app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

2 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى 14 – ئىيۇن چۆچەكتە ئۆتكۈزۈلىدۇ

ۋاقتى:2014-06-06 13:09مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 بۇ يىل 14–ئىيۇن ، مەملىكەتلىك 8–قېتىملىق ‹‹مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى ›› . 3–ئىيۇن مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزىدە ئېچىلغان تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۇيۇشتۇرغان ، ئاپتونوم رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە–رادىيو–كىنو– تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سارىيى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلاشقان 2–نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى چۆچەك شەھىرىدە ئېچىلىدىكەن . پائالىيەت 14–ئىيۇن باشلىنىپ ، 20–ئىيۇن ئاخىرلىشىدىكەن .

    بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ھەپتىلىكى ئاساسلىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى — مىللەتلەر كىيىم–كېچەك كۆرگەزمىسى ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى — ئالاھىدە تائام كۆرگەزمىسى ، شىنجاڭ ‹‹ئۈچ تارىخ ›› كۆچمە مۇزېيى كۆرگەزمىسى ، شىنجاڭ قەدىمىي كىيىم – كېچەك كۆچمە مۇزېيى كۆرگەزمىسى ، تارباغاتاي ۋىلايىتى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ، تارباغاتاي ۋىلايىتى مىللەتلەر ئۆرپ–ئادەت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 73 تۈر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ، 64 كىشى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى بولغان، بۇ سانلىق مەلۇماتلار مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 283 تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ، 436 كىشى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى بولغان .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس