سوغۇق تام لىرىكىسى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى www.iz.la

ئىز تورى بەك ياخشى
ئەسىر قىلىپ تەگسىز خىيالغا،
ھەمراھ بۈگۈن سوغۇقلا تۆت تام.
ئىللىمىغان غېرىپ كۈلبىدە،
مەيۈسلىنىپ پىلىلدايدۇ شام.
ئەشۇ تۆت تام ئىچرە نە ئۈچۈن،
چېچىلمىدى سۆيگىدىن ئۇرۇق.
سۆيۈلۈش يوق سۆيۈشسەكمۇ گەر،
قەلبىم يەنە لېۋىمدەك قۇرۇق.
ئەشۇ تۆت تام ئىچرە نە ئۈچۈن،
بولدى زەھەر ھەسەل ئىچسەممۇ.
ئۆلدى كۆڭۈل ئۆلدى مۇھاببەت،
يۈرىكىمنى بەدەل دىسەممۇ.
ئەشۇ تۆت تام ئىچرە مەنمۇ ھەم،
بولالمىدىم پۇلدەك مۇقەددەس. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
پىچىرلىدىم ئۆزۈمگە شۇنداق:
"تاياققا تاش تېڭىلغان ئەمەس...
قەيەردە سەن دىلكەش دوستلىرىم،
مۇڭداشقىم بار ئۇزاقتىن - ئۇزاق..."
كىملەرنىدۇ ئەسلەيمەن يەنە،
بۇللدۇقلايدۇ كۆزۈمدە بۇلاق.
چىرايىمدا يالغان تەبەسسۈم،
قەلبىمدە دەرت قەلبىمدە تۈگۈن.
بىر قارىسام ئالدىمدا بەختىم، www.iz.la
بىر قارىسام ھالىم خاراپتەك.
تېتالمايمەن تەقدىرگە نىچۈن،
ھەييام ئىچكەن ئاچچىق شاراپتەك.
چۈشەنمىدىم تەقدىرنى ئەجەپ،
چۈشەنمىدىم سۆيگىنى ئەسلا.
ئاچچىق ئازاپ ئاچچىق ئۆكۈنۈش،
يۈرىكىمگە تولغان پەۋەسلا.
نومۇس دەيتتىم ئەرگە ياش تۆكۈش،
يۈرىكىمدىن تامدى ياش بىراق.
ئارمان بىلەن تىزغان ئۇگامدا،
مۇھاببەتتىن ياقالماي چىراق.
نىمە بولدى پاك سۆيگۈ دىگەن،
چىرىپ كەتتى نە ئۈچۈن ۋىجدان.
رەزىللىككە دىدىم مىڭ لەنەت،
چىن ئەقىدە بولغاندا پايخان.
بىر مورىدىن چىقسىلا تۈتۈن،
قويۇپ ئۆتسە بىر ياستۇققا باش.
بەخت ئەمەس قالسا كۆڭۈللەر،
ئالەم سىغىپ كەتكىدەك ئاراش.
ئالداندىممەن تەقدىرگە بەلكىم،
ئالدانغاندەك تاتلىققا سەبى.
ياشىدۇقمۇ يۈرەكنى ئالداپ،
ئىككى ھەيكەل سۆيۈشكەن كەبى.
چاقچىقىڭ كۆپ ھاياتقا تەقدىر،
بىھاجەتتۇر دادلىماق ساڭا.
چىن سۆيگىنىڭ ئىللىق قۇياشى،
نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى ماڭا...