- بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).
 -  بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
 - قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
 - قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
 - دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
 - چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
 - بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
 - خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن 
 - ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
 - چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
 - ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
 - ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
 - موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
 - ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
 - ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
 - تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى 
 - باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
 - كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
 - ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
 - ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.
 - ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
 - باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
 - دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
 - دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
 - پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
 - كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن. www.iz.la 
 - ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
 - ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
 - پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
 - بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
 - يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.
 - سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
 - زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى. 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 - ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
 - بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
 - بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
 - ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
 - پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
 - گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
 - كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
 - مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 
 - پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
 - بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
 - پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
 - پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
 - ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
 - ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
 - خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
 - ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
 - توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە. 
www.iz.la
 - نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .
 - قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.
 - تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
 - ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
 - كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
 - ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
 - بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
 - ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 - بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
 - تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
 - ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
 - دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .
 - تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .
 - ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .
 - بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .
 - ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن 
 - تاما – تاما كۆل تۇلار .
 - پۇل – پىششىق تاماق .
 - تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
 - تامغىلىق مال يۇقالماس .
 - ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .
 - تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .
 - ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .
 - ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
 - ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق . 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 - ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
 - ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
 - ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
 - تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .
 - ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .
 - ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .
 - تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .
 - كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس . www.iz.la
 - تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
 - بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
 - تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
 - تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
 - سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .
 - گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .
 - باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .
 - ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 - تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
 - تەن ساقلىق – تەڭدىشى يوق بايلىق .
 - مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
 - تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .
 - قورققان مۇش تەڭلەر .
 - كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .
 - تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .
 - غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق. www.iz.la 
 - چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
 - قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
 - تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
 - توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
 - ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
 - توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
 - پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
 - ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا. 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 - قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
 - توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
 - ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
 - ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
 - تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.
 - توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.
 - بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تومۇماس.
 - ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور 
 - سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.
 - تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.
 - ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.
 - يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.
 - تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.
 - كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
 - كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
 - گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.
 - تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى. 
www.iz.la
 - گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.
 - ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
 - تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.
 - سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.
 - تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
 - چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.
 - تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.
 - توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس. www.iz.la
 - سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
 - چالا توڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر.
 - خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بوياقلىقى يامان.
 - جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
 - ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ،ھايۋان تۇياقتىن.
 - تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.
 - يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.
 - تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.
 - قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا. www.iz.la 
 - ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.
 - تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.
 - تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
 - مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.
 - تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.
 - ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
 - تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
 - ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
 - دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق. 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 - بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
 - دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
 - ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
 - ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
 - قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
 - بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.
 - يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
 - پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس. ئىز تورى www.iz.la
 - مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
 - ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
 - ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
 - ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.
 - غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.
 - مەردنى مەيداندا سىنا.
 - مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
 - كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
 - <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق 
 - مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
 - چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
 - *ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
 - يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
 - تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
 - سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
 - مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
 - ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
 - قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر. ئىز تورى www.iz.la 
 - ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.
 - ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
 - ئۇستا باردا قولۇڭنى تارىت،موللا باردا تىلىڭنى تارت.
 - قازى بىلەن قالامسەن،مۇپتى بىلەن كېتەمسەن.
 - يازدا توڭلىغان قىشتا مۇزلايدۇ.
 - مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
 - مۇساپىر بولمىغۇچە،مۇسۇلمان بولماس.
 - مۇسۇلمانچىلىق ئاستا ئاستا بۇلىدۇ.
 - مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 
 - ئاش بەرگەنگە ، مۇشىت بېرىپتۇ.
 - ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرىت ھەر مۇقامدا يورغىلار.
 - بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش دېمە.
 - مۇھەببەتنى سېتۋالغىلى بولماس.
 - ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك.
 - بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.
 - ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۆڭگۈز ئېشىپ كېتەر.
 - ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۆڭگۈزى يوق. ئىز تورى بەك ياخشى 
 - ياۋاشنىڭ مۆڭگۈزى ئىچىدە.
 - ياخشى مۈلۈك ھېكىمنىڭ، بۇزۇلغاندا ھېچكىمنىڭ.
 - چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىكى يوق.
 - مېۋىسىز دەرەخنى قاقما.
 - بىلىمسىز ئادەم- مېۋىسىز دەرەخ.
 - ئاتا كەسپى بالىغا مىراس.
 - مىھنەتتىن قاچما،مىننەتتىن قاچ.
 - ئىشلەپ يىگەن لەززەتلىك، تىلەپ يىگەن مىننەتلىك.
 - قىز بالنىڭ يىغلىغىنى- نازلىغىنى. ئىز تورى www.iz.la 
 - تاپقىنى ناماقۇللۇقتىن ئاشماپتۇ.
 - قىز چوڭ بولسا گەپ تۇلا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تۇلا.
 - ۋالاقتەگكۇر گەپ بەرمەس،سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس.
 - دوسىتقا مۇھەببەت،دۈشمەنگە نەپرەت.
 - ئاش نەرخى ئاسمان.
 - بىر ئاتا ئون بالنى بېقىپتۇ،ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماپتۇ.
 - ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.
 - نەزرى ئۈستۈن نەرخى پەس.
 - نەقتىن ھەسەل چىقتى،نېسىدىن كېسەل . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
 - يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
 - ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ.
 - ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق ،تىلنىڭ سۆڭكى.
 - نوختىلانغان ئات يېتلەككە ماڭار.
 - ئەرگە بىر نۆۋەت ،يەرگە بىر نۆۋەت.
 - ئانسى ناننى نىپىز ياقىدۇ،بالسى تويماي قوشلاپ يەيدۇ.
 - نېسى يىمەڭ گۆشنى ، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى.
 - ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نىمە قىلار. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
 - قاسساپ تۆت سەركەم بار دەپ ئۆلەر، جۇۋىدار نىمئششەك كىم دەپ ئۆلەر.
 - يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم.
 - غالجىر خۇدانى بىلمەس، ئىت ھارامنى.
 - يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن.
 - قارىغۇ ھاسسىنى بىر قېتىم يۇقىتار.
 - ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
 - ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەپتۇ.
 - قاراڭغۇ دەپ ھاڭۋاقما، يورۇقلىقنى ئىزلەپ تاپ. copyright by www.iz.la 
 - بار بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن.
 - دۈشمىنىڭگە ھال ئېيىتما، كۈلگىسى كېلىدۇ، دوستۇڭدىن سىر ئايىما،بىلگۈسى كېلىدۇ.
 - ھالىڭغا بېقىپ ھال تارىت ،خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارىت.
 - ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام،كۈچى ھالال.
 - تەر – قىلغان -ئەتكەننى ھالاللايدۇ.
 - جاپاچەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق.
 - بورىچى ھالۋىچى بولسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ.
 - ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە،ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ. 
ئىز تورى بەك ياخشى
 - ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما،ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
 - كىشىدىن ھايا كەتسەئورنىغا بالا كېلەر.
 - ھايا يوق يەردە ئىمان يوق.
 - ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا.
 - ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن،جايلايدۇ ھەرباب بىلەن.
 - ھەركىم باتۇرغا باتۇر.
 - بولسا ھەرنىمە ئوخشايدۇ.
 - قورقۇنچاق ھەسەتخور بۇلار،نامەرد قەسەمخۇر بۇلار.
 - تىلى ھەسەل،دىلى زەھەر. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز! 
 - داۋاسىز دەرد بولماس،ھەسرەتسىز قېرى.
 - مەن بارالماي ھەلەك،ئۇ بارمايمەن دەپ ھەلەك.
 - يەر ھەيدىسەك كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمسەڭ يۈز ھەيدە.
 - ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.
 - يولۋاسقا يۇلۇقما،يۇلۇقساڭمۇ ھولۇقما.
 - ھورۇن ئېشەك يۈكنى ئېغىر كۆتۈرەر.
 - سەھەردە ھۇۋلىغان ئىتتىن قورق.
 - بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت دوسىت بار يەردە.
 - كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا. ئىز تورى www.iz.la 
 - ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
 - ھۈنرى بار قول ئۆلمەس.
 - گۆھەرلىك بۇلۇشتىن،ھۈنەرلىك بۇلۇش ئارتۇق.
 - كۆپنى بىمىگەن ئازنى ھېچ بىلمەس.
 - ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا ھۇيىت-ھۇيىت.
 - كاۋا ھېچقاچان قوغۇن بۇلالماس.
 - يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەس.
 - ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن 
 - پۇل تاپقۇچە ھېساب تاپ.
 - ياندا ھېسىپ بولسا يېگىلى ياراپتۇ.
 - گەپ قىلسا ۋالاقتەگكۇر دەيدۇ،گەپ قىلمىسا مۆرىمەس دەيدۇ.
 - نېسى ئېلىشتا ھاي-ھاي، پۇل بېرىشتە ۋاي-ۋاي.
 - ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن.
 - ھۆسنىخاننىڭ ئون كۆڭلىكى بار، بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق.
 - بۈدۈنەمنىڭ ماكانى يوق،نەگە بارسا ۋىتۋالاق.
 - قوغۇنغا ئوغرى كەلسە، يا پىششىقنى قويماس،يا خەمكىنى قويماس. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 
 - ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقلى كۆيۈپتۇ.
 - ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي،يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ.
 - يات يۇرىتتا تورغاي سايرىماس.
 - قىزىمنىڭ ئۆزلۈكى بار ،كۈيئوغلۇمنىڭ ياتلىقى بار.
 - ئالدىرغاننىڭ ئېشىكى يېتۋاپتۇ.
 - ياتار قۇرساق كېتەر قۇرساق.
 - رەھىمىسى يوق ئادەمدىن، رەھىمىسى بار ئىت ياخشى.
 - ياشلىقىڭدىن ياخشى بول.
 - ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن،يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق 
 - يامان كۈنلەر ياخشى بۇلۇر، يامان ئادەم ياخشى بولماس.
 - ياخشىلىق يېنىپ تۇرغان چىراغ.
 - يامىننى ئېيىتماي ياخشىلىق يوق.
 - ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا.
 - يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار يوق.
 - يار ئوتىنىڭ يارسى يوق، ياردىن باشقا دورىسى يوق.
 - بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللا كۇدىن يار كەتتى.
 - يامان كالا ياردا مۇزلاپتۇ. ئىز تورى بەك ياخشى 
 - جاھاندا بار بولساڭ يار بول.
 - ئۆلمەسنى خۇدا ياراتماس.
 - يارتىش خۇدادىن – يارلىش ئۆزۈڭدىن.
 - مەن پۇتۇمنى ياراتمايمەن، پۇتۇم مېنى ياراتمايدۇ.
 - ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس،يارىغىم يالغانچى.
 - ئىككى يارتا-بىر پۈتۈن.
 - ياماق ياماپ،يارماق تاپ.
 - بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار،بىلىمسىز نادان قىممىتى يوق يارماق.
 - ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى! 
 - ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار.
 - ئېشىنى يەپ بېشىنى يېرىپتۇ.
 - ئۆستەڭ يارشىقى تال،قىزنىڭ يارشىقى خال.
 - خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ.
 - ئېشى يارىسا قاچىغا قارىما، قىزى يارىسا،ئانسىغا قارىما.
 - كېپىنەك پەرۋانە بولماس، ياسانچۇق مەردانە بولماس.
 - ياساش قىيىن بۇزۇش ئاسان.
 - ياش ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز! 
 - ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
 - ئادەمنى ئۈمىد ياشتىدۇ،غەم قاقشىتىدۇ.
 - ياشلىقىڭدا ئىشلە، قېرىغاندا چىشلە.
 - كۆپ ياشىغان نىمە بىلەر، كۆپ كۆرگەن شۇ بىلەر.
 - ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس.
 - ياغسىز تائام ئېغىزغا تېتىمايدۇ.
 - قولۇڭ ياغلانسا دوستۇڭغا سۇۋا.
 - ياغ ئالسىمۇ ياغلىق قاپاق، ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاق.
 - يامغۇر ياغدى-ياغ ياغدى، قار ياغدى نان ياغدى. 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 - پوقاققا ياقا ياراشماس.
 - ئاتسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.
 - ئىت ئېتەكتىن ئالار خوتۇن ياقىدىن.
 - مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن.
 - ئەلگە ياققان خار بولماس.
 - بەرگەن ئالغانغا يېقىپتۇ، بەرمىگەن دەريادا ئېقىپتۇ.
 - قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭلۈمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس.
 - كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق،كېچىسى گەپ قىلساڭ قولاقنى قولاققا ياق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 - ناننى تونۇرغا ياق،ئاتنى ئوقۇردا باق.
 - تام ياقلىساڭ تام باسار.
 - قازانغا يۇلۇقساڭ قارسى يۇقار،يامانغا يۇلۇقساڭ يالىسى.
 - يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تىجمەل تاياق بىلەن ماڭىدۇ.
 - ئون خۇجايىندىن بىر يالاقچى يامان.
 - ياڭ ئاياغ سۇدىن قورىقماس.
 - يالغانچى يالجىماس،ئوغرى بېيىماس.
 - ئالدىرغان قىز ئەردە يالجىماپتۇ.
 - يالجىمىساڭ يەر يۆتكە. 
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
 - كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ ، قۇلاق ئاڭلىغان يالغان.
 - يالغان راسىت بولماس،راسىت يالغان بولماس.
 - يالغانچىنىڭ راسىت سۆزىمۇ يالغان.
 - يالغۇز خىش تام بولماس.
 - يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ، يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ.
 - يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس.
 - يالغۇزلۇقتا يەر ياخشى.
 - ياغ يەپ يالىڭاچ يات.
 - ھەممە كىشى ئانىدىن يالىڭاچ توغۇلغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
 - كاللىلار سۇ ئىچسە،موزايلار مۇز يالايدۇ.
 - قېتتىق ئىچكەن قۇتۇلدى،تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى.
 - بېخىل سىقىمىنىڭ ئىچنى ئايايدۇ، تېشىنى يالايدۇ.
 - تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا،ئىچىڭ كۆيسى مۇز .
 - ئاغزىمدىن چىقتى ،ساقلىمغا ياماشتى.
 - ياخشى سۆزگە قۇلاق سال،يامان سۆزگە ياماق سال.
 - يامان ياماندىن قورقار،كەتمەن ساماندىن.
 - بارچە ياخشى ،مەن يامان،بارچە بۇغداي مەن سامان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
 - ئۆزۈم تاپقان بالاغا ،نەگە باراي دەۋاغا.
 - يۈز دوسىتتىن بىر دۈشمەن يامان.
 - ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىشىنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا يامانلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر.
 - پەشنى كېسىپ،يەڭنى ياماپتۇ.
 - نامراتنىڭ نېنى يانچۇقدا.
 - ئۇغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
 - ياخشىغا يانداش،ياماندىن قاچ.
 - ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس.
 - ئەتتىگەنكى مۇشىتتىن يانما. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 
 - بىر ياماندىن قورق،بىر ياۋاشتىن قورق.
 - مېھمان قويدىن ياۋاش.
 - يىتىمنىڭ ئاتسى يەتتە.
 - يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
 - كۆپ بولسا كېتەر،ئاز بولسا يېتەر.
 - ئەزمە ئويلانغۇچە،تەۋەككۇلچى مەقسىتگە يېتىپتۇ.
 - يەر كىشىنى يەيدۇ،كىشى يەرنى يەيدۇ.
 - ئەرنىڭ ئېرى بار، يەرنىڭ يېرى بار.
 - كۈندۈزى مەندەك ئەر يوق، كېچسى ياتىدىغان يەر يوق. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 
 - ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
 - يەرسىز ئىدىم،يەرلەندىم،توقماق ئىدىم،پەملەندىم.
 - يەكچەشمىنىڭ يۇرتىغا بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسۋال.
 - ئېرى يەكلىگەننى ئېلى يەكلەر.
 - مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
 - يولنى يۈرگەن يېڭىدۇ.
 - چېچەكلەرنىڭ ئېتى يامان،قىزىلنىڭ يىلى يامان.
 - ياخشى بىلەن دوسىت بولساڭ ،ئېچىلار چېچەكلىرىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 
 - يامان بىلەن دوسىت بولساڭ،يېرىلار يۈرەكلىرىڭ.
 - ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىما،سۈزىگە قارا.
 - ئاينىڭ يۈزدىمۇ داغ بار.
 - يۈزۈم قېلىن، كۆڭلۈم نازۇك.
 - ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا،ئاياغ يۈگۈرىكى ئاشقا.
 - يېپىشقان خوتۇندىن قاچ،قاچقان خوتۇننى قوغلا.
 - ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما.
 - كەتمىننى مەن چاپسام،يېتىپ يەيدۇ خان غۇجام.
 - يىتىم بۇلۇڭدا،تېرىق تۇلۇمدا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 - ئورۇقلۇققا كالا ئۆلمەس،يېتىملىككە بالا ئۆلمەس.
 - خەت-يېرىم دىدار.
 - ئات ئورۇق بولسىمۇ يېغىر بولمىسۇن،گۆش سۆڭەك بولسىمۇ بېغىر بولمىسۇن.
 - جەينەك يېقىن بولسىمۇ چىشلىگلە بولماس.
 - ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن ئال،خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
 - ئەللىك يىلدا ئەل يېڭلىنار،يۈز يىلدا قازان.
 - يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس،كىيمى يوقنىڭ قوپقۇسى كەلمەس.
 - توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يىگەنمۇ ئوغرى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 
 - توڭگۇز تېرىسى سېسىقلغدىن ئاش يېمەس، ئادەم تېرىسى ئۇلۇغلىغىدىن ئاش يىمەس.
 - يەرنىڭ يېمى ئوغۇت،ئانىنىڭ غېمى تۇغۇت.
 - قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ،كىشىنى گەپ بىلەن.
 - يورغا مىنگەن يولدىشدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن ئايرىلار.
 - ئۆچەر چىراغنىڭ يورۇقى يوق.
 - ئىشلىگەننىڭ يۈزى يۇرۇق،ئىشلىمگەننىڭ يۈزى چورۇق.
 - باش كىچىك تۇماق يوغان، بەل كىچىك،غىلاپ يوغان. ئىز تورى www.iz.la
 - ئۇمۇ يوق،بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق.
 - كىيىك ئوقسىزغا يۇلۇقار،بالا يوقسۇزغا.
 - يوقسۇللۇق مەردنىڭ قولىنى باغلايدۇ.
 - ئۆي تۇتمىغاننى ئۆيۈڭگە يۇلاتما.
 - يولدىن چىقما،خاندىن قورىقما.
 - يوغاننى يۇنۇپ يە،كىچىكنى شىلىپ يە.
 - تىلنى چىشلىۋالغان چىشنى يۇلۇۋەتمەس.
 - سۇ يەتتە يۇملىسا ھالال.
 - يېتىمنىڭ كۈنى قانچىدۇر،چىۋىنگە مۇنارنى يۈلەتكىنچىدۇر. ئىز تورى www.iz.la
 - قوشنا بولساڭ يۆلەك بول،بولمىسا بۆلەك بول.
 - يولۋاسنىڭ ئارقىسدىن يۈرسەڭ يۈر،خوتۇننىڭ ئارقىسدىن يۈرمە.
 - مېھماننى ئۆيگە چىللاپ،ئۆزى يۈرەر ئەر سوراپ. 
 



