ئىزا تارتىش گۈزەل پەزىلەتتۇر. ئەخلاق جەھەتتىن خىجىل بولۇپ، ئىزا تارتىشنىڭ ئۆزى ھېچ بولمىغاندا ئالدامچىلىققا، ساختىپەزلىككە، ھارامزادىلىككە، ياغلىمىلققا، مۇغەمبەرلىككە، خوشامەتچىلىككە قارىغاندا تەرغىپ قىلىشقا قالتىس ئەرزىيدۇ. ھەتتا شۇنداق دىيىش مۇمكىنكى، ئىزا تارتىش ئىنسانلارنىڭ مەدەنىي يۈكسىلىشنىڭ ئالامىتىدۇر، ئىنسانلارنىڭ جاھالەتتىن تەرەقىياتقا قاراپ داۋاملىق ئالغا بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلەش ئېڭى بارغانسېرى ئۆسۈپ كېتىۋاتقان بىر ھالەتتە غۇنچىدەك ئېچىلغان بىر گۈلدۇر. چۈنكى ئادەمزاتتىن باشقا ھەر قانداق ھايۋانات ئىزا تارتىشنى بىلمەيدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
شان-شەرەپ ياكى ئىزا-ئەلەمنى، ھالال-ھارامنى، شەرمى-ھايانى بىلىش قەدىمدىن تارتىپ ئادەملەرنىڭ ئىنسانلىق قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ئەڭ قىممەتلىك خىسلەتلەرنىڭ بىرى. قەدىمكىلەر: ئادەم بالىسى ئار-نومۇسنى بىلمىسە، يىلتىزسىز كۆتەككە ئوخشاپ قالىدۇ دەپتىكەن. يەنە: ئىنساپسىز ئادەمنىڭ ئالىمەن دەپ قول ئۇزاتمايدىغان يېرى يوق، نومۇسسىز ئادەمنىڭ قىلمايدىغان ئەسكىلىكى يوق دىگەن سۆزمۇ بار. ئىز تورى www.iz.la
ئەزىزلەر تاشلاپ بەرگەن ناننى يىمەيدۇ، مەردانلار ئوغۇرلاپ كەلگەن سۇنى ئىچمەيدۇ. ئۇنىڭغا دەرمانى يەتمەيدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى خالىمايدۇ، ئۇنى يىيىشتىن، ئىچىشتىن نومۇس قىلىدۇ. ئار نومۇسنى بىلمەيدىغان ئادەمنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئىنسان بالىسى توغۇلغاندىن كېيىن ئەمدىلا ئەقىل كىرىشكە باشلىغان چاغدا، ئانىسى ئۇنىڭغا ئار-نومۇسنى بىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئادەم چوڭ بولۇپ ئاق-قارىنى ئوبدان پەرىق قىلىدىغان، شەرىم-ھايانى چۈشىنىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچىيىدىغان چاغدا ئار-نومۇسنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىشى لازىم ئىدى. لېكىن ئۇياتچان گۈل-غۇنچىلار ئۆزى كۆكلەپ تۇرغان يەر-تۇپراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئادەم بالىسىنىڭ چوڭ بولۇپ، بىشىدىن ھەر خىل ئىشلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئار-نومۇسنى بىلمەسلىك ھەممىدىن بەك ئېچىنىشلىق قۇسۇردۇر. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھار ئېلىش، ئىزا تارتىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئاق-قارىنى، ياخشى-ياماننى، گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى ئايرېۋىلىش چۈشەنچىسىنىڭ ئومۇمىي نامايەندىسىدۇر. ئىزا تارتىش ئومۇمەن شۇ ئادەمنىڭ ئېڭىدۇر.
ئەگەر ئادەم ئىزا تاتمايدىغان، نومۇسنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ قالسا باشقىلارغا زىيان يېتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ قويغاندا، يۈزى چىمىلدىمىسا، قىزارمىسا، يەنى ئىزا تارتىشنى بىلمەيدىغان بولسا، ئۇنىڭ ۋىجدانى ئۆلۈپتۇ دىيىشى مۇمكىن. جاھاندا ۋىجدانى ئۆلگەندىن يامان، ئېچىنىشلىق ئىش بولمىسا كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەر قانداق ئادەمدە ئار ئالىدىغان، نومۇس قىلىدىغان ئەھۋال قانچىكى كۆپ بولسا، ئۇ ئادەم شۇنچە كۆپ ھۆرمەتلىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەخلاق تىزنىگى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چىڭ، تېخىمۇ قاتتىق تارتىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىمىزدە ئار-نومۇس، شەرمى-ھايا كۆپىرەك بولسا، جاھان تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، مۇلايىم، شاد-خورام ۋە يوپيورۇق بولغان بولاتتى.