئىيىتىمىزگە، مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر (پروفېسسور): ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى دەۋرىمىزدىكى تونۇلغان، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئىجتىمائىي پەن ئالىمى، شائىرى، جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» نىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، ئاساسلىرى ئىشەنچىلىك، نۇقتىئىنەزەرلىرى ئىلمىي، توغرا، قايىل قىلارلىق ئىدى.
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. شەخسەن ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئوبرازى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالغان.
مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىشلەنگەن پىروگرامما ئىز تورى بەك ياخشى
ئەمدىكى ۋەزىپەم تېخىمۇ مۇھىم ھەم جىددىي ئىدى. ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا-قايتا كۆرۈپ چىقتىم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى تەھرىرلەپ چىقتىم، ئوخشاش مەزمۇنلارنى بىردەك قالدۇرۇۋەتتىم. پىروگراممىنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنى تەييارلىدىم. تەييارلىقىم ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. پىروگراممىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. پەرھات يۈسۈپ ئاكا تەييارلانغان مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى. پىروگرامما ئوقۇشقا ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن شېرىنگۈل توختى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. www.iz.la
ئاۋاز ئېلىش رەسمىي باشلاندى. كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان تەسىرلىك مۇزىكىغا يانداشتۇرۇلۇپ ئوقۇلۇۋاتقان ماقالىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى. ياشلىرىمنى توختىتىۋالالماي قالدىم. بۇ تەسىرلىك مۇزىكا ئىككى رىياسەتچىنىڭ ياڭراق، سۈزۈك ئاۋازى بىلەن شۇنداق بىرلەشكەنكى، ئەگەر يىنىمدا باشقا بېرى بولسىمۇ يىغلاپ تاشلىغان بولاتتى. تەرجىمىھال ئوقۇپ بولۇندى. تېلېفون زىيارىتىنى كىرىشتۈردۈم. شېئىرنى ياخشى دېكلاماتسىيە قىلىدىغان ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم ئاكا ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «بالدۇرقىغا ئوخشىماس» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «بالدۇرقىغا ئوخشىماس»، «ئەل يارىم»، «مۇئەللىمنى ئۇلۇغلا» قاتارلىق شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پىروگرامما ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، پەرھات يۈسۈپ ئاكا باشتىن-ئاخىر ئاڭلىدى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى نەمدەلگەنىدى. «يەنە بىر قېتىم ئاڭلىۋېتەرسەن» دېدى ئۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ. يېرىم سائەتلىك پىروگراممىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىدىم. تېخنىكىلىق مەسىلە كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، مەنمۇ قايتىپ چىقتىم. بۇ چاغدا پىروگرامما ئاڭلىتىلىشقا يەنە ئۈچ سائەت قالغانىدى. پىروگرامما ئىشلەشكە قاتناشقانلار بىر كۈنلۈك ئەمگىكىمىزدىن سۆيۈندۇق. «مەرھۇمنىڭ روھى خۇش بولىدىغان بولدى. يالغۇز مەرھۇملا ئەمەس، مەرھۇمنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى، شاگىرتلىرى، سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەر خۇش بولىدىغان بولدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپالمىغانلار، پىروگراممىمىز ئارقىلىق خەۋەر تاپىدىغان بولدى. بىز ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە ئوخشاش تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك» دېيىشتۇق. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاخىرقى سۆز ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆزىنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى، تىللاردا داستان بولغۇدەك تۆھپىلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشكەن ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.
ئۇنىڭ ھاياتى ئىجتىھات بىلەن ئۆتكەن ھايات ئىدى. ئۇ كىچىكىدە خەنزۇ تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، رۇس تىلى ۋە قېرىنداش تۈركىي تىللارنى، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئەدەبىي ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغانىدى. يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقانىدى. كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ داۋاملىق ئىزدىنىپ، مول نەتىجىلەرنى ياراتقانىدى. ئالەمشۇمۇل مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك «نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى تەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن سىرت، بۇ شاھانە ئەسەرگە «كىرىش سۆز» يېزىپ، ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەرگەنىدى. ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنىدى...
copyright by www.iz.la
ئۇنىڭ ياراتقان تۆھپىلىرى كۆپ ئىدى. ئىخلاسمەنلەر ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىدىن پايدىلانغانىدى. تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان شاگىرتلىرى، ئەسەرلىرىدىن زوق ئالغان ئوقۇرمەنلىرى سان-ساناقسىز ئىدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
شۇ تاپتا تەڭرىتېغى، قارا قۇرۇم تاغلىرى؛ بۇغدا، تۆمۈر چوققىلىرى؛ تارىم، زەرەپشان دەريالىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ياش تۆكمەكتە. سۆيۈملۈك ئوغلانىدىن ئايرىلغىنىغا چىدىماي ياش تۆكمەكتە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
«ھەۋەس»، «سەپەر سەزگۈلىرى»، «بالدۇرقىغا ئوخشىماس»، «نەۋائىي ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، «بۇلاقتىن بىر ئوتلام»، «نورۇزنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىر چەتتە بوينىنى قىسىپ، پەرۋىشكارى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرماقتا. نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىگىسى ئۈچۈن يىغلىماقتا...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئابىدە خاراكتېرلىك تۆھپىلەرنى ياراتقان بۇ تۆھپىكار ئەل قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا مىراسلىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، يىللار ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ!!! www.iz.la
ئەلۋىدا، خانتەڭرى ئوغلى! تۆھپىلىرىڭىز مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، بىز سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز!!!
ماقالەمنىڭ ئاخىرىنى شائىر، ژۇرنالىست مۇھەممەد شاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ «ئۆچتى بىر مەشئەل» ماۋزۇلۇق مەرسىيەسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بىر دانانى ئېپكەتتى ئەجەل،
سۇندى تۆۋرۈك، ئۆچتى بىر مەشئەل.
خاسىيەتلىك بىر ھېكمەتخانا،
چاك-چاك بولدى تەۋرەپ شۇ مەھەل. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئېغىر قىسمەت ئەزدى كۆڭۈلنى،
قانداق قېيسۇن ئەزىزىگە ئەل.
ئۇ ياشايدۇ بىز بىلەن يەنە،
سەپتە سەركە ئاشقاندا ئۆتكەل. ئىز تورى بەك ياخشى
2011-يىلى 26-فېۋرال، بېيجىڭ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق