1. بالىلىرىڭىزنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىنتايىن ئېتىبار بىلەن تەربىيىلەڭ . ئۇلارغا ياخشى پەزىلەت ، گۈزەل ئەدەب-ئەخلاق ئۈگىتىڭ ، ئۇلارنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى گۈزەللەشتۈرۈڭ ، ئەقىل-پاراسەتلىك قىلىپ تەربىيىلەڭ .
ئىز تورى بەك ياخشى
2. بالىلىرىڭىز كۆپ بولسا ، ئۇلاردىن سۆيۈنۈڭ ، ئۇلارنىڭ يىغلىغانلىقى ، شوخلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقلانماڭ . كۈلۈپ ئىللىق چىراي بىلەن ئەركىلىتىپ ، نەسىھەت قىلىپ ، خۇشاللىق بىلەن تەربىيىلەڭ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3. ئۇلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن پات-پات يۇيۇپ تۇرۇڭ ، ئاندىن ئوبدان سۈرتۈڭ . بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ، ئۇلارنى قاتمۇ-قات ئورىماڭ ، قىسىپ تۇرىدىغان تار كىيىملەرنى كىيدۈرمەڭ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4. بالىلار ياتىدىغان ئۆي تازا خۇش ھاۋالىق بولۇشى كىرەك . زۆرۈر بولمىسا بالىلار ئۈستىگە قېلىن ، ئېغىر نەرسىلەرنى ياپماڭ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5. ئەڭ ياخشىسى ئالتە ئايغىچە سۈتتىن باشقا ئوزۇق بەرمەڭ . چىشى چىقىشتىن ئاۋۋال گۆش يىگۈزمەڭ . ھەرگىز تاماقنى ئۆزىڭىز چايناپ يىگۈزمەڭ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6. بالىنى ئېمىتىۋاتقان مەزگىللىرىڭىزدە سۈتىڭىزنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن پىياز ، سامساق قاتارلىق نەرسىلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىڭ . بولۇپمۇ ئىچىملىكلەردىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەڭ . ئىچىملىك بالىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ، خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
7. بالىلىرىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە قىلىۋەتمەڭ . ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا تاشلاپ قويماڭ ، گەپ ياندۇرۇشقا ئۈگەتمەڭ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ياخشى تۇتۇڭ . سىز ياخشى بولسىڭىز ، ئۇلارمۇ سىز بىلەن قارشىلاشمايدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
8. بالىلىرىڭىزنى يۈرەكلىك ، قورقماس قىلىپ تەربىيىلەڭ . جىن-ئالۋاستى دېگەنگە ئوخشاش بىمەنە سۆزلەرنى قىلىپ ، ئۇلارنى كىچىكىدىنلا قورقۇنچاق قىلىپ قويماڭ . كۆپ كىشىلەر ئۆيدە يالغۇز يىتىش ، يار ، ئازگال ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتىن قورقىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئۇلارنى كىچىك ۋاقىتلىرىدا باشقىلار قورقۇتۇپ قويغان . شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىڭىزنى قورقۇتۇپ تەربىيلىمەڭ .
مەنبە ؛ << دېھقان - چارۋىچىلار ئۈچۈن ساغلاملىقتىن ساۋات >> ناملىق كىتاب ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!