ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى> بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ۋاقتى:2010-09-30 13:50مەنبە: يوللىغۇچى:يانبۇلاق چېكىلىشى:قىتىم
   ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى> بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟
مەن تور ئارلاپ بىر قىسىم تورداشلارنىڭ <ئۇيغۇر قىزلىرى>نىڭ شەرمىي-ھايانى ئۇنتۇپ كيىنىشتە غەلىتە،سورۇنلاردا ئىچىپ، چىكىپ قىلىۋاتقان ئەخلاقسىزلىقى،سورۇنلارنى <رەڭلىكلەشتۇرۇۋاتقانلىقى>،قىزلىرىمىزنىڭ ئەتىراپىمدا ئادەم بارمۇ-يوقمۇ دىمەي ،يىگىتلەر بىلەن قىلىشىۋاتقان چاقچاقلىرى،<خىرىدار> ئىزلەپ يۇرگەن ،يولدىن چىققان بىر قىسىم قىز-چوكانلارنىڭ يىركىنىشلىك قىلىقلىرى، ئاياللىرىمىزنىڭ تۇگۇمەس چايلىرى...... ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنى كۇرۇپ ئويلۇنۇپ قالدىم. توغرا يۇقارقى ئەھۋاللار جەمىيىتىمىزدە مەۋجۇت. بىر مەزگىل ھەممىمىزنىڭ بېشى قېيىپ چەتنىڭ <مەدىنىيەت قاينىمى>غا كىرىپ قىلىپ، بۇنداق بولارنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۇرمىدۇق.بىز مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆرگىنىمىزدە بۇ نىمە ئۇچۇن دەپ ئۆزىمىزگە سۇئال قويۇپ باققاندۇقمۇ؟،بىز ئەرلەر ھەممىمىز ئانمىز، ئايالىمىز ۋە قىزلىرىمىز بىلەن بىللە ياشايمىز.بىز بىر غورۇرلۇق ئەر بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئايالىمىزنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغان ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى قانچىلىك بېرەلىگەندۇق؟، قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىشىگە، يۇرۇش-تۇرۇشىغا قانچىلىك كۆڭۇل بولەلىگەندۇق؟،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپە-ئادىتى،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەخلاق –پەزىلىتى...قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا قانچىلىك تەلىم بېرەلىگەندۇق؟، ئۇلگە بولالىغاندۇق؟،بىر قىسىملىرىمىز ئاياللىرىمىزنى، قىزلىرىمىزنى زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ چىڭ تۇتتۇق دەپ ئۇلار ئادەتتە بەھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك نورمال ھادىسىلەردىن چەكلىدۇق.بىر قىسىملىرىمىز پوقنى ئىككى قىلالماي ئايالىمىز تىپىپ ئەكەلگەننى <نەدىن ئەكەلدىڭ، نىمە ئىش قىلىپ تاپتىڭ> دىمىگەچكە ئايالىمىز خالىغىننى قىلىدىغان زۇۋاندار بولۇپ،ئۆزىمىز ئايالىمىزنىڭ ئالدىدا <سايىماخۇن>بولدۇق.شۇنىڭ بىلەن ئايالىمىز ئۆزى خالىغان يەردە يۇرىدىغان ، بىز ئۆيدە بالا بېقىپ ئولتۇرۇدىغان ، بىرسىمىز ھاراقكەش، بىرىمىز قىمارۋاز يەنە بىرىمىز زەھەرلىك چىكملىككە خۇمار بولۇپ خوتۇنلىرىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدىغان دەرىجىگە چۇشۇپ قالدۇق.شۇڭا خوتۇنلىرىمىز تالادىن" نىجاتلىق " ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى.بەزىلىرىمىز ۋىژدانمىزدىن قايناپ خەققە ئوخشاش تۇرمۇشىمىزنى ياخشلاشقا تېرىشماي لاي غەزەل بولۇپ يۇردۇق، ئەمما خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ چىرايلىق يۇرگىسى،كىيگىسى بار.ئەشۇنداق ئائىلىدىكى كۆپ ساندىكى ئاياللىرىمىز تۇرمۇش يۇكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ ئائىلىسىنى، باللىرىنى بېقىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىر قىسىملىرى "تۇگىمەس بانكا" ئىزلەپ،تېنىنى سىتىپ بەدەل تۆلەش يولىغا ماڭدى.بەزىلىرىمىز قىزلىرىمىزنى ئەتىۋالاپ دىگىنىنى قىلىپ بىرىپ،يامان ئۇگۇتۇپ،ئۇلار<ئون بەش سانتا يوپكا > كىيىپ يوتىلىرىنى ئىچىپ يۇرسىمۇ، ئۇپا-ئەڭلىكنى تۇگمەنچىدەك بولۇشىغا سۇركەپ ،چاڭچىلىچىلاردەك قاش-كۆزنى گىرىم بىلەن بوياپ ئەتىدىن-كەچكىچە تالادىن كىرمىسىمۇ < مەدەنىيەت تەرەققى قىلىپ كەتتى، خەقنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق يۇرىدىكەنغۇ> دەپ ساقىلىمىزغا تۇكۇرۇپ يۇردۇق.بەزىلىرىمىز نومۇس قىلماي، قانۇندىن،ئەلنىڭ قاغىشىدىن قورقماي ئەشۇ<ئۇيغۇر قىزلىرىنى>ئالداپ ئاپىرىپ باشقىلارنىڭ قوچىقىغا تاشلاپ بەردۇق،ۋىژدانىمىز ئازاپلىنىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى يەنە شۇ بىر قىسىم ئەر"سولامچىلار" ئازغىنە پۇلنى دەپ ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى، ئىپپىتى ،خارلىنىش، ئازاپلىنىش بەدىلىگە كەلگەن پۇل بىلەن ئەشۇ ئىپلاس "خوجايىنلار "نىڭ ھەميىنىنى تولدادۇق.يەنە بەزىلىرىمىز تېخى سورۇن تۇزسەك ئەشۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى> بىلەن سورۇننى رەڭلىمىسەك  ،گىلىمىزدىن ھاراق ۋە نىمەتلەر ئۆتمەس بولدۇق.ھەتتا ئادىمىيلىكتىن چىقىپ نارسىدىلەرگە چېقلىپ ھايۋانىي نەپسىمىزنى قاندۇرۇپ ،ئىپپىتىنى بۇزۇپ يولدىن چىقاردۇق،تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ بىر ئوبدان، قەدىناس ئاياللىرىمىزدىن چاندۇق، باللىرىمىزنى يىتىم قىلىپ ،ئەشۇ پاك، دىيانەتلىك ئاياللىرىمىزنى ئامالسىزيامان يولغا كىرىشكە مەجبۇرلىدۇق. بىر قىسىملىرىمىز بولسا قىزلىرىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتماي دىگىنىنى قىلىپ بېرىپ <ھۇنەر ئۇگىنىدۇ،پۇل تاپىدۇ> دەپ جەميەتكە چىقىرۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يامان ئۇگۇنۇپ، بەدخەجلىككە ئادەتلىنىپ قىلىپ <پۇل تاپىدىغان> بوپ كەتتى . قىزنىڭ كەيگەن مۇدا كىيىملىرى ،تاقىغان زىبۇ-زىننەتلىرى نەدىن كېلىۋاتقاندۇ دەپ قىلچىمۇ ئەندىشە قىلمايدىغان،قىزى تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن چىقىپ كېتىپ ئەتىسى ساماندەك سارغىيىپ كەلسىمۇ سۇرۇشتە قىلماستىن ، كۆتۇرۇپ كەلگەن سورۇندىن ئاشقان پاسكىنا"نىمەتلەرنى" مەززە قىلىپ يىيىشىنىلا بىلىدىغان ئاتىلار ئەشۇ قىزىمىزنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ بەزىلىرىمىز قىزلىرمىزنى <پۇلى بار>دەپ قىزىمىزياخشى كۇرمەيدىغان، ياكى ئۆزىدىن چوڭ <بەگزادە><باي> لارغا تاڭدۇق،ئۇلار نەچىچە كۇن بولماي <چىقىشالماي>ئۆيى بۇزۇلۇپ ھىلىقى < ئەتىۋاخانىش> قىزىمىزنى تۇل قىلدۇق.بەزىلىرىمىز قىزلىرىمىزئۇزى ياخشى كۆرگەن يىگىتلەر بىلەن مىڭ تەستە توي قىلسا يىگىتنى گاداي كۆرۇپ مەجبۇرى ئاجىراشتۇرۇۋالدۇق.نەتىجىدە بىر ياكى ئىككى بالا بىلەن قىزىمىز تۇل قالدى.بەزىلىرىمىز زەھەرلىك چىكىملىكنى چىكىپ ، خوتۇنىمىز ،ئائىلىمىز بىلەن كارىمىز بولمىغاچقا خوتۇنىمىز نىڭ ئامالسىز ئاجىرشىپ كېتىشكە سەۋەپچى بولدۇق.ياكى توغۇرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماي ھۆكۇمەت چەكلىگەن، خەلق نەپرەتلىنىدىغان زەھەر سېتىش، جىنايەت ئۆتكۇزۇش ئارقىلىق تۇرمىگە كىرىش،جىنىمىزدىن ئايرىلىش تۇپەيلىدىن ئايالىمىزنى تۇل ،باللىرىمىزنى يېتىم قىلدۇق.سۆلىتىنى ئات تارتالمايدىغان، ئاغىزىدا شەھەر سالىدىغان،ئۆزىگە قارىماي ۋىژدان، نومۇس توغۇرسىدا جار سالىدىغان ئەشۇنداق"ئەرلەر "خوتۇن-قىزلىرىمىزنى تۆتتال پۇلغا ئىپپەت-نۇمۇسىنى ساتىدىغان قىلىۋەتتۇق ياكى شۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇر قىلدۇق.........يۇقارقى قىسمەتلەرگە دۇچكەلگەن ئەشۇ قىز-ئاياللىرىمىز( بۇنداقلارناھايتى ئاز بىر قىسم قىز-ئاياللار )يامان يولغا كىرىپ <ئۇيغۇر قىزلىرى>نىڭ نامىغا داغ چۇشۇردى. ئەمدى سىز ئىيتىڭا ئۇلارنىڭ ئەشۇنداق ھاياسىز، ئەخلاقسىز،بولۇپ كىتىشىگە كىم ئەيىپلىككەن؟كم سەۋەپچىكەن؟، سىزۋەمەن! بىز ئەرلەر! .ئاساسلىق مەسئولىيەت بىز ئۆزىمىزدە!.دىمەكچىمەنكى ئەرلەر ئىچىدىكى يۇقارقىدەك بىر قىسىم ئەرلەر قىز-ئاياللىرىمىزنى ئۆزىمىز بۇزدۇق. ئەلۋەتتە پەن-تېخنكا تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە مەيلى ئەرلەر، مەيلى ئاياللار بولسۇن چەتنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىدۇق،ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ مەلۇم تەسىرى بار. ئەرلىرىمىزمۇ مەدىنىيەتلىشىپ "كۇنلەمچى" قالپىقىنى "چۆرۇپ تاشلاپ"،ئەرلىك غورورىمىزنى يوقاتتۇق. ھۆكۇمەت ئىشىكنى ئېچىۋەتتى دەپ ئىشكتىن كىرگەن بىزنىڭ ئەخلاق، ئۆرپى ئادەت،ئەنئەنىمىزگە قىلچىمۇ ماس كەلمەيدىغان ئاتالمىش چەتنىڭ<مەدىنىيىتى>نى قارغۇلارچە قوبۇل قىلدۇق ھەتتا ئاشۇرىۋەتتۇق.قانۇنغا خىلاپ ھالدا خوتۇن ئۇستىگە خوتۇن ئىلىپ ياكى "ئاشنا"تۇتۇپ نارسىدە باللىرىمىزنى كوچىغا تاشلاپ قويدۇق.پەقەت بىر قىسىم ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرى غەرىپنىڭ مەدىنىيىتى، جىنىسى ئەرلكىنلىكىنى قارغۇلارچە "قوبول" قىلىپ،ھاياسىز، ئىتىقاتسىز يولغا كىرىپ مىللىتىمىزنىڭ ئوبىرازىنى خۇنۇكلەشتۇردى.بىز ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەزەلدىن مۇنداق "تۇكۋاش"،"لامزەللە" ئەمەس بەلكى جەسۇر،دىيانەتلىك،ۋىژدانلىق،شەرمىي-ھايالىق ئىدۇق،ئەمدىچۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىدەك ئاياللار بىلەن تېنىمىزنى، روھىمىزنى بولغاپ،كەچۇرگۇسىز گۇناھقا پېتىپ تۇرۇپ تۆۋە قىلماي يەنە ئەشۇ ئىپلاس تىنىمىز بىلەن مەسچىتلەرنى بۇلغاپ،خۇدادىن ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت تىلەپ،ئەتىسلا" پەيزى سۇرۇپ" ياكى كۆزىمىزنى يۇمۇپ يۇرۇۋاتىمىز......سۇنىڭ بېشى لاي  بولۇپ ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ھە دىسە <ئۇيغۇر قىزلىرى> ئۇنداق بولۇپ كەتتى، مۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ قاخشاپ ئولتادۇق. پۇتۇن ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئوبىرازىغا داغ كەلتۇرۇپ ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى>غا لەنەت ئوقۇماي  ھەممە قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلىپ ، ئانداق بولدى، مۇنداق بوپ كەتتى دەپ ۋايسىاۋەمەي،ئەشۇ ئۆزىمىز يولدىن چىقارغان ۋەقارغۇلارچە <مەدىنىلىشىپ> كېتىپ بارغان پەقەت بىر قىسىم <ئۇيغۇر قىزى>نىڭ توغۇرا يولىنى تېپىشىغا بىرلىكتە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، قولىمىزدىن قانچىلىك كەلسە ئەمىلى ئىش قىلايلى.ئۇلار پەقەت ناھايتى ئاز بىر قىسمىلا خالاس.چۇنكى ئۇلارمۇ بىز ئەرلەر ئىچىدىكى زوراۋان،ئاڭسىز،نۇمۇسسىز،ۋىژدانسىزۋە<سايىماخۇن> لارنىڭ دەستىدىن شۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى.بىز ئۇلارغا كۇيۇنۇپ، مىھىر ئاتا قىلىپ،ياردەم قىلىپ،يىتىم باللىرىنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسەتسەك ئۇلارمۇ بۇ يولدىن قايتىدۇ. پۇشايمان قىلىدۇ.ئۆزىنى تونۇپ يېتىدۇ.ئىناق جەميىتىمىزدە ھەممىمىزنىڭ بىر قان قېرىنداش،بىر ئائىلە ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىدۇ.بىزگەخورلۇق ھىس قىلدۇرۋاتقان ،نەپرەتلىنىۋاتقان <ئۇيغۇر قىزلىرى> مۇ تەدىرىجى ئازىيىدۇ، شۇڭا بىز ئەرلەر ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپىتىمىز، ئەرلىك غورۇرىمىز بىلەن،ئەر دىگەن نامىمىزغا لايىق ئىش قىلساق ئۇلارغا ھەقىقى كۆيۇنسەك ئاياللىرىمىز-قىزلىرىمىز مۇ شەرمى-ھايادىن چەتنىمەيدۇ ۋە تەربىيىلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نۇرغۇن ئاتىلار ۋە ئانىلار ئۆز قىزلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە، ئەخلاقىغا ئىزچىل كۆڭۇل بۆلۇپ ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، جەميەتكەياراملىق ئادملەردىن قىلىپ چىقىشقا يۇرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتىدۇ.
ھەممىمىز بىلىمىز ئەشۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى> ئىچىدىن نۇر غۇنلىغان تىللاردا داستان بولغان ئاماننىسا، نوزۇگۇم، رىزۋانگۇل، ...لەردەك سانسىز قىز-ئاياللار چىققان.ھەم چىقىۋاتىدۇ.جۇملىدىن نۇرغۇن قىز-ئاياللار رىغابەتكە تولغان بۇ جەميەتتە تېرىشىپ ئىلگىرلەپ ھەر قايسى ساھەلەردە بىر قىسىم ئەرلىرىمىز قىلالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارسايەنەنۇرغۇنلىرى داڭلىق كارخانىچى،سودىگەر...بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ جەميەتكە تىگىشلىك ھەسىسىنى قوشۇۋاتىدۇ.نۇرغۇنلىغان ئاياللار پىژغىرىم ئاپتاپ،يامغۇر -يىشىن دىمەي ئەرلىرى بىلەن ئېتىزلاردا ھالال تەرىنى سىڭدۈرۈپ روناق تېپىۋاتىدۇ،يەنە سانسىزلىغان ئاياللار  زاۋۇتلاردا، نېفىتلىكلەردە.... ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەپ جەميەتكە تېگىشلىك ھەسىسىنى قوشۇۋاتىدۇ.ئەنە شۇلارمۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى>! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ دىگىم كىلىۋاتىدۇ: قىز-ئاياللار- مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى، كەلگۇسىنىڭ ئانىسى!.يولدىن ئازغان قىز-ئاياللار ،سىلەر ئازغىنە، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ئۇچۇن ئۆزەڭلارنىڭ قىممەتلىك ئىپپەت-نۇمۇسۇڭلارنى سېتىش بەدىلىگە ئۆزەڭلارگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، مىللىتىڭلار نىڭ شەنىگە داغ چۇشەرسەڭلار ۋىژدان سوتى ئالدىدا قانداق جاۋاپ بېرەسىلەر؟سىلەر مۇيۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەن ئاياللارنىڭ رۇھىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىزدەنسەڭلار، تېرىشساڭلار،ئەرلىرىڭلارغا سادىق بولۇپ يار يۆلەكتە بولساڭلار،پەس ئارزۇ –ھەۋەسلەردىن خالى بولساڭلار پاك تەن ۋە رۇھىڭلار بىلەن تۇرمۇش يولۇڭلارنى تېپىپ كىتەلەيتىڭلارغۇ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قىسقىسى،بىز مىللەتنىڭ تۇۋرۇگى بولغان ئەرلەرھەممىمىز قىزلىرىمىزنىڭ ساپالىق ئانا بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۇچۇن ئۆز مەسئولىيىتىمىزنى تولۇق تونۇپ تۇل خوتۇن، يېتىم-يىسىرلارغا سەمىمىي ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى،خوتۇن –قىزلىرىمىزغا كۆيۇنۇپ،ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىك، بىلىملىك، دىيانەتلىك ئانىلاردىن بولۇشىغا ئەرلىك مىھرىمىزنى بېرەيلى.
مەنبە؛يازمام
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(27)
96.4%
ئالقىشلايمەن
(1)
3.6%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • گۈزەل بولاي دېسىڭىز...

      دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا...

  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...