بىرقىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن پارچە

ۋاقتى:2010-11-22 10:36مەنبە: يوللىغۇچى:پىدارە چېكىلىشى:قىتىم
   2009-يىلى3-ئاينىڭ 10-كۈنى(چارشەمبە) قانداق ئەھۋالىڭىز ئەقىللىق شاھزادە؟ھەق گەپلەردىن زىرىكىپ ياغلىما سۆزلەرگە خۇشتار بولغان،تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىگە كۆڭلى بىلەن ئەمەس كۆزى بىلەن قاراپ كىلىۋاتقان،يالغانچىلىق،ساختىپەزلىك دورىسىغا خۇما بولغان،مۇستەبىت ھۆكۈمران،ئاتللىق،ئوغۇللۇق،ئەرلىك جاسارىتى كۇچلۇك بولغان كەلگۇسىنىڭ نەمۇنىلىك ئاتىسى «م» سىزنىڭ يۇقارقى كەسىپلەر بويىنچە چىنپىيۇنلۇق نەتىجىسىگە ئىرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەپ سىزگە بۇ مۇبارەك خەتلەرنى يازماقتىمەن، سىزنى چىن كۆڭلۇمدىن تەبرىكلەيمەن!!....... ھەي!بۇگۇنكى دۇنيادا ئازاپنى كۇچكە ئايلاندۇرالىغان كىشلەر ھەقىقىي غالىپلار كىلىدىكەن.بۇگۇنكى دۇنيادا ئاياللار ئاقكۆڭۇللۇكى بىلەن تاشلىنىپ قالىدىكەن،ئەرلەرچۇ؟ ئەرلەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى دەستەك قىلىپ ئاسان ۋازكىچەلەيدىغانلىقى ئۇچۇن تاشلاپ كىتەلەيدىكەن، تۇرمۇشتىكى ئشلار ئادەم ئويلاپمۇ يىتەلمىگىدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ بارىدىكەن. مەن سىزدىن ئاغرىنغان،سىزدىن شۇنداق كۆپ ئازار يىگەن بولساممۇ لىكىن باشتىن ئاخىر كاللامدا «م»دىن ئايرىلىپ كىتىش دىگەن ئۇقۇم تىخى تولۇق شەكىللىنىپ بولالماپتىكەن.(ئىغزدىكى ئايرىلىش بىلەن كۆڭۇلدىكى ئايرىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنىدىكەن). ئاياللار ئاجىزلىقىدىن ئايرىلىمەن دەپ ئايرىلالمايدىكەن،يۇرىمەن سەن بىلەن بىر ئۆمۇر بىرگە ئۆتىمەن دەپ ئۆتەلمەيدىكەن.مەن ئويلىغان ئشىلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشۇمدا دەل ئەكسنى كۆرسەتتى،مەن سىزنى ھاياتمنىڭ قۇياشى دەپ ئويلىغان،قۇياش ئۇ سىخى نۇرىنى بارلىق كائىناتقا تەكشى چاچىدىغۇ،ئاللاھدىن قالسا قۇياش ئۇ ئەڭ ئادىل ئىدى.مەن پەقەت قۇياشنىڭ كىچىسى ئۆيگە كىرىپ كىتىپ ئۇخلاپ تاڭ سەھەردىلا يەنە سىخى نۇرىنى كائىناتقا تەكشى چاچقىنىلا كۆرۇپتىكەنمەن،لىكىن مەن قۇياشنىڭ تۇتۇلغان ھالىتىنى كۆرۇپ باقمىغان،ھەم مەن ئەزەلدىن مۇز ئوكيانغا بىرپ باقمىغان ئەمەسمۇ،مەن ئىلگىركى كۇنلەردە سىز يىنىمدا بار يىغلىغان بولساممۇ يەنىلا ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىس قىلىتىم،تۇرمۇشتا بەك بىسىم ھىس قىلمايتىم،يەنىلا سىزگە يۆلىنىپ تۇرىتىم،يەنىلا قەلبىم سىز ئارقىلىقلا ئۇسسۇزلۇققا قاناتتى. بولدىلا ئەمدى بۇگۇنگە كەلگەندە ئارقىدا قالغان سايىگە قاراپ پىچىرلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجتى يوق.كىيىنكى كۇنلەرنى ئويلاپ تىخىمۇ ئۇمۇدسىزلەنمەسلىكى كىرەك،ئۇنداق ئادەمنىڭ بۇگۇنىدىن ئىغىز ئچىش مۇمكىن ئەمەس،بۇ ئۆتكەن كۇنلەرگە قاراپ دەپ قالدىم بۇ دۇنيادا ئادەم ياش تۆكۇپ ئاھ-پاھ دەپ ئۆزىنى ئۇرۇپ زارلىنىدىغان دۇنيا ئەمەسكەن، ئىزىپ-تىزىپ بىرسىنى ياخشى كۆرىدىغان دۇنيامۇ ئەمەسكەن،دۇشمىنىڭىز كىلپ مۇشلىسا تىنىڭىز ئاغرىيدىكەن،لىكىن سۆيگۇنىڭىز كىلىپ مۇشلىسا دىلىڭىز جاراھەتلىنىدىكەن،بۇ دۇنيادا ئادەم «نىمىشقا?» دىگەن سۇئالنى يانچۇقىدىن چۇشۇرمەي ئىلىپ يۇرسە بولغىدەك. سىز ئەسلى مەندىن بۇرۇنلا ئىختىيارلىقنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى چۇشۇنۇپ يىتىپتىكەنسىزدە،نىمىشقا بۇنچە ئۇزاق ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلاپ كەلدىڭىز؟بۇرۇنلا يۇركىڭىز تارتقان تەرەپكە قاراپ ماڭغان بولسىڭىز مەنمۇ ئازراق ئازاپلانغان بولاتتىم؟ 3-ئاينىڭ 7-كۇنى دىگەن سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راس كۆڭلىڭىزدىكى سۆزلەرمۇ؟ ئويلاپ باقتىڭىزما؟مەن بۇ قىز ئۇچۇن نىمشلارنى قىلىپ كەتتىم؟ مىنىڭ بۇ قىزدىن كۇتكەنلىرىم مۇۋاپىقمۇ؟ بۇ قىز ئۆزى يالغۇز ئاشۇنچىۋالا ئىشلارنى كۆتۇرۇپ كەلدى،يەنە ئۇنىڭغا ئارتىۋەرسەم بىسىمى ئارتىپ كىتەمدۇ يوق,دەپ ئويلاپ باقتىڭىزما؟ مەن ھۆكۇمران،باشلامچى تۇرۇپ ئۆزەم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرتىئەتلەرنى مەن ئاۋال باشلامچى بولاپ ئادا قىلمىسام،كەينىمدىكى ماڭا ئەگەشكۇچىلەر ماڭا قانداق پوزىسىيەدە بولار دىگەنلەرنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ ھىلىمۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت خوجايىن بىلەن ئىشلەمچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بولاپ قالماپتىكەن،بەخىتكە يارشا مەن سىزنىڭ بىر مەزگىللىك بولسىمۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بولاپ قاپتىكەنمەن، ھىلىمۇ تىنىم بولسىمۇ سىزنىڭ ياخشى كۆرشىڭىزگە بىر مەزگىل بولسمۇ ئىرىشپتۇ،بولمىسا ئاللابۇرۇن سىز غەرىپكە مەن شەرىققە قاراپ مىڭىپ بىرىمىز يالغانچىلىق خالتىمىزنى،يەنە بىرىمىز بولسا ئاقكۆڭۇللۇكتىن ئىبارەت نازۇك كىتابلارنى يۇدۇپ شۇ بۇرۇنقى ھالىتىمىز بويىنچە كىتىۋەرگەن بولىتۇق.بوپتۇ بۇنىڭ پايدىسى ماڭا كۆپ بولدى. 1.مەن ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىنكى يوللىرىمدا مۇھەببەت دىگەن كىتاب ئۇچراپ قالسا تىمىسىنى ئوقۇپ قويىمەن خالاس.ھەرگىزمۇ مەرمۇنىغا چۆكمەيمەن. 2.مەن ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىنكى يولىمدا بىرسى ئالدىمغا كىلىپ دۇنيادا بىر يۇزى بار نەرسە بار دىسە،مەن كىلىپ نىمە دەيمەن بىلەمسز؟ مەن كىلىپ «قاراپ باقە كەينىڭگە ۋاقتى كەلگەندە سەنمۇ قوڭۇڭنى ئىلىپ ئەكىلىپ يۇزۇڭگە چاپلىساڭ سەندىمۇ ئىككى يۇز بار بولىدۇ» دەيمەن،مەن راس سۆزنى قىلسام 3-ئاينىڭ 7-كۇنى مەن ئىشك ئالدىغا كىلىپ ئۆزۇممۇ سەزمىگەن ھالدا پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ قالدىم.ھىلىمۇ شۇكرى ئاللاغا،ئەتىسى مەن ئۆلۇپ قالار مەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. مىڭ شۇكىرى پەقەت شۇ ئىچىمدىكى ئوتلارنىڭ ھەممىسى بىر كىچە-كۇندۇز سىرتىغا تىپىپ تىنىمدىكى كىسەللەر بىلەن تەڭ چىقىپ كەتتى. لىكىن يەنە ئىز قىلىپ قالىدىكەن،قىلىپ قالغىنى كۆيۇك داغلىرى،سىزنىڭ ئاشۇ كۇنى قىلغان قىلىقلىرىڭىز،دىگەن سۆزلىرىڭىز،مۇشۇ دەقىقىدە قىلغان ئاشۇ«پەرزەنت دىگەن ئاتا چىھرىگە قاراپ چوڭ بولىدۇ،مەن باللىرىمغا ئۇلگە بولىشىم،ئائىلەم ئۇچۇن نەمۇنىلىك ئەر بولشۇم كىرەك؟»ھەي تۆۋە،مەن سىزنى مەجبۇرلىدىمما،مەن بىلەن يۇرگەن چاغلاردا قەدىر-قىممىتىڭىز تۆۋەنلەپ كەتتىما؟ ئەينى ۋاقىتتا ئويلاشمىغانما؟ ئۇنداق نەمۇنىلىك ئەر دىگەن نام پەقەت بىزنىڭ ئاتلىرىمىزدىلا قالغان،ئۇ نام پەقەت ئاشۇ ئائىلە ئۇچۇن بىر ئۆمۇر بەللىرى مۇكچىيىپ،چىرايلىرى كۆيۇپ قورۇلۇپ كەتكەن،بىر ئۆمۇر ئائىلە شادلىقىنى بىز پەرزەنتلەرگە ئاتا قىلىپ كەلگەن مىھنەتكەش دادلىرىمىزغىلا خاس. توغرا سىز نەمۇنىلىك ئەر بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز،ئارزۇغا لايىق ئىرادە قىلىڭ،ئىرادىگە ئەمەل قىلىپ ھەركەت قىلىڭ. بۇ گەپلىرىڭىزدىن مەن سىزنى يولدىن چىقرىپتىمەن،مەن سىزنى ئازدۇرۇپتىمەن،مەن كەينىڭىزگە كىرىۋاپتىمەن،بۇ گەپلىرىڭىزدىن سىز ئەزەلدىن مىنى يات ئادەم ھىساپلاپ كەپسىز،مەن سىزنىڭ ھىچ نەرسىڭىز ئەمەسكەنمەن.توغرا! ھەقىقەت كۆزدىن،ساختىلىق سۆزدىن چىقار دەپ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئىشارەت بىلەن،سۇكۇت بىلەن،مۇھەببەتلىك قاراش بىلەن،ئىپادىلەنگەن،«سىز مىنىڭ ھاياتىم،سىز مىنىڭ بارلىقىم،سىز منىڭ دۇنيالىقتىكى ئەڭ يىقىن ئادىمىم،سىز مىنىڭ ئىرىم»دىگەن سۆزلەر ھەقىقەت. ئىغىزدىن شىرىن-شىكەر ھەسەللەرگە بۇلاپ ئەكەلگەن،«سەن مىنىڭ خوتۇنۇم،سەن مىنىڭ بىر قىسىمىم»دىگەن سۆزلەر ساختا بولۇپ چىقتى. مىنىڭ كۆڭۇل لۇغىتىمدىن مۇھەببەت دىگەن سۆزنىڭ دائىرسىنى ئاختۇرسا،ھەربىر ئىغىز سۆزىنىڭ بىشىغا سىزنىڭ ئىسمىڭىز ھەرىپى قوشۇلغان بولىدۇ.بۇ كۇنگە كەلگۇچە مەن «دىدار قىنىش»دىگەن سۆزنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم،مەن پەقەت «سىغىنىش،كۇتۇش،يەنە كۇتۇش،يەنە سىغىنىش،يەنە سىغىنىش،يەنە سىغىنىش ……..»دىگەن سۆزلەرنى ئەڭ ئەڭ ئەڭ كۆپ ئۇچراتتىم.ئەتىراپىمدا يەنە مۇھەببەت ئىزدىگۇچىنىڭ ھىجرانغا،سۆيگۇگە بىرىلگەنلەرنىڭ تىراگىدىيەگە،ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ چىن مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۇ «كىشلەر مەڭگۇگە ئىرىشەلمەيدىغان چۇشتىكى مۇھەببەت»دىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.ئويلاپ باقسام يەنە دىسەم گەپ ئۇزرايدىكەن دىمەي دىسەم ئىچىمگە پاتمىدى،مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي ھازىر ئويلاپ يىتەلمىسىڭىز،ھامان بىر كۇنى ئويلاپ چۇشۇنۇپ قالىسز،شۇ چاغدىلا ئاندىن ئىچىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى،كۆزدىن ياش قانداق تۆكۇلدىغانلىقىنى،باشقىلارنى ئالدىسا زۇۋاننىڭ قانداق تۇتىدىغانلىقنى ھىس قىلىسز! مەن پەقەت ئىچىمگە پىتىپ قايناپ چىققان دەتلىرىمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۇنلا بۇ خەتنى سىزگە يازدىم.يەنە ئاللاقانداق باشقىچە نەزەردە چۇشۇنۇپ قالماڭ.مەن ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرەتتىم،مۇشۇ ياخشى كۆرۇش تۇپەيلى مەن كۆپ قىتىم،ئۆزەمنىڭ قەدىر-قىمىتىمنى يوقاتتىم،ئۆزەمنى پەسلەشتۇردۇم،سىزمۇ مىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىمدىن كۆپ پايدىلنىپ كەتتىڭز.ئادەم ئويلاپ باقسا بولىدۇ،مەن ياشىدىم،مۇشۇ ياشقا كىردىم،مەيلى مەن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقرالىدىم ۋە ياكى چىقرالمىدىم.مەن زادى ۋىژدانىمغا خىلاپ ئىشلارنى قىلدىممۇ يوق،باشقىلار مىنىڭ ئەخلاقىمغا قانچە نۇمۇر بىرەر،مىنىڭ ۋىژدانىم شۇنچىلىكما؟مەن باشقىلارغا قىلسام،باشقىلارنى ئالدىسام،مىنىڭمۇ بىر كۇنلەردە باشقىلار ئالدىماسما؟ مەن سىزگە ئىيتىپ قوياي سىزنى پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئىسسق-سوغۇقلارغا بەرداشلىق بىرىپ باشتىن ئاخىرى تەۋرەنمەي ياخشى كۆرۇپ كەلگەن بىر قىز،يەنە ئۇ بارىلىق نەپرەتلىرىنىمۇ سىزگە ياغدۇرالايدۇ ۋە سىزدىن ئاستا-ئاستا يىرگىنىدۇ،ئادەم قەلبىدىكى مۇھەببەت قاتمۇ-قات قارشىلققا،بىسىمغا ئۇچراۋەرسە،ئۇنىڭ بىسىمى ئىشىپ ئاخىردا ئۇنىڭ مۇھەببەت دىگەن ماھىيتى ئاستا-ئاستا قاتىقلىشىپ،تاشقا ئايلىنىدۇ. كەچۇرۇڭ ئۆزەممۇ بىلمىگەن ھالدا جىق سۆزلەپ ساپتىمەن،بىلىمەن سىز دىگەن كۆپ ئىشلارنى بىلىسىز،كۆپ ئىشلار بىشىڭىزدىن ئۆتۇپ ئۇرۇك ھالىتىڭىزدىن ئۆتۇپ پىشىپ گۇلە بولۇپ كەتكەن ئادەم سىز،شۇڭا سىز مۇھەببەتنى مەسئۇلىيەت دەپ قارايسىز، ھەۋەس بىلەن مۇھەببەتنى بىردەپ قارايسىز،شۇڭا بىر نەرسىدىن ئاسانلا ۋازكىچەلەيسىز.سىزگە دەپ يۇرشىمنىڭ ھاجىتى يوقتى،بەلكىم بۇ سۆزلىرىم سىزگە ئىشەكنىڭ قۇلقىغا كىلىپ گىتتار چالغانچىلىق ئاڭلانماسلىقى مۇمكىن،ئەمما مەن ئۆزەمنىڭ باشقىلار تەرپىدىن قارا سانىلىپ قالماسلىقىم ئۇچۇنلا بۇ خەتنى سىزگە يازدىم،سىز ھەقىقەتەن ئادەمنى كۆزگە ئىلمىدىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ زەھەرلىك نەشتەرلىرىڭىزنى قاراپ تۇرۇپ يۇركۇمگە سانجىلىپ،كۆزلىرىمدىن قان ئاققۇزدىڭىز ئادەم دىگەن قان بىلەن گۆشتىن پۇتۇلگەن نەرسە،ئاللا قانداقتۇر بىتۇندىن قاتۇرۇپ قويۇلغان سىزنىڭ ئۆلچىمىڭزدىكى قونچاق ئەمەس. سىزگە ئىيتىپ قوياي مەن سىزنى تونىمايمەن،سىزمۇ ھەم مىنى تونمايسىزشۇڭ بۇندىن كىيىن سىز ماڭا مۇناسىۋەتلىك مىنىڭ يىقىنلىرىمنى ئاللاقانداقتۇر تۇكى يوق قۇرۇق بانە سەۋەبلەر بىلەن ئىزلەپ يەنە مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى پاراكەندە قىلىپ يۇرمەڭ.مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يىقىلدىم، سىزنى دەپ قان ياش تۆكتۈم ،سىز بەرگەن قاناتنى يەنە ئۆزىڭىز ئىلىپ تاشلىدىڭىز.ئاللاھ خالىسا مەنمۇ چوقۇم سىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئورنۇمدىن تۇرىمەن.ھىچ بولمىغاندا ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن بولسىمۇ تولۇق پايدىلىنىپ ئۆزەمنىڭ قەدىر-قىمىتىمنى، غورۇرىمنى،قىزلىق ھۆرمىتىمنى،ئىپپىتىمنى ئەمدى ئىككىجى قىتىم سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سۇندۇرمايمەن،قەدىر-قىمىتىمنى ئۆزۇم كۆتۇرىمەن.باشقىلار پۇلدىن،ئەتراپىدىكى پەرۋانە بولۇپ يۇرگەن قىزلىرىغا قاراپ مەيدىسگە ئۇرۇپ پەخىرلىنىپ يۇرسە،مەن ئادەمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە بولغان ئەخلاق،غۇرۇر مۇشۇ ئىككى نەرسەم ئارقىلىق بىشىمنى كۆتۇرۇپ يۇرىمەن،ئەينى چاغدا بىر20 ياشلىق ساددا قىزنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاپ يۇرشىگە،ئاللاھنىڭ ئالدىدا يۇزىمىز يورۇق بولسۇن دەپ ئىرادە قىلىشقا دەۋەت قىلىشقا تۇگۇل، قاراڭغۇ ئۆڭكۇرگە سۆرەپ ئەكىرىپ كىتۋەرگەن ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىش دەل بۇگۇنكى ھەقىقەتلەر خالاس. ئاللاھقا ئامانەت!مەن يەنىلا ئاللاھتىن سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن!
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(20)
90.9%
ئالقىشلايمەن
(2)
9.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە

    ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى بىر چەمبەرگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇنىڭ مەركەزدىن قېچىش دەرىجىسى مەڭگۈ نۆل. ساڭا بولغان سېغىنىشىم بولسا دەۋرىي سانغا ئوخشايدۇ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدۇ. نۆل ۋېكتورنىڭ يۆنىلىشى چەكسىز كۆپ بولالىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنلىقى پ...

  • ئۆتەڭ دۇنيادا

    سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھمۇ ؟ سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھ بولسا مەن بۇ ھاياتتمىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنى ۋە ئەڭ ئەخمەق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلمەن ... سەن بىلەن ۋىسالىمغا يىتىش بۇ ئۆتەڭدۇنيادىكىئەڭ چوڭ ئارۇزۇلىرىمنىڭ بىرسى....... ساڭا بولغان پاك مۇھەبتىنم بۇ ئۆتەڭ...

  • خىلۋھ ت سۆيگۈ (ئىمكان)

    خىلۋەت سۆيگۈ مەن يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چاغدا ئارزۇيۇمدىكىدەك كومپىيوتېر تور خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشتىم، بىكار چاغلىرىمدا تور ئارىلاپ تۇراتتىم، بىر كۈنى بىر مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەسەرگە قىززىقىپ قالدىم، بۇ قىزىقىشنىڭ ئاخىرىدا مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغى...

  • مـــەۋھــۇم سۈكــــۈت

    داستىخان راستلاپ سۈكۈتتىن چىللىغان نامەرد ئۆزۈڭ، يوق ئىكەن بۇغداي نېنىڭمۇ ،يوقمىدى بۇغداي سۆزۈڭ؟ كۆزلەرىڭگە تەلمۈرۈپ ئاۋارە بولدى دېققىتىم ، نەئۈچۈن مۈشكۈل مۇئەمما ياغدۇرار بىرجۈپ كۆزۈڭ؟ كەپتىمەن ھۆسنۈڭدىكى مەۋھۈم سۈكۈتكە ئۈلگۈرۈپ ، ھېچقاچان مۇنداق پەرىشا...

  • ئازاپلىق سويگۈ

    1...

  • تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،

    تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم ئۈنسىز ياش تۈكۈپ. كۈرۈشۈشنى ئىستەپ سەن بىلەن، قاچانغىچە ياشايمەن كۈتۈپ. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم سەندىن ساداسىز. كەلگەن ئىدۇق شۇنچە يىراقتىن، بۇپ قالمايلى ئەمدى ۋاپاسىز. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،...

  • سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ(ئابىدە)

    ئۆخشار ئىدىم قاينام بۇلاققا، ئۆخشاپ قالدىم ئوكيان دىڭىزغا، شۇنداق تىنىچ ياشىدىم نىمىشقا؟ سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ. يۇلتۇزلا گەر تۇرسىمۇ ماراپ، ئۆتەر كۇنۇم ئايغىلا قاراپ. بۇ ھالىم ساڭا قالارمۇ ياراپ. يۇرىكىم بۇچۇق، دەرتلىرىڭ تالاپ. ئۇيىلىمەن تىكىلىپ قا...

  • ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش

    ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش...

  • قىزنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل

    مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز تەتىلدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەنۇبتا بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن پۇلدار مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشلەر ئىكەن. قىز ئۇ يەرگە بېرىپ شۇنچىلىك خۇشال - خۇرام ۋە بەختىيار ئو...

  • ئۇنتۇش

    ئۇنتۇش سۆيۈشنىڭ ئاخىرقى مەھشەر كۈنىدەك، ئېڭرايدۇ ئاچلىقتىن نېمجان بۇلاقلار. قىز-يىگىت چاڭ سالماس ئەمدى بۇ يەردە، يوقالدى باغلاردىن يېشىل ياپراقلار. بۇ كىچە بۇ ئالەم شۇنچىلىك سوغۇق، تەنھالىق ھاياتنى قاناتتى يەنە. ئەتىرگۈل رەڭگىدىن سۇسلاشتى بۇ دەم، خوش!دېدۇ...