يۈزسىزلىك باي بۇلۇشنىڭ شەرتلىرىدىندۇر.بۇ يۈزسىزلىك ئۈز خۇجايىنلىرىغا قانچىلىغان مال_مۈلۈك پول تېپىپ بىرىپ ئارزۇلىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇلۇپلانغان ئىشىكلەرنى ئاچىدۇ ۋە ئەڭ ئىسىل مىۋىلەرگە قۇل ئۇزارتقۇزۇدۇ، ئۇنۇڭغا ئەڭ چىرايلق ئىبارىلەر بىلەن گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئالىدىدىمۇ ھاياسىزلىق بىلەن ئېغىز ئېچىش جۈرىتىنى بىرىدۇ.
لىكىن يۈزىدە ھايا بۇلغان كىشى تىلىدىكى نۇمۇس تۈگىنىنى ئېلىۋېتەلمەي ھالىنىمۇ ئۇقتۇرالماي ھەمشە بىچارە ھالدا گاڭگىراپ يۈرىدۇ جاھاندارچىلىق ۋە تاپاۋەت يۇللىرىنى ياخشى بىلمىگەنلىكىدىن غەم غۇسسە پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ باشقىلار دۇنياغا نىممەتلەرگە چككۈپ كەيىپ ساپا سۈرۈۋاتقاندا بۇ بىچارە يۇقسۇللۇق ئىچىدە كۈيۈپ پىشىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
بىراق ئالەمدە نە ئۇنداق تاپاۋەت ۋە تىجارەت نە ئۇنداق ئەسەبىيلىك ۋە ھاياسىزلىق بۇلسۇن ...؟ ھايا ھەققىدە قەسەم قىلىمەنكى ، يۈزسىزلىك بىلەن ئىرىشكەن تاپاۋەتنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يۇق. پىشانەڭنىڭ تەرلىشى كىبىر ۋە مەغۇرۇر لىقىتىن چىرايلىق. سىنىڭ بىر يۇتۇم سۇغا ئىگە بۇلماي تۇرۇپمۇ ئىپپەت_ نۇمۇسىڭنى ساقلىشىڭ ، دەريالارغا ئىگە بۇلۇپ تۇرۇقلۇق، يۈزۈڭدە بىر تامچە سۇ كۈرۈنمەسلىكىدىن ياخشىراق.
زامان ئۈزگەرسىمۇ ھەق يۇلدىن ئايرىلما.. ئىز تورى بەك ياخشى