*ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ،تەن بىلەن روھنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ ئاجرالماس ئىككى تەرىپى بۇلۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا تۇردى.
*ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قىلغان ئىسلاھاتىنى مەدىنىيەت دەيمىز.
* ئاچچىقلىنىش بىر ئادەمنى ياكى بىر خىل مۇھىتنى تىزگىنگە ئېلىشنىڭ ۋاستىلىرىدىن بىرى.
*خەققە ئارلاشمايدىغان ،ئارلىشىشتىن قورقىدىغان ئادەم ئۆيدە قالدۇرۇلسا ياكى يېقىن بىرگە قارىتىپ قۇيۇلسا ،ئۇنىڭدىكى بىسەرەمجانلىق سېزىمى دەرھال يوقايدۇ.
*قۇرقىنچاقنىڭ يۈرىكى بەربىر تۇخۇنىڭكىگە ئوخشاش .
*ئادەمنىڭ ھەر بىر ئىش - ھەرىكىتى ھامىنى ھاياتقا يۈكلەنگەن مەنا ئالقىنىدا بۇلىدۇ.
*ئەزايۋى ئەيىبى بار ئادەملەر تېنىدە ئەيىبى يوقلارغا قارغاندا تېخىمۇ نەتىجىلىك كىلىدۇ.
*ناۋادا بىر بالا پۈتۈن ئىس يادى بىلەن ئۆز قىيىنچىلقىغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تېنىنىڭ سىرتىدا چۇقۇم ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈزىگە تاشلاندۇرۋاتقان بىر نىشان بار.
*تەقى تۇرۇقتىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەقىيات ،روھنىڭ تەسىرگە ئۇچىراپلا قالماي ،يەنە روھتىكى كەملىك ۋە خاتالقنى بېشارەت قىلىدۇ.
* ئاچچىقلانغان ،جىددىلەشكەن ياكى غەمگە چۆككەن چاغلاردا تەنگە زۇۋان كېلىدۇ.