بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1. ھەي پەرزەنتىم ، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىڭنى چىن دىلىڭدىن تونىغىن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2. سەن ئەگەر بىرسىگە نەسىھەت قىلساڭ، ئاۋۋال ئۇنۇڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل .
3. سۆزنى ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل
4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل .
5. ھەممىنىڭ ھەققى – ھوقۇقىنى چۈشەنگىن .
6. سىرىڭنى مەخپى تۇت .
7. دوستۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا .
8. دوستۇڭنى پايدا مەنپەئەت ئالدىدا سىنا .
9. رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول .
10. دانا ۋە زېرەك ئادەملەرنى تاللاپ دوست تۇت .
11. ياخشى ئىشقا ھۇجۇدۇڭنى بېغىشلا .
12. زەئىپەڭگە قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە .
13. سەمىمى ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەش .
14. سۆزنى دەلىل ئىسپات بىلەن سۆزلە .
15. ياشلىقىڭنى غەنىمەت بىل .
16. ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل .
17. دوس – بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىز بىل .
18. دوس ۋە دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت .
19. ئاتا – ئاناڭنى غەنىمەت بىل .
20. ئۇستازىڭنى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل .
21. خىراجەتنى كىرىمىڭگە قاراپ قىل .
22. ھەر قانداق ئىشتا خالىس يول تۇت .
23. ئالى جاناپلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل .
24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل .
25. بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ، كۆز ۋە تىلىڭغا ئىھتىيات قىل .
26. كىيىمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت .
27. جامائەت بىلەن ھەمدەرد بول .
28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم – ئەدەپ ئۈگەت .
29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت .
30. ئاياغ كىيمىڭنى كىيىشنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كىي سېلىشنى سول پۇتتىن باشلا .
31. بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل .
32. كېچىسى گەپ قىلساڭ ئاستا، مۇلايىم سۆزلە ، كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە .
33. ئاز يىيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل .
34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە .
35. ئاۋۋال ئويلاپ ، چارە – تەدبىر تېپىپ ئىش قىل .
36. ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما .
37. خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما . ئىز تورى www.iz.la
38. ياخشىلىقنى باشقىلاردىن تەمە قىلما .
39. پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە .
40. ھەر قانداق ئىشقا بىپەرۋالىق قىلما .
41قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھېساپلىما .
42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما .
43. ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاقچاق قىلما .
44. ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنى سوزما .
45. ئاممىغا ( بولۇپمۇ ئاددى كىشىلەرگە ) يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش .
46. ھاجەتمەن كىشىنى نا ئۈممۈت قايتۇرما .
47ئۆتۈپ كەتكەن جېدەل ( كۆڭۈلسىز ئىشلار ) نى ئەسلىمە .
48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارلاشتۇرىۋالما .
49. قانچىلىك بايلىقىڭ بارلىقىنى دوس – دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە . ئىز تورى www.iz.la
50. قېرىنداش (تۇققان) نى قېرىنداشتىن ئايرىما .
51. ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما .
52. پەقەت ماڭىلا بولسۇن ) دېگەن خىيالنى قىلما .
53.كۆپچىلىك ماڭغان بولسا سەنمۇ شۇلارغا ئەگەش .
54. بارماقلىرىڭنى ئىغىز – بۇرنۇڭغا تەككۈزمە .
55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كولىما .
56. خەپرۈك ۋە پوتلاڭنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىقارما .
57.ئەىسنىەڭ قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ .
58. باشقىلارغا قاراپ كېرىلمە .
59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما .
60.جىددىي سۆزنى چاقچاققا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىمە .
61. بىرىنى بىرىنىڭ ئالدىدا خىجالەت قىلما .
62 قاش – كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ چېقىمچىلىق قىلما .
63. ئېتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما .
64. باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان .
65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن دوسلىرىڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما .
66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك ياسىما .
67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىۋەرمە .
68. تىلىڭنى ئايا .
69. سۆزلەۋېتىپ قولۇڭنى شىلتمە .
70. ھەممە ئادەمنى چوڭ – كىچىك دېمەي ئوخشاش بىلىپ ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتما .
71. ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن ھەم سۆھبەتداش بولما .
72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ ئەسلىمە ، ئۇنۇڭ پايدىسى يوق .
73. ئىلاج بار بىرى بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئاداۋەت ساقلىما .
74. باشقىلارنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما .
75. ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە .
77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما .
78. مال دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىيناپ يۈرمە .
79. كىمكى ئۆزىنى تونىمىسا، سەن ئۇنى تونۇ ،
80. ئاچچىقىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل .
81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنىڭنى ئېرتما .
82. كۇن قىزىل بولغىچە ئۇخلىما .
83. كىشىلەر ئالدىدا يالغۇز بىر نەرسە يىمە .
84. چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ماڭما .
85. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارلىشىۋالما .
86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما .
87. كوچىدا ئوڭ – سولغا ئەلەڭلەپ قاراۋەرمەي ، يەرگە ئۇددۇل قاراپ يۈر .
88. ئىلاج قىلىپ ياۋداق ئۇلاغقا مىنىپ ماڭما . www.iz.la
89. مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھرىڭنى چاچما .
90. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما .
91.دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە .
92. مەھەلىدىكى بىكارچى ۋە بەڭۋاشلار بىلەن بىرگە ئولتۇرما .
93. پايدا – زىيان قوغلىشىپ ئابرۇيىڭنى تۆمە .
94. مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما .
95. ئادەملەرنىڭ ساڭا خوشامەت قىلىشىدىن قاچ .
96. جېدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر .
97. پىچاقسىز ، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە .
98. ئۆزۈڭنى خار قىلماسلىققا تىرىش .
99. ئۆزۈڭنى كەمتەر ھەم تۆۋەن تۇت .
100. گۈناھدىن قورقۇش ، خەلىققە ئىنساپ قىلىش ، ئۇلۇغلارغا خىزمەت ، كىچىكلەرگە شەپقەت ، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت ، دوس ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش ، دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ، جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمىشىتىش ، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا ، بىرەرسىنىڭ مال – دۇنيارىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە . ئىز تورى بەك ياخشى
بىرسى لوقمان ھەكىمدىن <<: قانداق ئادەم بارغان يېرىدە باشقىلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ ؟>> دەپ سوراپتۇ.
لوقمان ھەكىم :<< ئەدەپ – ئەخلاقلىق كىشى >> دەپتۇ.