كالپۈك يېرىلىپ ، سۇيۇلۇپ كەتكەندە قولدا سويۇشقا بولمايدۇ، چىشىلەشكە بولمايدۇ ، كالپۇكنى نەم خۇش ساقلايدىغان مەلھەم سۈركىسە تېزلا ساقىيىپ كىتىدۇ ، ئەگەر بەكرەك يېرىلىپ كەتكەن بولسا ، ھەسەل بىلەن زەيتۇن يېغىنى ئارلاشتۇرۇپ كالپۇكقا سۈركەپ، 2-3مىنۇتتىن كىيىن لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتۈۋېتىپ ، لەۋ مەلھىمى سۈركەپ قويسىڭىز ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ . ئاخشىمى ئۇخلىغاندا بېشىڭىزنى ھەرگىزمۇ يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىۋالماڭ ، بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس، بۇ ئادەتىنى يۇقتۇرۋالغان بولسىڭىزمۇ كالپۇكىڭىز ئاساسەن يېرىلىدىغان بۇلىدۇ ، بۇنىڭىدىن باشقا ھەر كۈنى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن ، يۈزىڭىزگە ماي سۈركىگەندە كالپۇكىڭىزنى ئاسىراشنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، يەنە بىرى ھەر كۈنى لەۋ سۇرۇخ سۈركەشتىن بۇرۇن ، كالپۇكىڭىزىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، كالپۇكىڭىزغا نەملىك ساقلاش مەلھىمى سۈركىۋېلىڭ .
مەنبە؛ گۈزەللىك دەستۇرى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!