1-مۇھەببەت:تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئاجىزلىق قىلىدىغان ھىسىسياتتۇر! ئىز تورى www.iz.la
ئۇنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
ئەگەر تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۇچۇن مۇھەببەتلەشسىڭىز،ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى قىزىقىش!
قارشى تەرەپكە ئىچ ئاغرىتىپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس دوستلۇق!(مۇھەببەت بىچارىلەرگە بېرىلىدىغان سەدىقە ئەمەس)
قارشى تەرەپنىڭ ھۆسنى-جامالىغا مەپتۇن بولۇپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى شەخسىي غەرەزلىك قىزىقىش!
قارشى تەرەپ مىنىڭ شەرتلىرىمگە ئۇيغۇن كىلىدىكەن دەپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى مۇھەببەت شەرتىنى ھازىرلاش! ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
باشقىلارنىڭ مۇھەببەت سۆزلىرىنى ھاياجان بىلەن ئېيتىلغان شىرىن تەرىپلەشلىرىنى ئاڭلاپ،يىتىمسىرىغان قەلبىڭىزگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس ،ئۆزىڭىزنى ئالداپ،بەرگەن ئېھتىياجىڭىزنىڭ تەسەللىسى!
قارشى تەرەپكە ماس كەلمەيمەن دەپ،ئايرىلىش تەلىپى قويغىنىڭىزدا،(ئايرىلغىڭىز ئەسلى بولمىسا)،قارشى تەرەپ تەلىپىڭىزنى رەت قىلىپ بۇ مۇھەببەتنى قوغداپ قېلېشنى،قويغان شەرتىڭىزنىڭ ئايرىلىشقا سەۋەپ بۇلالمايدىغىنى ئېيتىسا،بۇ مۇھەببەتتىن بىر ئۆمۈر ئۆكۇنمىسىڭىز،چاچلىرىڭىزغا ئاق كىرگەندىمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ،بار مېھرىڭىز بىلەن كۇلەلىسىڭىز،ھىچقانداق پۇشايمىنىڭىز بولمىسا،ئۇنىڭ ھەر بىر تەبەسسۇمى يۈرىكىڭىزنى جىغىلدىتالىسا،قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە بولغان مەسئۇلىيىتىڭىز مۇھەببىتىڭىزدىنمۇ كۈچلۇك بولسا،مانا بۇ ھەقىقى مۇھەببەت!
2- دۇنيادا سىز ئۈچۈن مىننەتسىز تەر،ياش،زۆرۈر بولسا قانمۇ تۆكەلەيدىغان بىر خىل مۇھەببەت بار.بۇ بولسىمۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى!
3-پۈتۈن دۇنيادىكىلەر سىزدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ،ئىشەنچىسىنى يوقاتقاندا،سىزگە ئىزچىل ئىشىنىپ قوللايدىغان مۇھەببەت، ئۇ قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتى!
4-سىز ئۇچۇن قانچىلىك ئەجىر قىلسىمۇ ئۆز ئەجرىنى يىتەرلىك بولمىدى دەپ قارايدىغان،سىزنى مىننەتسىز پۇتۇن دۇنيادىن خەۋەردار قىلىشنى ئويلايدىغان.مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىز قاتتىق خورسىنىپ،ئوزىنى ئەيىپلەيدىغان،مۇۋەپپىقىيىتىڭىزدىن ئالەمچە ئىپتىخارغا چۇمۇلىدىغان،قانات-قۇيرىقىڭىز يىتىلگەندە سىزنى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان،ئەمما سىز ئۇنتۇلمايدىغان مۇھەببەت:ئۇستاز،ئۇقۇتقۇچى،مۇھەببىتىدۇر!
5-خوشال بولغان،ئازاپ چەككەن،چاغلىرىڭىزدا دەرھال ئىسىڭىزگە كىلىدىغان،يىغلىسىڭىز تەڭ يىغلاپ،كۈ لسىڭىز تەڭ كۇلىدىغان،شەرەپ-مەرتىۋىگە ئېرىشكەندە پىنھاندا تۇرۇپ شاتلىنىدىغان،ئېغىر كۇنلەردەبولسا سىزنىڭ يېنىڭىزدىن كەتمەيدىغان،ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تەرىپلىگەن بىلەن،كەمچىلىكىڭىزنىمۇ تەكىتلەيدىغان مۇھەببەت:ئۇ دوستلۇق مۇھەببىتى! ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
خاتىمە:دۇنيادا باشقىلارنى ئۆزىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان مۇھەببەت يوق!چۇنكى ئۆزىنى ياخشى كۆرمىگەنلەردە باشقىلارنى ياخشى كۆرگۇدەك ئىمكان يوق!قىز-يىگىتلەرمۇ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى،قارشى تەرەپسىز شاتلىنالمايدىغانلىقىنى،قارشى تەرەپسىز كۇنلىرىنىڭ مەنىسىز،تەمسىز بۇلىدىغىنى ئۇچۇن قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرىدۇ،سۆيىدۇ!مانا بۇمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلىكتۇر!
دوستلۇق توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
كىشلىك تۇرمۇش ،دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ،بىز ھەر خىل دوستلارغا ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا ماھىر ،سەگەك بولمىساق دوستسىز قالىمىز،دوستسىز تۇرمۇشنىڭ قانداقمۇ لەززىتى بولسۇن؟؟خوشال بولسىڭىز تەڭ كۈلگىدەك،خاپا بولسىڭىز كۆڭلىڭىزنى ئاچقۇدەك،ئازاپ چېكىپ ياش تۆكسىڭىز ،تەڭ كۆز يېشى قىلغۇدەك ھەقىقى دوستلارنى كۆپلەپ تېپىڭ!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كېڭىيىدۇ دەپتىكەن كونىلار.دوستىڭىزنىڭ كۆپ ياكى ئاز بۇلۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق.توۋەندىكىدەك قىلىپ بېقىڭ چۇقۇم ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.1. دوستىڭىزغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىڭ ، ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى كۆڭۇل قويۇپ تىڭشاڭ،گېپىنى ئورۇنسىز بۆلۈۋەتمەڭ.
2. ئۇ ئازاپلىنىپ دەرت تۆكۈۋاتقاندا تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان (خوشاللىق) لىرىڭىزنى سۆزلەپ كەتمەڭ.
3. دوستىڭىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك ۋەز- نەسىھەتلىرىڭىزنى تەكرارلاۋەرمەڭ.
4. دوستىڭىزنىڭ سىزگە مەنسۇپ مەخپىيەتلىكرىنى باشقىلارغا ھەرگىز دىمەڭ. www.iz.la
5. ئالدىڭىزدىكى دوستىڭىزغا يەنە بىر دوستىڭىزنى ئارتۇق ماختاۋەرمەڭ،چۈنكى ھەرقانداق دوستىڭىز سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىگىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرسۇن.
6. دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپتىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۈزمەي بۇ ئازارلىشىشتىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى قارشى تەرەپكە قىيالمايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ چىگىشنى يېشىپ دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە تىرىشىڭ، كېيىن ئۇلار سىزنىڭ يالغان سۆزلىگىنىڭىزنى بىلگەن تەغدىردىمۇ سىزدىن ئاغرىنماي ئەكسىچە سۆيۈنىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
7. دوستلىرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى (سىز ئۆچ بولسىڭىزمۇ) ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
8. خاتىرە كۈنلىرىنى ئېسىڭزدە چىڭ ساقلاپ ، ئاددى بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
9. دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ.
10. ئەگەر نىمە دىيىشىڭىزنى بىلەلمىگەن ۋاقىتتا سۈكۇتتە جىم تۇرۋېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر. خىجىلچىلىق ۋە جىددىيچىلىك ئادەمنى خاتا گەپ قىلدۇرىدۇ.ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر دوستىڭىزدىن خاتالىق كۆرۈنۈپ كۆڭلىڭىز رەنجىسە دەرھاللا يۈزىگە سالماي ئىككىلەڭلارغا ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ،ھەرگىز باشقا دوستلارغا(دەرت) تۆكۈپ يۈرمەڭ .
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ كۆز قاراش،ئۆزۇمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ