app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

قەدىمىي قەبرىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىشتان بايقالدى

ۋاقتى:2014-06-11 19:51مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

 ھازىر ھېچكىم 3000 يىل ئىلگىرى ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ باغرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىدا قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلالمايدۇ ، بىراق شۇ يەردىكى قەدىمىي قەبرىدىن بايقالغان ئىشتان تارىم ئويمانلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇر ئىشتان كىيگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتى تېخنىكىلىق ئاسراش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ دوڭلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئارخېئولوگلىرى ياڭخى قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان كىيىم–كېچەكلەرنى، بولۇپمۇ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ ئۇچىسىدىكى ئىككى ئىشتاننى مەخسۇس تەتقىق قىلغان . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۈ ئېنگو مۇنداق دېدى: «ياڭخى قەدىمىي قەبرىستانلىقى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە . كاربون ئارقىلىق يىلنى ئۆلچەش ۋە جۇڭگو ، گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشى نەتىجىسىدە ، بۇ ئىشتانلارنىڭ 3300 يىل بۇرۇن تىكىلگەنلىكى ، ئەينى چاغدا 40 ياشلار چامىسىدىكى ئەرلەرنىڭ كىيگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن . مۇتەخەسسىسلەر يەنە بۇ ئىشتانلارنى ئەينى چاغدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئات مىنگەندە كىيىش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشنى قوللىدى » .

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    ياڭخى قەدىمىي قەبرىستانلىقى تۇرپاندىكى ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ ، 2003-يىلى ئېچىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ، ھازىرغىچە 500 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرىنىڭ بارلىقى بايقالغان . ئارخېئولوگلار بۇ ئىككى ئىشتاننى كىيگۈچىلەرنىڭ چارۋىچى ياكى لەشكەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشتى . ئۇنىڭدىن باشقا ، قەدىمىي قەبرىلەردىن يەنە بىر قامچا ، ياغاچتىن ياسالغان بىر ئېغىزدۇرۇق ، بىر ئاي پالتا ۋە بىر كامالەك بايقالغان . ئىز تورى www.iz.la

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى www.iz.la

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس