ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مەكىت ناھىيەسى 16 – ئىيۇن تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹دولان مەدەنىيىتى ئىجادىيەت مۇكاپاتى›› تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئۇتۇق ئىبراھىم، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كېرىمجان ئابدۇرېھىم ۋە مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرىغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.
بۇ نۆۋەتلىك ‹‹دولان مەدەنىيىتى ئىجادىيەت مۇكاپاتى›› ئۈچ دەرىجە بويىچە ئادىل مۇھەممەد، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس، مۇتەللىپ سىيىت، مۇساجان يۇنۇس، ئادىل ئابدۇرېھىم چوقۇرچاق قاتارلىق بەش ئاپتورغا تارقىتىپ بېرىلدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]