- سىزنى تېلىفۇننى ئالمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم. ئىشلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بولۇپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى. يۇلتۇزنىڭ نىيىتىنىڭ بۇنچىلا رەزىل ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. ئۇنىڭ سىزگە يەنە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن،ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئۇنى...- نىجاتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتىم:
-ماڭا يەنە قانچىلىك كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرەي دەيسىز نىجات؟! سىزگە ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىمەنغۇ مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار، دەپ؟!... مەن ئۆزۈمنى سىزدىن قانچە تارتقانسېرى، يۇلتۇزنىڭ سىزنى شۇنچىلا ياخشى كۆرىدىغىنىنى، تاھازىرغىچە ئۇنتىيالمايۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا يۇلتۇزنىڭ كۆزىچىلا شۇنچە يېقىنچىلىق قىلىپ، يۇلتۇز ئىككىلىمىزنىلا ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويدىڭىز... باشقىلارنىڭ كەينىمدىن تاپقان سۆز-چۆچەكلىرى ئازمۇ؟ مەن ھېلىمۇ چىداپ كېلىۋاتىمەن. كىملەرنىڭ ئارىدا ئويۇن ئويناۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، بىلىشنىمۇ خالىمايمەن. ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ، ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولماڭ! - سۆزلىگەنسېرى ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. ئۇنىڭغا يەنىمۇ قاتتىق گەپ قىلىپ غورۇرىغا تېگىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئاستا ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئەينەكتىكى مەن، كۆزلىرىم ياش يۇقى، ئوڭ مەڭزىم قىزىرىپ سەل ئىششىغان، چىرايىمدىن ئاجايىپ سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلدى. مەن مۇشۇنداق زۇلئايمىدىم؟ باشقىلار نىمە ئۈچۈن ماڭا شۇنداق ئۇۋال قىلىدىغاندۇ؟ بۇ ئىشلار قاچان تۈزىلىپ، ئىزىغا چۈشەر-ھە؟! قاچانمۇ باشقىلارنىڭ دەخلىسىسىز ئۆتىدىغان كۈنلەر كېلەر؟!
مەن مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقىنىمغا بىر قانچە ھەپتە بولۇپ قالدى. نىجات ماڭا سىنىپتا بىر مۇنچە بالىلارنىڭ ئالدىدىلا"سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دىگەن سۆزنى قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ، مېنىڭ تىنچ تۇرمۇشۇم بۇزۇلدى... نىجات ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. يۇلتۇز بولسا باشقا كەسىپتە، ئەمما بىز بىلەن بىر قاراردا ئىدى. نىجات بىلەن يۇلتۇز ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر مەزگىل ئىنتايىن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەنىدى.بۇنى سىنىپىمىزدىكى ھەممەيلەن بىلەتتى. كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۇلتۇزنىڭ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئاكىسى نىجاتنى ئۆزلىرى بىلەن بىر يەرلىك ئەمەس،دەپ ئۇلارنىڭ ئىشىغا قارشى تۇرۇپ، نىجاتنىڭ يۇلتۇزغا يېقىنلىشىشىغا يول قويماپتىمىش... يۇلتۇز بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، نىجات باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندى. بۇرۇنقى گەپدانلىقى - جىمغۇرلۇققا، خۇشپېئىللىقى - تەرسالىققا، ئەلتەكلىكى - ياۋايىلىققا ئۆزگىرىپ، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي ئۆزى يالغۇز يۈرەتتى. مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان قىسمەن كىشىلەرنىڭ خاراكتېر ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزگىرىپ كېتىشى نورمال بولسىمۇ، ئادەم ھامان ئالدىغا قاراپ مېڭىشى، مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ھەربىر قەدىمىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. شۇڭلاشقىمۇ، نىجاتنىڭ شۇ خىل روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن ھېسداشلىق قىلاتتىم... نىجات گەرچە پاسسىپ بىرخىل روھىي كەيپىياتتا تۇرسىمۇ، ئۆگىنىشنى تاشلىۋەتمەسلىكى ئۇنىڭ تېخى ئۆزىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. يەنە بىر ئاي ۋاقىت بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ جىددىي تەكرار قىلىش بىلەن ئالدىراش. دەرسلەر ئاساسەن تۈگەپ، سىنىپقىمۇ چىقمىغاچقا، ساۋاقداشلار بىر-بىرىمىزنى كەمدىن كەم ئۇچرىتاتتۇق. مەكتەپ كۈتۈپخانىسى مېنىڭ كۈندە دىگۈدەك كىرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش سورۇنۇم ئىدى. تىنچ مۇھىت ماڭا روھىي ئازادىلىك بېغىشلاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىمنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى. بۇ يەردە تەكرار قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئاسپىرانتلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزىدە ئورۇنمۇ يېتىشمەي قالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ، سەھەردە ھەممىدىن بالدۇر تۇرۇپ، ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن كۇتۇپخانىغا قاراپ يۈگرەيتتىم... كۇتۇپخانا دېرىزىسىدىن مەكتىپىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئاشۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم. ئاشۇ كۈنىمۇ يەنىلا ئادىتىم بويىچە ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئورۇندا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشنى باشلىۋەتتىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. كىمدۇر بىرىنىڭ ئارقامدىن "زۇلئاي..." دەپ بوشقىنە چاقىرىشىدىن ئاستا قايرىلدىم. www.iz.la
-نىجات؟ سىزمۇ تەكرار قىلغىلى كىرىپسىزدە. قاچانراق كىرگەنىدىڭىز؟
-ئۇزاق بولمىدى. كەينىڭىزدىن قاراپ سىزنى شۇمىدۇ، ئەمەسمىدۇ، دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەمدى چاقىرىشىم. دەرسلىكتىن چۈشىنەلمىگەن جايلار بار ئىدى، كىمدىن سوراشنى بىلەلمەي سىز يادىمغا كېلىپ، ئۇدۇللا كۇتۇپخانىغا كىرىشىم...
-ئەسلى مۇنداقكەندە. بولىدۇ، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.
-يېنىڭىزدا ئولتۇرسام بولامدۇ؟- دېدى ئۇ يېنىمدىكى بوش ئورۇننى كۆرسىتىپ.
-ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى ئولتۇرۇڭ،- دېدىم مەنمۇ ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ....بىز تەكرارنى باشلىۋەتتۇق. ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ شۇنچىلىك ئۆتكۈرلىكىگە ھەيران قالدىم. مەن ئۇ چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى بىرلا قېتىم يېشىپ بەرگىنىمدە، دەرھال چۈشىنەلەيتتى... شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇمۇ ھەركۈنى كۇتۇپخانىغا كىرىدىغان بولدى. بەزىدە مەندىن بالدۇر كىرىپ، ماڭا ھېلىقى مەن ياقتۇرىدىغان ئورۇننى ئېلىپ قوياتتى. بەزىدە ئۇنىڭ تەكرار قىلىۋاتقاچ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، يۇلتۇز بىلەن بولغان ئىشلىرى يادىغا كېلىپ قالدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالاتتىم...
-زۇلئاي،-دېدى ئۇ بىر كۈنى تەكرار قىلىۋېتىپ، -سىزدىن بىر سوئالنى سورىسام بولارمۇ؟ باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ ھە~
-قېنى سوراڭ...-دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟
-...
-جاۋاب بەرگۈڭىز يوقمۇ؟ سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان سوئالدىن بىرنى سوراپتىمەندە، كەچۈرۈڭ...
- ياقەي، ھېچقىسى يوق...-دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئۇنىڭ سوئالى ماڭا يىراقتىكى بىراۋنى ئەسلەتتى.- ئۇ بۇ يەردە ئەمەس،- بۇ سۆزنى قىلغاچ چوڭقۇر ئۇھسىنىپ كەتتىم.
-باشقا يەردە ئوقۇمدۇ؟
-شۇنداق. ئۇ ئۇنىۋېرستىتىمىزنىڭ ماگىستىرلىقنى قوشۇپ يەتتە يىل ئوقۇيدىغان كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇيدۇ. شاڭخەيدە ئىككى يىل ئوقۇپ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ يەردە يەنە بەش يىل ئوقۇيدۇ. شاڭخەيدىكى ئوقۇشى تۈگەيدىغانغا يېرىم يىل بار. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئۇ سىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇمدۇ؟
-ھەئە، بىز تولۇق ئوتتۇرىنى بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ شاڭخەيگە كېتىپ، بىر يىلدىن كېيىن مەنمۇ تىببىي ئۇنىۋېرستىتقا ئۆتتۈم. ئەپسۇس، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر كەسىپكە تاللىنالمىدىم.
-مۇنداق دەڭ... ئۇنداقتا ئۇ يېرىم يىلدىن كېيىن مەكتىپىمىزگە قايتىپ كېلىدىكەندە...ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلسەم بولامدۇ؟
-ئارمان...
ھەر ئىككىمىز جىمىپ كەتتۇق. مەن كىتابقا قاراپ ئولتۇرغىنىم بىلەن خىياللىرىم يىراقتىكى ئارمان تامان قانات قېقىپ كەتكەنىدى... ئارمان بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا تونۇشقان. بۇ چاغدا ئۇ تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيتتى. جاھاندا ئاجايىپ تونۇشۇشلار بار. ئارمان ئىككىمىزنىڭ تونۇشىشىمۇ ئاشۇ ئاجايىپ تونۇشۇشلار ئىچىدىكى ئاجايىپى ئىدى. مەكتەپ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچقا ئۆيگە قايتقاندا ئوبدان ئارام ئېلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇقلىرىمنى سىنىپتىلا ئىشلىۋېتىپ، بىردەم تەكرار قىلىپ ھەممىدىن كېيىن قايتاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام خېلى بەكلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئالدىراپ كىتابلىرىمنى يىغىشتۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا تۇيۇقسىز توك كەتتى. يانفۇنۇمنىڭ يورۇقىدا كىتابلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئىشىكنى تاقىماقچى بولغىنىمدا يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ قالدى. قاراڭغۇدا تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئاران تاقىيالىدىم. تام ياقىلاپ مېڭىپ كارىدور پەلەمپىيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن چۈشىۋاتسام ئارقامدىن بىرىنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. سەل قورقۇپ تۇرساممۇ، ماڭا ئوخشاش تەكرار قىلىپ قايتماقچى بولغانلاردىن بىرى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. "چاراس" قىلىپ يورۇلغان چاقماقنىڭ يورۇقى پەلەمپەينى سۇس يورۇتتى. قايرىلىپ كەينىمگە قارىدىم، كەينىمدە ناتونۇش بىر ئوغۇل بالا تۇراتتى. "ئېھتىيات قىلىڭ" دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن. ئاندىن ئۇمۇ پەلەمپەيدىن چۈشۈشكە باشلىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-سىزمۇ تەكرار قىلىپ كەچ قاپسىزدە،-دىدىم ئەدەپ يۈزىسىدىن.
-ھەئە، بايام ئەمدى قايتاي دەپ تۇرىشىمغا توك كەتتى، شۇڭا ئالدىراپلا قايتماقچى بولغانىدىم. - ئۇ شۇنداق دىيىشىگە چاقماق ئۆچۈپ قالدى. يەنە شۇ قاراڭغۇلۇق...
-قورقۇۋاتامسىز؟ -دېدى ئۇ چاقماقنى يورۇتماي تۇرۇپ.
-ياقەي، قورقمىدىم...
ئۇ يەنە چاقمىقىنى يورۇتتى. چاقماق يورۇشى بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى. تېزلىكتە كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈشنى داۋام قىلدىم. ئۇھ... ئالتىنچى قەۋەتتىن ئاخىرى چۈشۈپ بولدۇق. كارىدورنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ھەر ئىككىمىز تېڭىرقىغىنىمىزچە تۇرۇپ قالدۇق. ئىشىك تاقاق ئىدى. توك بولمىغاچ كەچلىك مۇزاكىرە قىلىنمايدىغان بولغاچقا، بىز ئالتىنچى قەۋەتتىن چۈشكىچە مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى كارىدورنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتكەنىدى. كاللامدىن بىر چېلەك سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئەمدى بىر ئوغۇل بالا بىلەن مۇشۇ كارىدوردا قاراڭغۇدا بىللە تۇرۇپ... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-كارىدورنىڭ يان ئىشىكىگە بېرىپ باقايلى، -دېدى ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم.
-ئىسمىڭىز نىمە ؟-ئۇنىڭ ئىسمىمنى سورىغانلىقى ماڭا سەل تاساددىپىي تۇيۇلدى.
-زۇلئاي- دىدىم مەن بوش ئاۋازدا.
-ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن.- ئۇنىڭ ئوغۇللارنىڭ قىزلارنى ماختىغاندىكى ئەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلغىنىغا كۈلگۈم كەلگەن بولسىمۇ، رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئېيتتىم:
-رەھمەت، سىزنىڭچۇ؟
- ئارمان،- دېدى ئۇ تېزلىك بىلەن. قارىغاندا مېنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى سورايدىغانلىقىمنى پەرەز قىلغان بولسا كېرەك.
بىز مېڭىپ كارىدورنىڭ يان ئىشىكىگە كەلدۇق. بۇ ئىشىكمۇ تاقاق ئىدى. قاتتىق ئۈمىدسىزلىك بىلەن "ئەمدى قانداق قىلارمىز؟" دىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدىم.
-سىزدە مەكتەپ ئامانلىق قوغداش ئىشخانىسىنىڭ تېلىفۇن نومۇرى بارمۇ؟ - ئۇنىڭ بۇ سوئالى بىلەن ئەقلىمگە كەلگەندەك يانچۇقۇمغا قولۇمنى سېلىپلا، تېلىفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەنلىكى يادىمغا يېتىپ يەنە لاسسىدە بولۇپ ئۇنىڭغا:
-تېلىفۇنۇمدا ساقلىۋالغان، بىراق ھازىر توكى تۈگەپ كەتتى،- دېدىم.
- نومۇر كارتىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، -دېدى ئۇ نېمىنىدۇر ئەسكە ئالغاندەك. ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم.چاقماقنىڭ يورۇقىدا كارتامنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ كارتىنى ئۆزىنىڭ تېلىفۇنىغا كىرگۈزدى. ئامانلىق قوغداش ئىشخانىسىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلىفۇن بەردۇق. ھايال ئۆتمەي ئامانلىق قوغداش خادىمى يېتىپ كەلدى... سىرتقا چىقىپ چوڭقۇر ئۇھ تارتقىنىمنى ئاڭلاپ، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
-بايام قورقتىڭىزغۇ دەيمەن ھە؟ بەك جىددىيلىشىپ كەتتىڭىز...- دېدى مەنىلىك قىلىپ. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم. بىز گەپ - سۆز قىلماي مېڭىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتۇق.
- بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايمۇ؟
-رەھمەت، ئۆيۈم يېقىنلا يەردە، بىردەمدىلا بېرىپ قالىمەن. سىزنى ئاۋارە قىلماي...- ئۆزرە ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم...شۇندىن باشلاپ ئارمان بىلەن مەكتەپتە ئۇچرىشىپ قالساق سالاملىشاتتۇق. بەزىدە ئۇ مەندىن ئۆزىگە لازىملىق ماتېرىياللارنى سوراپ تۇراتتى.
مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.مەن سىنىپىمىزنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان رېژىسسورى بولۇپ تاللىنىپ، ھەركۈنى دىگۈدەك "مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان" نى كىچىك تىپتىكى مۇزىكىلىق ئوپىرا قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن بالىلارنى قايتا - قايتا رېپىتىس قىلدۇراتتىم. ئۆزەممۇ بۇ ئوپېرادا راست گۈلەندەمنىڭ رولىنى ئالىدىغان بولغاچقا، چارچاپ كەتسەممۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىمىسام بولمايتتى. قېرىشقاندەك، مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" غا تۆت كۈن قالغاندا ئوپېرادا ئامىرنىڭ رولىنى ئالىدىغان جۈرئەت جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ۋاقىت قىستاپ قالغاندا بۇنداق بولۇپ قېلىشى مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. سىنىپتىكى ئوغۇللاردىن مۇۋاپىق نامزات تاپالمىدىم. ئەھۋالنى سىنىپ مەسئۇلىمىزغا ئېيتتىم. ئۇ ماڭا ئامالى تېپىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خاتىرجەم بولۇشۇمنى تاپىلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل بالىنى تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا بۇ رولنى ئېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى. كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن چۈشۈپ مۇئەللىم ئۇنى سىنىپقا باشلاپ كىرىۋىدى، ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. كۆز ئالدىمدا ئارمان ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئوپېرانىڭ " سەنئەت بايرىمىدىكى نادىر نومۇر" بولۇپ باھالىنىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ "يېڭى ئامىر" بىلەن رېپىتىسنى باشلىۋەتتۇق. ئۇ رولنى شۇنچىلىك تەبىئىي ئالاتتى. ئۇسسۇلنىمۇ ئىنتايىن سىلىق ۋە جانلىق ئويناپ، بىردەمدىلا بىزگە ماسلىشىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن خاتىرجەم ھەم خۇشال بولدۇق. رېپىتىس ئاخىرلىشىشى بىلەن باشقىلار ئالدىراپلا كېتىپ قېلىشتى. مەن ھەممىنىڭ ئاخىرىدا سىنىپنى تاقاپ ماڭاي دەپ، سىنىپتىن ئەمدىلا چىقىشىمغا ئارمان كارىدوردا مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.
-سىزنى تەكرار قىلغىلى قويماي ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇق، كەچۈرۈڭ، ئەسلىدە...-شۇنداق دىيىشىمگىلا ئۇ گېپىمنى تارتىۋالدى:
-ھېچقىسى يوق زۇلئاي، بۇ مېنىڭ قىزىقىشىم ھەم ئىختىيارىم بىلەن بولدى. تەكرارنى تولۇقلىۋالسام بولىدۇ. سىز رولنى تولىمۇ ياخشى ئالىدىكەنسىز، كېيىنچە ئاكتىيور بولسىڭىزمۇ بولغۇدەك.
-رەھمەت، ئاشۇرىۋەتتىڭىز، مېنىڭچە سىز رولنى بەك تەبىئىي ھەم جانلىق ئالىدىكەنسىز... بىراق، مېنىڭ ئاكتىيور بولغۇم يوق، بۇ پەقەت مېنىڭ قىزىقىشىم، خالاس...
-ھە~ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا بولارمىكىن؟
-بۇ دىگەن مەخپىي، دىسەم بولمايدۇ،- شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم ۋە قايتۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-سىزنىڭچۇ؟ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز نىمە؟
-سىزنىڭ مەخپىي بولسا، ئەمىسە مېنىڭمۇ مەخپىي، دىمەيمەن تازا،- ئۇنىڭ گېپىدىن ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بىز گەپلىشىپ ماڭغاچ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتۇق. ئۇ ماڭا قاراپ يەنە چاقچاق قىلغىنىچە:
-ئۆيىڭىز يېقىن بولغاندىكىن ئاپىرىپ قويمىدىم ئەمىسە، ئىككى چامدىسىڭىزلا بېرىپ قالىسىز...-دېدى.
-ئىم، ماقۇل... ئەسلى شۇ، ئىككى چامداپلا بېرىپ قالىدىغان بولساممۇ ئاپىرىپ قويارمىكىن دىسەم، سىز بۇنداق دىگەن يەردە تۈزۈت قىلماي كىتىۋەردىم ئەمىسە...
بىز شۇنداق كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن خوشلاشتۇق. مەن مېڭىۋېتىپ كەينىمگە قارىسام ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرغانىكەن. قەلبىمنى ئاجايىپ ئىللىق بىر سېزىم چىرمىۋالدى. "ئارمان..."دەپ ئاستاغىنە پىچىرلاپ قويدۇم...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" كۈنى يېتىپ كەلدى. مەن شەھىرىمىزنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدىن ئىجارە ئېلىپ كەلگەن كىيىملەرنى بالىلارغا بىر كۈن ئاۋۋال تارقىتىپ بەرگەچكە، ھەممەيلەن رەتلىك كىيىنىپ تەييار بولۇشقانىدى. سائەتكە قارىدىم، باشلىنىدىغانغا يېرىم سائەت قالغان بولسىمۇ ئارمان تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تېلىفون بەرسەم"كەچۈرۈڭ، سىز چاقىرغان ئابونت تېلىفونىنى ئىتىۋەتكەن..." دىمەسمۇ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئالدىراپ-تېنەپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ قارىسام ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ئاستا مېڭىپ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. كارىدورغا ئەمدى كىرەي دەپ تۇرىشىمغا "زۇلئاي" دەپ توۋلىغان تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ تېزلىكتە كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئارمان "ۋېلىسپىتنى ئۇچقاندەك مىنىپ كېلىۋاتاتتى. قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۇ ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپلا:" كەچۈرۈڭ، كېچىكىپ قالدىم، جىددىي ئىشىم چىقىپ قېلىپ..."دىيىشىگە، مەن ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشماستىلا ئالدىراپ :" كەلسىڭىزلا بولغىنى... تېز بولۇڭ، باشلىناي دەپ قالدى!" دىگىنىمچە ئۇنى تارتىپ يۈگۈردۈم. پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇچىسىدىكى ئازادلىق ئارمىيە فورمىسى شۇنچىلىك يارىشىپ كەتكەنىدى. ۋېلىسپىتنى كۈچەپ مىنگەنلىكتىن پېشانىلىرىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى يالتىرايتتى...بىز زالغا كىردۇق. تاماشىبىنلار ئورنى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى بىلەن لىق تولغانىدى. بىزنىڭ نومۇرىمىز ئالدىدىمۇ كەينىدىمۇ ئەمەس بولۇپ ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمىدۇق. باشقىلارنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرۈپ مەندە سەل بېسىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر-بىرىدىن سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى قوزغايتتى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نۆۋەت بىزگە كەلدى."گۈل نىمىشقا شۇنچە قىزىل" دىگەن ناخشا چىقىشى بىلەن ئارمان، ياق، "ئامىر" قولىدا بىر تال قىزىلگۈلنى تۇتقىنىچە سەھنىدە پەيدا بولدى...ئامىر بىلەن راست گۈلەندەم بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان يېرىگە كەلگەندە ئارماننىڭ كۆزىگە قارىدىم، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ بىر قانچە سىكونت شۇ تەرىقىدە ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ھالدا بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قالغانىدۇق. خىيالىمدا بىز سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئەمەس، بەلكى رىئاللىقتىكى زۇلئاي بىلەن ئارمان ئوتلۇق نەزەردە بېقىشىپ بىر - بىرىگە كۆڭۈل سىرلىرىنى بايان ئەيلەۋاتاتتى... يالغان گۈلەندەم سەھنىدە پەيدا بولۇشى بىلەن دەرھال ئېسىمنى يىغىۋالدىم... ئامىر راست-يالغان گۈلەندەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىك تاللاش ئۈستىدە تۇرىۋاتاتتى...يالغان گۈلەندەمنىڭ ئەسلى قىياپىتى، رەزىل ئەپتى - بەشىرىسى خەلق تەرىپىدىن ئېچىپ تاشلاندى... ئامىر قولىدا بىردەستە قىزىلگۈلنى راست گۈلەندەمگە سۇندى...گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى خېلى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى. دىمەك، بىز ئوپېرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانىدۇق... "ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن" دىگەندەك، ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن بىزنىڭ نومۇرىمىز" سەنئەت بايرىمىدىكى نادىر نومۇر" بولۇپ باھالاندى. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم. ئارمانغىمۇ سىنىپ كوللېكتىۋىمىز نامىدىن يېنىش - يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتىم. ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن :"ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن بولدى..."دەپ كۈلۈمسىرەيتتى. ئىز تورى www.iz.la
شۇنىڭدىن كېيىن ئارمان بىلەن ياخشى دوستلاردەك تېخىمۇ ئىجىل بولۇپ كەتتۇق. ئۇ ماڭا كۆيۈنەتتى، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىللە بولۇپ قالساق "بىر كۈنى..." دەپ بىر يۇمۇر باشلىغىلى تۇرسا كۈلۈپ تېلىقىپ قالاتتىم. بەزىدە ماڭا خۇددى ئۆز سىڭلىسىدەك پەندى - نەسىھەتلەرنى قىلىپ كېتەتتى. يەنە بەزىدە بىللە ئولتۇرۇپ تەكرار قىلغانلىرىمىزدا بولسا ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە دەرسلىكتىن چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قوياتتى... ئۇ ئاستا - ئاستا مېنىڭ ھاياتىمغا سىڭىپ كىردى. ئۇنىڭ كېلىشكەن بەرنا قامىتى، قاپقارا كۆزلىرى يۈرىكىمگە ئويۇلۇپ كەتتى. چوڭقۇر مەناغا تولغان سۆزلىرى، ئەخلاق مىزانى، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىشى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىمنى ھەسسلەپ ئاشۇراتتى.... راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم! بىراق...ئۇ مېنى ياخشى كۆرەرمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولسىچۇ؟... دىگەننى ئويلىسام بىر قىسمىلا بولۇپ قالاتتىم. "تەنھا سۆيگۈ - بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈشى، ئەمما مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەسلىكى سەۋەبىدىن ئازاب بىلەن ئاخىرلىشىدۇ" دىگەن بۇ سۆزنى قايسىبىر تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا ئاڭلىۋالغان بولغىيتتىم؟... نۇرغۇن خىياللارنى قىلدىم. يۈرىكىمدە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان تۇنجى مۇھەببەت بىخلىرى، ئۆگىنىش بېسىمى، ئارماننىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىر ئۆتكەل، ۋاقىتنىڭ تەخىرسىز ھالدا قىستاپ كېلىۋاتقانلىقى... ئاخىرىدا كاللامدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەردىن كەسكىن خۇلاسە چىقىرىپ، شۇنداق نىيەتكە كەلدىم: مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساممۇ، ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەسلىكىم، ئۇنىڭمۇ كۆڭلىنى بۆلمەسلىكىم، ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىم، مۇھىمى، ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇراشتىن ساقلىنىشىم كېرەك ئىدى. تەبىئىي ھالدا ئاستا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتماقچى بولدۇم. ئەكسىچە مېنىڭ بۇ ئاسىي كۆزلىرىم، ئوقۇغۇچىلار توپىدىن تەقەززالىق بىلەن ئۇنىڭ تونۇش سىماسىنى ئىزدەيتتى. ئەگەر ئۇنى ئۇچرىتىپ قالغۇدەك بولسام يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، جىددىيلىشىپ كېتەتتىم.... ئارمان، ھەي ئارمان... يۈرىكىمنىڭ تىنىق كۆلىگە تاش چۈشۈپ، سۇ بېتىدەك تىپتىنىچ قەلبىم داۋالغۇپ بارماقتا. سىز ئارمان ئەمەس، "يۈرەكتىكى ئارمان" بولۇپ قالدىڭىز...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قىشلىق تەتىل ۋاقتى مەكتەپنىڭ تەكرارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھايىتى قىسقا بولغاچقا تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمى شۇ يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ھالقىلىق بىر مەۋسۇم ئىدى. جىددىي ئۆگىنىش رېتىمى، تەكرارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئارماننى خېلىلا چارچىتىپ قويغان بولسا كېرەك، ياداپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا تولۇق ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئەدەبىيات كىتابىنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى. مەن كىتابىمنى ئەپچىقىپ ئۇنىڭغا بەردىم. تۇيۇقسىزلا ئۆزۈمنىڭ بىر پارچە شېئىر يېزىپ، ئاشۇ ۋاراقنى كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇپ ئېلىۋەتمىگىنىم ئېسىمگە كەلدى. ئارمان خۇددى ئۇ شېئىرنى ئوقۇسا يۈرىكىمنىڭ پىنھان جايىغا ساقلانغان كۆڭۈل سىرلىرىمنى بىلىۋالىدىغاندەك يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ باراتتى. شېئىر مۇنداق يېزىلغانىدى:
www.iz.la
سەن ئېسىمدىن كەچكەن دەقىقە،
چوغلىنىدۇ ۋۇجۇدۇم قەۋەت.
ئاقىرىدۇ ھىجران تۈنلىرى ،
ياغار دىلغا سۆيگۈڭدىن شەپقەت.
سەن ئېسىمدىن كەچكەن دەقىقە،
بەخت نۇرى چاقنار كۆزۈمدە.
مەۋج ئۇرار قەلبىمدە ئارمان،
باغلىنىمەن ئۈنسىز سېھرىڭگە.
چىگىش خىياللار ئىچىدە ئارماننىڭ كىتابىمنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتتۈم. ئەتىسى سەھەردە ئۇ مېنى سىنىپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنى كۆرسەملا گېپىمنى تاپالمايدىغان، كۆزلىرىگە تىكىلىپمۇ قارىيالمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم.
-كىتابىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي دەپ ساقلاپ تۇرىۋىدىم، رەھمەت سىزگە. ھەراست، شېئىرنى ياخشى يازىدىكەنسىز، مەنمۇ يېزىپ بېقىۋىدىم، قاملاشمىغاندەك تۇرىدۇ ...
-ياقەي، ئانچە يازالمايمەن، شۇ مۇنداقلا يېزىپ بېقىشىم ئىدى،-دەپ كۆزلىرىمنى يەرگە تىكتىم ۋە،- سىزنىڭكىنى بىر كۆرەيچۇ،- دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ سىنىپقا كىرىپلا ئالدىراپ كىتابىمنى ئاچتىم.
كەچمەك بولدۇم سەندىن بەزىدە،
كېتەلمىدىم ئەمما يېنىڭدىن.
سەنمۇ ماڭا قىيا باقىسەن،
سۆيگۈ نۇرى چاقناپ كۆزۈڭدىن.
ئوتلىرىڭدا كۆيۈپ تۇرۇپمۇ،
پەرۋانىدەك ئۇرۇپ ئۆزۈمنى،
دىيەلمىدىم ھەتتا دۇدۇقلاپ،
"ساڭا ئاشق" دىگەن سۆزۈمنى.
ئاشىقلىقنىڭ ئوتى بەك يامان،
تاۋلىنىمىز ئۇنىڭدا ھامان.
شۇڭا تاتلىق مۇھەببەت دىگەن،
ياشىغاچقا قەلبتە پىنھان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شېئىرىمدىن ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەن ۋە ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلىدىكىنى مۇشۇ ئۈچ كۇبلىت شېئىر ئارقىلىق دەۋالغىنى ئېنىقلا تۇراتتى. "مەن ئارتۇقچە ئويلاپ كەتتىممۇ قانداق؟" دەپ ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەكچى بولساممۇ، بىراق " ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قاپتۇ" دىگەن قاراش ئۇ ئويۇمنى بېسىپ چۈشەتتى. ئاھ،خۇدا... ئەمدى ئارمانغا قانداق قارايمەن؟ ئەجەبمۇ كەم ئەقىللىق قىپتىمەن، ئاشۇ شېئىرنى ئېلىۋېلىپ بەرسەمچۇ كاشكى. ئۇ شېئىرنى مۇنداقلا يېزىپ باققانمىدۇ ياكى ئۇمۇ...؟ مەن ئويلاپ ھېچ بىر خۇلاسە چىقىرالمىدىم. ئويلىغانسېرى كاللام قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ كۈنى ئىمكانقەدەر ئارمانغا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن سىنىپتىن چىقمىدىم. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە بولسا ھەممىدىن ئاۋۋال سىنىپتىن چىقىپ تېز قەدەملەر مېڭىپ ئۆيگە قايتتىم. شۇ تەرىقىدە ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرۈپ بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. شەنبە كۈنى يېرىم كۈنلۈك تەكرارنى تۈگىتىپ، دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئويلانغاچ ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتاتتىم.توساتتىنلا كەينىمدىن "زۇلئاي" دەپ توۋلىغان تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ، ئىزتىراپ بىلەن كەينىمگە قايرىلدىم. ئارمان قوشۇما قاشلىرى ھىمىرىلگەن، كۆزلىرى ماڭا تىكىلگەن ھالدا تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا يۈزلىرىم قىزىپ كەتتى، سۇس تىترەۋاتقىنىمنى سېزىپ تۇرساممۇ، " جۈرئەتلىك بول زۇلئاي " دەپ ئۆزۈمگە مەدەت بەردىم. ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ توختىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-نەچچە كۈن بولدى، سىزنى ھېچ ئۇچرىتالمىدىمغۇ؟
-مەن ... شۇ سىزنى ئاۋارە قىلماي دەپ...- گەپلىرىم ھېچ قولاشمايۋاتاتتى.
-مېنى ئاۋارە قىلماي دەپ؟ سىزنى ئۇچراتسام ئاۋارە بولۇپ كىتەمدىكەنمەن؟
-ياقەي، دىمەكچى بولغىنىم...
-توختاڭ، زۇلئاي. مېنىڭچە سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىۋاتىسىزغۇ دەيمەن.
-ئارمان، سىز مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. سىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەكرار ۋاقتىڭىزغا دەخلى قىلماي دەپ ئويلىغانتىم،- شۇ سۆزنى قىلىپلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ تېخىچىلا ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. شۇ دەقىقىدە دىمىقىم ئېچىشقاندەك بولدى. چارچىغانلىقتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى. بۇرۇنقىدەك كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئارمان مانا ئەمدىلىكتە چىرايىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئىچىمدە خىتاب قىلماقتىمەن: "ئارمان،مەن سىزنى سۆيىمەن، بىراق سىزگە <سىزنى سۆيىمەن> دىيەلمەيمەن. سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز، ئىستىقبالىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا سىزگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگۈدەكمەن. مېنى كەچۈرۈڭ..." تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-ئارمان، قايتىپ كېتىڭ، تەكرار قىلىپ چوقۇم بەك چارچاپ كەتتىڭىز. قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ. كېيىن كۆرۈشەيلى،-ئۇنىڭغا شۇنداق دىگىنىمچە قايرىلىپلا ماڭماقچى بولدۇم.بىراق ئۇ تېزلىك بىلەن قولۇمنىڭ بېغىشىدىن كاپپىدە تۇتتى.
-ئەخمەق قىز! نىمىشقا كۆڭلىڭىزدىكىنى دىيەلمەيسىز؟ نىمىشقا ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيسىز؟ سىزنى ياخشى كۆرىمەن زۇلئاي، سىزنى ياخشى كۆرىمەن! ئەجەبا سىز بۇنى ھېس قىلالمىدىڭىزمۇ؟ سىزمۇ شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىشقا مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ قىيناپ مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز؟ مېنى بۇلارنى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭىز؟-ئارمان سۆزلىگەنسېرى ھاياجىنىننى باسالمايۋاتاتتى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-ياق، ئارمان! خاتالاشتىڭىز...كىم دەيدۇ مېنى سىزنى ياخشى كۆرىدۇ،دەپ؟ مەن سىزنى ئاكامدەك كۆرىمەن. بۇ مۇھەببەت ئەمەس، قېرىنداشلارچە، دوستلارچە ياقتۇرۇش ،- بۇ سۆزنى قانداق دەۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن. ئەمدى ماڭا بۇنىڭدىن باشقا يول يوق ئىدى. باشقا يوللارنى ئويلاپ يىتەلىگۈدەك كاللا مەندە تېخىمۇ يوق ئىدى. ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ھېچنىمىنى ئەسلىگۈم، ئويلىغۇممۇ يوق. پەقەتلا ئۆز مۇھەببىتىمنى قۇربان قىلىش، سۆيگۈمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا يوشۇرالمىساممۇ ، نەزەربەنت قىلىۋېتىشىم كېرەكلىكىنى بىلىمەن.
-زۇلئاي، سىز مېنىڭ كېيىنلىكىمنى ئويلاپ شۇنداق دەۋاتىسىز ،شۇنداقمۇ؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-كېيىنلىك؟ ياقەي، ئۇلارنى ئويلىغۇدەك بولمىدىم. مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ كۆز ئالدىمدىكىنى ئويلاۋاتىمەن. سىزنى ئاكامدەك كۆرىدىغان تۇرسام، "مېنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن" دىگىنىڭىز قىززىق...-ئۆزۈمنى پەرۋاسىز كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيان - بۇيانغا قاراپ تۇرىۋالدىم ۋە:
-باشقا گەپ بولمىسا مەن ماڭاي، كېيىن كۆرۈشەيلى، خوش...-دېدىمدە، ئۇنىڭ خوش دىيىشىنى كۈتمەستىنلا يۈگۈرگىنىمچە كېتىپ قالدىم... زىددىيەتلىك ئوي - خىياللاردىن چارچىغان مېڭەمنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە قايتىپلا كومپىيۇتىرىمنى قوزغىتىپ ناخشا ئاڭلىماقچى بولدۇم.
ئېسىڭدىمۇ بىز تونۇشقان خەيرىلىك ئاخشام،
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ساڭا باقسام دولقۇنلايدۇ قەلبىمدە ناخشام.
......
مەن ئەڭ ئامراق مۇنۇ ناخشىمۇ باشلىنا - باشلانمايلا يۈرىكىمدىكى يارامنى قوزغاپ، مېنى تولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. "بېشىڭنى يەيدىغان ساراڭ كۆڭلۈم، كەچكەندىكىن ئەمدى ئويلىما" دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ كەتتىم. تەكرار قىلاي دەپ كىتابىمنى ئېلىپ قانچە ئوقۇساممۇ كاللامغا ھېچنىمە چۈشمىدى. بىر قانچە دوستلىرىمغا تېلىفۇن قىلىپ بىللە سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلىش تەكلىپىنى بەردىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلدى. مەنغۇ ئۇنداق بۇنداق يەرلەردە ئويناپ يۈرىدىغان قىزلاردىن ئەمەس. بىراق، شۇ كۈندىكى ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارامچىلىقتىن ئازراق بولسىمۇ نېرى بولۇش ئۈچۈن دوستلىرىم بىلەن شەھىرىمىزدىكى ئەڭ ئاۋات بىر دىسكو كۇلۇبىغا كەلدۇق. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن كۇلۇبتا ئادەم جىق ئىدى. بىز چەتتىرەك بىر جايغا كېلىپ ئولتۇرۇپ مىۋە شەربىتى بۇيرۇتتۇق. ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان قۇلاقنى يارغۇدەك ناخشا ئاۋازى قانلىرىمىزنى قىزىتقاچ ئويۇنىمىزنى باشلىۋەتتۇق. كەينى - كەينىدىن تولغىما ئۇسۇل، مىللىيچە ئۇسۇل ئويناپ ھارغاندىن كېيىن ئورنۇمغا كېلىپ مىۋە شەربىتى ئىچكەچ باشقىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئولتۇردۇم. بىر ئازدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا قىقاس - چۇقان كۆتۈرۈلۈپ، ئويناۋاتقانلار، ئولتۇرغانلار، ئۆرە تۇرغانلار سەھنە ئەتراپىغا يىغىلىشقا باشلىدى. نىمە ئىش بولدىكىن دەپ قىزلاردىن بىر نەچچىسى قاراپ باقماقچى بولدى. دەل شۇ ئەسنادا "مىنى سۆيەتتىڭ" ناملىق مۇڭ ناخشا ياڭرىدى... نىمە دىگەن تونۇش ئاۋاز بۇ ، دەپ ئويلاپ ئاستا مېڭىپ سەھنىگە چىقتىم... تونۇش ئاۋاز، كۆز ئالدىمدا تۇرغان تونۇش سىما... ئەجەبا ئۇ... ئارمان؟!... كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇ قانداقلارچە...؟ تانسا ئويناۋاتقانلارغا ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا ناخشا ئېيتىش سۇپىسىغا يېقىنلاشتىم. ئارمان باياتىن بېرى مېنىڭمۇ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى كۆرگەن بولسا كېرەك، مېنى كۆرۈپ قىلچە جىددىيلەشمەستىن ناخشىسىنى داۋام قىلدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنە ئوخشاشلا مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ماڭا نىمىلەرنىدۇر ئىلتىجا قىلىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى ئۈزمەي قارايتتى. ئۇ ناخشىسىنى تۈگىتىش بىلەنلا ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كەلدى - دە، قولۇمدىن تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. مەنمۇ ئۈن - تىنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بىز دەريا بويىنى بويلاپ گەپ - سۆز قىلىشماي ماڭدۇق.دەريادىكى جۈپ- جۈپ ئاققۇلار كىشىگە ئاجايىپ رومانتىك تۇيغۇ بېرەتتى. بىراق بىزنىڭ ئارىمىزدا قانداقتۇر رومانتىكا ئەمەس، ھەسرەتلىك ئېغىر تىنىشلا باردەك قىلاتتى. ئارمان پات - پاتلا ماڭا قاراپ قوياتتى. نىمىلەرنىدۇر دىيىشكە تەمشەلگەندەك قىلاتتىيۇ، يەنە ئالدىغا قارىۋالاتتى. بىردىنلا ئۇ قەدەملىرىنى توختاتتى ۋە ماڭا:
-زۇلئاي، سىز مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەمسىز؟- دەپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى. ئۇنىڭ ئوتلۇق قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم.
-ئارمان، مەن...- سۆزۈم ئاخىرلاشماستىلا ئۇ گېپىمنى تارتىۋالدى.
-بىلىمەن، سىز ئېتىراپ قىلمايۋاتىسىز. خۇددى ماڭا ئوخشاشلا سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟ ماڭا چىن كۆڭلىڭىزدىكى جاۋاب لازىم، زۇلئاي... ئىز تورى بەك ياخشى
-...
-بۇنداق گەپ قىلماي تۇرسىڭىز بەك بىئارام بولۇپ كېتىدىكەنمەن. تونۇشقاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە سىز ھېچقاچان بۇنچىلىك مەيۈس كۆرۈنمىگەنىدىڭىز. سىزگە زادى نىمە بولدى؟ سىزنىڭ مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشلىرىڭىز، تىكىلىپ قارىغىنىمدا كۆزلىرىڭىزنى ئەپقېچىشلىرىڭىز، چوڭقۇر ئۇھ تارتقاندىكى ئېغىر تىنىشلىرىڭىز ماڭا ھەممىنى ئاشكارىلاپ بولدى. لېكىن سىز ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالمايۋاتىسىز. مەن ھەممىنى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن زۇلئاي. ھازىر نېمىنى ئويلىغان بولسىڭىز قانداقلا دىسىڭىز مەيلى، ئېتىراپ قىلماي تۇرىۋالماڭ، بولامدۇ؟ - ئارماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چىداپ تۇرالمىدىم. كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە بەڭۋاش ياش مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئارماننىڭ مېھرىبانلىق بىلەن ياشلىرىمنى سۈرتىشى يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئېزىۋەتتى. ئىز تورى www.iz.la
-يىغلىماڭ زۇلئاي، نىمىشقا يىغلايسىز؟ كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك بىرەر گەپ قىلىپ قويدۇممۇ؟
-مەن... مەن ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. بىراق، نۇرغۇن ئىشلاردا تولىمۇ ئامالسىزمەن. دىققىتىڭىزنى بۆلمەسلىكىم، كەلگۈسىڭىزگە توسالغۇ بولماسلىقىم كېرەك،- سۆز ئارىلىقىدا ئېسەدەپ كەتتىم- بىراق ماڭا بەك تەس كەلدى ئارمان... قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. شۇڭا مەن مۇشۇنداق...
-سىزنى "ئەخمەق قىز" دىسەم ئىشەنمەيسىز، راستىنلا ئەخمەق جۇمۇ سىز. مېنىڭ تەكرارىمدىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمدىن ئەنسىرەپ مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ قىيناپ يۈرۈپسىز. مەن سىزگە ۋەدە بېرەي زۇلئاي، ھەرگىز سىز ئەنسىرىگەندەك بولمايدۇ. مەن ھازىرقىدىنمۇ ھەسسىلەپ كۈچەپ چوقۇم تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتقا ئۆتىمەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-تىببىي ئۇنىۋېرستىت؟- ئاۋازىم تىترەپ كەتتى. ياش يۇقى كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىدىم. تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ مەن بىلەن ئوخشاش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمىنا؟
-ھەئە، ھەيران قالدىڭىزغۇ؟ ئەجەبا سىزمۇ...؟
-مېنىڭمۇ شۇ تىببىي ئۇنىۋېرستىتتا ئوقۇغۇم بار...
-ئاھاي~ ياشىسۇن قىزلار شاھى سۇلتانى زۇلئاي!-ئارمان شۇنداق دەپ توۋلىغىنىچە مېنى قۇچاقلىۋالدى،- بالدۇرراق ئېيتماي سىزنى ئەنسىرىتىپ يۈرۈپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ زۇلئاي، - قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلاپ ئېيتىلغان بۇ سۆز كۆڭلۈمدىكى بارلىق غەم - ئەندىشىلىرىمنى، تېڭىرقاش - گۇمانلىرىمنى تۇماندەك ئاللىقاياقلارغىدۇر تارىتىۋەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ كەلگۈسىمىز ھەققىدە نۇرغۇن شېرىن - ئارزۇ ئارمانلارنى قىلىشتۇق. ئۆز ئىستىقبالىمىز، بەختىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ كېتىش ھەققىدە ئەھدۇ - ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق. ھاۋا سوغوق بولسىمۇ، يۈرىكىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك ھارارىتى تەپتىدە سوغوقمۇ قىلچىلىك بىلىنمىدى. بىردەمدىلا ئاسماننى گۇگۇم پەردىسى قاپلاپ، قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. بىز قايتىشقا تەمشەلگەندە ئارمان مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. يولدا كېتىۋېتىپ ئۇ نېمىنىدۇر ئېسىگە ئالغاندەك:
-بايا كۇلۇبقا نىمىگە كىرگەنىدىڭىز؟ سىز ئادەتتە ئۇنداق جايلارغا كىرمەيتتىڭىزغۇ؟
-شۇ، چۈشتە سىز بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىپ قىلغان ھېچقايسى ئىشىم كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىۋىدى، دوستلىرىمنى چاقىرىپ ئويناپ كەلسەم بىردەم بولسىمۇ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالار دەپ ئويلاپ كىرگەنىدىم. سىزچۇ؟ سىز ئۇ جايغا دائىم كىرەمسىز؟ ناخشىمۇ ئېيتىپ قويىدىكەنسىزغۇ ئۇ يەردە؟
-ھە، مەنمۇ سىز چۈشتە "خوش" دەپلا ماڭا گەپ قىلغىلى پۇرسەت بەرمەي كېتىپ قالغاندىكىن بىر نەچچە دوستلىرىمنى چاقىرىپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىپ كېلەي، دەپ بارغانىدىم. ئۇ جاينى مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئاكىسى ئاچقان. ئارام كۈنلىرى بەزىدە بالىلار بىلەن بىللە بېرىپ ئويناپ كېلىمىز. لېكىن قەتئىي ناچار ئىشلارغا ئارىلاشمايمىز. ھەرقېتىم بارساقلا ئۇلار "ناخشا ئېيتىپ بەر" دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ بىردەمدىلا ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدۇق. بىز بىر - بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. ئۆيگە قايتىپ ھوجرامغا كىرىپلا دېرىزەمدىن ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئارىسىدا ماراپ تۇرغان ئايغا قارىدىم. ھىلال ئاي ماڭا بەخت تىلەۋاتقاندەك جىلمىيىپ تۇراتتى.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقانسېرى ئارمان تەكرارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بېرىۋاتاتتى، بۇ جەرياندا قانچىلىك بېسىم ۋە جاپادىن چارچاپ كېتىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇنداق قاتتىق تەلەپ قويىشى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى... كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. كىشىنى ئىنتايىن جىددىيلىككە، ئالاقزادىلىككە سالىدىغان، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا ئۇل سالغۇچى ئۆتكەل - ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرى شۇنچىلىك ئەندىشە، بىسەرەمجانلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئاياغلاشتى. ئىمتىھان تۈگەپ، ئارزۇ تولدۇرىدىغان ئىشلارمۇ بىر قۇر تاماملانغاندىن كېيىنلا ئارمان بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ ماڭا ئەمدى پۈتۈن ئەندىشىسىنىڭ ئىمتىھان نومۇر چېكىدىلا قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بارلىق پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى تەخمىنەن ھېسابلاپ ،خېلى يۇقىرى چىقارغان بولسىمۇ يەنىلا ئەندىشىسى بېسىلمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ جىددىيلىشەتتىم... نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغان كۈنى ئۇ تېلىفۇن بېرىپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا: www.iz.la
-زۇلئاي، مەن نومۇر چېكىدىن ئاشۇرۇپتىمەن، خېلى بەكلا ئاشۇرۇپتىمەن ! ۋاھ... خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايلا قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى خاتىرجەم چاقىرىق كېلىشىنى كۈتىمەن زۇلئاي! ...-دېدى. دەرۋەقە، ئۇ ئەمدى ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى كۈتسىلا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولغان بولساممۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. ئارمان ئوقۇشقا كەتسە ، مەن...
بىر قانچە ھەپتە زارىقىپ كۈتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۇنىڭ چاقىرىق قەغىزىمۇ كەلدى. يېڭىدىن تولۇق ئۈچىنچى يىللىققا چىققانلارغا تەتىللىك تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇ چاقىرىقىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا مەن دەرستە ئىدىم. ئارماننىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋېلىپ، دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەنلا ئۇنىڭ يېنىغا چاپتىم. ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا قولىدا چوڭ ھەم قىپقىزىل كونۋېرتنى تۇتقىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
-مۇبارەك بولسۇن، قايسى كەسىپكە تاللىنىپسىز؟
-تىببىي ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ماگىستىرلىقنى قوشۇپ يەتتە يىل ئوقۇيدىغان كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىگە.
-يەتتە يىل؟ ۋاي نىمانچە ئۇزۇن؟
-ئىككى يىلنى شاڭخەيدە ئوقۇپ، ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇيدىكەنمەن.-دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن. ئۇنىڭ شاڭخەيدە ئىككى يىل ئوقۇيدىغىنىنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ روھىي ھالىتىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ:
-تۇتۇلۇپ كەتتىڭىزغۇ زۇلئاي؟تەتىلدە قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ؟ مەن ئۈچۈن خۇشال بولمامسىز؟ - دەپ ئەركىلەتكىنىچە مەڭزىمنى يىنىككىنە چىمداپ قويدى. توغرا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇم، جاپالىق ئەجرىنىڭ چىچەكلەپ مىۋە بەرگىنىدىن ئۇنىڭ شادلىقىغا جۆر بولۇشۇم كېرەكتە؟! مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. مېنىڭ تەتىللىك تەكرارىم ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاياغلاشتى. شۇنىڭدەك، ئارماننىڭ ئوقۇشقا ماڭىدىغان ۋاقتىمۇ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى... بىز بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىدىغىنىمىزغا ئاز قالغانسېرى بىللە بولغان چاغلىرىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولۇپ كەتتۇق...
ئارمان ئوقۇشقا ماڭىدىغانغا بىر نەچچە